باش بەت

نۇسرەتگۈل

8210يوللانما
123مەستانە

ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇغاندىن كېيىنكى دۇنيا

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 21:46 9 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 11-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، بېلگىيەلىك فوتوگراف خېنك (Henk van Rensbergen) «ئادەمسىز كۆرۈنۈش» تېمىسىدا بىر يۈرۈش سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، ياۋايى ھايۋاناتلار تاشلاندۇق قۇرۇلۇشلارنى ئىگىلىگەندىن كېيىنكى ھەيران قارلىق كۆرۈنۈشلەرنى نامايان قىلدى ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇغاندىن كېيىنكى يېڭى دۇنيانى تەسۋىرلىمەكچى بولدى. ئىگىلىنىشىچە، خېنكنىڭ بۇ سۈرەتلىرى يېڭى توپلىمىغا كىرگۈزۈلۈپ، 9-ئايدا رەسمىي تارقىتىلىدىكەن.

ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دۇنيا قانداق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ؟ يەر شارىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى كېيىنكى نۆۋەتتە كىم ئۆتكۈزۈۋالىدۇ؟ خېنك بۇ ئورۇننى ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋاناتلار ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. 

كەسپىي ئۇچقۇچى خېنك دائىم دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ خىلمۇخىل قىياپەتلەرگە كېلىپ قالغان تاشلاندۇق قۇرۇلۇشلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. ئۇ بارغان قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئادەمسىز قۇرۇق بىنالار بولۇپ، ئىلگىرىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. بىراق، ئىنسان ھىدى قالمىغان بۇ قۇرۇلۇشلارنى ئاخىرىدا ھايۋاناتلار ئىگىلەپ خالىغانچە كىرىپ-چىقىپ يۈرمەكتە. خېنكنىڭ بۇ ئەسەلىرى ھەم گۈزەل ھەم قورقۇنچلۇق.

بۇ سۈرەتلەردە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى بىر تاشلاندۇق سودا سارايدا ياۋا چوشقا مېڭىپ يۈرگەنلىكى؛ ئانا-بالا پىللارنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىنى «ئۆي» قىلىۋالغانلىقى؛ يەنە تېخى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خالىغانچە ئۆسۈپ دېرىزىلەرنىمۇ قاپلاپ كەتكەنلىكى... كۆرسىتىلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، خېنك ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئەسەر ئېلان قىلىنغان ھەمدە كۆرگەزمە ئاچقان. ئۇنىڭ يېڭى كىتابى بۇ يىل 9-ئايدا نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، بۇ كىتابقا داڭلىق ھايۋاناتشۇناس، بىئولوگ، سەنئەتكار دېسموند (Desmond Morris) كىرىش سۆز يېزىپ بېرىدۇ. بۇ كىتابتىكى سۈرەتلەر ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتكەندىن كېيىنكى يەر شارىنىڭ ئەھۋالى نامايان قىلىنىدۇ. بۇ كىتابنىڭ ئاخىرقى سۆزى بېلگىيەلىك ھېكايە يازغۇچى پېتېرنىڭ (Peter Verhelst) يەر شارىدىكى ئاخىرقى ئىنسانلار توپىغا بولغان بايانى بىلەن تاماملىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ھاياتىم گۈزەل1 ئاي ئىلگىرى

    ئىنسانلارنىڭ نەسلى قۇرسا قالغان ھايۋانلارمۇ ساق قالامتى؟
    بىمەنە قاراشقۇ بۇ؟

  • مېھمان2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئشلارغا بىرنىمە دىمەك تەس

  • قوتاز4 ئاي ئىلگىرى

    قۇش ،ھاشارەت ،ئۆمۈلىگۈچى ھايۋان ھەم شۇنداقلا جۆيلۈگۈر خاۋكىڭ دەۋاتقان يەرشارىنى تاشقى پىلانىت ئادىمىنىڭ ئىگەللىۋېلىشى قاتارلىقلارنىمۇ كىرىشتۈرگەن بولسا تازا قىزىقارلىق بولار ئىكەن .

  • ئوغۇز4 ئاي ئىلگىرى

    ئاغزىدىن خوش خەۋەر چىقماي شۇم خەۋەرلا چىقىدىغان سولتەكلە

  • نىگار4 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇرغا بايكەن 30ھەرىپ توشسۇن دەپتۇ

  • ئەسكى4 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ فۇتوگىرافنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە بولغۇدەك

  • ئېسمىڭىزنى كىرگۈزۈڭ4 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ ئىشى كاتتىكەنيا بەھرامان ياشاۋىتىپتۇ ، خىيالى تەسەۋۇر قىلىشقا ئۇسىتكەن

  • قۇپال4 ئاي ئىلگىرى

    قارغاندا مۇشۇ فوتوگىرافنىڭ نەسلى قۇرۇپ كەتسە بولغۇدەك

  • ماڭا ئۇنى بۇنى دېمەڭلا4 ئاي ئىلگىرى

    بەك گۈزەلكەن مەن ياقتۇردۇم

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号