باش بەت

نۇسرەتگۈل

7098يوللانما
89مەستانە

10-نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» بېنگال ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:26 0 ئىنكاس چۈشتى

خەلق تورى 11-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

جۇڭگونىڭ بېنگالدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تەشكىللىگەن 10-نۆۋەتلىك «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلى مۇسابىقىسى بېنگال مۇسابىقە رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 10-ئاۋغۇست بېنگال پايتەختى داككادا ئاخىرلاشتى.

10-ئاۋغۇست بېنگالدىكى ھەرقايسى ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن 10 ئوقۇغۇچى داككا كۇڭزى ئىنىستىتوتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ خەنزۇچە نۇتۇق سۆزلىدى ۋە نومۇر ئورۇنلىدى. مۇسابىقىدە بېنگال خەلقئارالىق مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان سەمىن ئازىم 1-بولۇپ، بېنگالغا ۋاكالىتەن جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» كېيىنكى نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرشتى.

نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىدە سەمىن «خەنزۇ تىلى مېنىڭ دۇنيانىڭ چوڭلۇقىنى بىلىشىمگە ياردەم قىلىدۇ» دېگەن تېمىدا راۋان خەنزۇ تىلىدا نۇتۇق سۆزلىدى؛ نومۇر ئورۇنلاش مۇسابىقىسىدە «كاڭچياۋ بىلەن خوشلىشىش» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلىپ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى.

ھازىر 8-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سەمىن: «ئۆزۈمنىڭ 1-بولغانلىقىمنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم. چۈنكى مېنىڭ گۈزەل جۇڭگونى كۆرۈپ كېلىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号