باش بەت

TLLAATM

123يوللانما
19مەستانە

بۇ ئالتە مۇھىم مەسىلىگە دىققەت قىلمىسىڭىز قەرز ئالالماي ئۆتۈپ كېتىسىز

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:47 0 ئىنكاس چۈشتى


 

تىللا شىركىتى تەرجىمىسى

 

يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىدىن بىز ئۇلارنىڭ ئىناۋەتلىك قەرزنى ئوڭۇشلۇق بېجىرىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ئانچە چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھىس قىلدۇق، شۇڭا بىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى رەتلەپ تەييارلىدۇق، سىلەرگە پايدىسى تېگىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


1. يولدىشى ياكى ئايالىنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنىڭ بانكا ئىشەنچ دەرىجىسىدە مەسىلە بولسا، يەنە بىرىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

بۇنىڭدا ئاساسلىقى قايسى خىل تىپتىكى پۇل قەرز ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغانلىقىغا قارىلىدۇ، ئەگەر ئۆي، ماشىنا ياكى بانكا كۆپ سوممىلىق قەرزىگە ئىلتىماس قىلغان بولسا بانكىنىڭ تەكشۈرۈشى بىر قەدەر قاتتىق بولىدۇ، بۇنداق تەكشۈرۈشتە قەرز ئىناۋەت خاتىرىسى ئاساسلىقى ئائىلىنى بىرلىك قىلغان ھالدا تەكشۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئەر-ئايال ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ قەرز قايتۇرۇش خاتىرىسىدىكى قەرەلى ئالتە قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ قەرز قايتۇرۇش ئىناۋەت خاتىرىسى سۈپەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، ئۆي قەرزى ئىلتىماسى رەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئائىلىنىڭ قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنىمۇ ئەر-ئايال ئىككى تەەرپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ قوغدىشى كېرەك.  


2. قەرز ئالغۇچى ۋاپات بولۇپ كەتسە ئالغان قەرزى قايتۇرۇلامدۇ؟

پۇل قەرز ئېلىش توختامى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن قەرز ئالغۇچى كىشى ۋاپات بولۇپ كەتسە، پۇل قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بۇنىڭلىق بىلەن يوق بولۇپ كەتمەيدۇ، ۋارىسلىق قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن، قەرز ئالغۇچىنىڭ مىراس مال-مۈلۈكى داۋاملىق قەرز قايتۇرۇش ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ. «ۋارىسلىق قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىدە: «مىراسقا ۋارىسلىق قىلىشتا ئالدى بىلەن مىراس قالدۇرۇپ كەتكۈچىنىڭ قەرز ۋە باج ھەققى قانۇنى تەلەپ بويىچە تۆلىنىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. باج ۋە قەرزىنى قايتۇرۇشتا ۋاپات بولغان كىشىنىڭ مىراسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى چەك قىلىنىدۇ. مىراسنىڭ ئەمەلىي قىممىتىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى، مىراسخورنىڭ  ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۆلەيدىغان قىسمى بۇنىڭلىق بىلەن چەكلەنمەيدۇ. مىراسخور مىراسخورلۇقتىن ۋاز كەچسە، مىراس قالدۇرغۇچىنىڭ قانۇن بويىچە تۆلەشكە تىگىشلىك بېجى ۋە قەرزىنى تۆلەش جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. مىراس قەرزىدىن باشقا يەنە ئەگەر رەنىلىك قەرزى بولسا، رەنىگە قويۇلغان نەرسىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ؛ ئەگەر چاتما كېپىللىك قەرزى بولسا، كېپىللىك بەرگۈچى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كونكىرېت ئەھۋال كونكىرېت تەھلىل قىلىنىدۇ.

3. يېزىلاردىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەرنى شەخسىي مال-مۈلۈك قاتارىدا قەرز پۇل ئىلتىماس قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

شەخسىي ئۆيلەر ئادەتتىكى تاۋار ئۆيلەردىن پەرقلىنىدۇ، ئۇلارغا مەخسۇس ئۆي-زېمىن كارخانىلىرى مەسئۇل بولمىغان بولۇپ، كۆپىنچىسىنى دېھقانلار ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ياسىۋالغان، كۆپ قىسمىنى دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن قەرز بېجىرىشتە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، يەنە كېلىپ يېزىلاردىكى شەخسىي ئۆيلەرنىڭ باھاسىمۇ ئانچە يۇقىرى ئەمەس، قەرز ئىلتىماس قىلىشتا ئىشلەتكەن تەقدىردىمۇ كۆپ پايدىسى بولمايدۇ.  

4. كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرى بولسىلا قەرزگە ئىلتىماس قىلغىلى بولامدۇ؟

بۇنىڭدا ئەھۋالغا قارايدۇ، ھەممىمىزگە تونۇش بولغان چىقىمدان، يەنى جىفۇباۋدا چۈمۈلە ئارىيەت نومۇرى بار، ئادەتتە سىزنىڭ چىقىمداندىكى كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇرىڭىز يۇقىرى بولسا ھەمدە چىقىمداندىكى قەرز قايتۇرۇش ئىناۋەت خاتىرىڭىز سۈپەتلىك بولسا، مەسىلەن سۇ، توك پۇلى قاتارلىق كۈندىلىك چىقىملارنى ۋاقتىدا تاپشۇرغان بولسىڭىز، تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش ئەھۋالىڭىز، جىفۇباۋدىكى ئىناۋەت قەرزىنى قايتۇرۇش ئەھۋالىڭىز قاتارلىقلاردىكى ئىپادىڭىز ياخشى بولسىلا، ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى ئېلىش ئاسانغا توختايدۇ. كۈنجۈت ئىناۋەتلىك نومۇرىنى تەكشۈرۈش ئەمەلىيەتتە بۇ قەرز تۈرنىڭ بىر پارچىسى ھىساپلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىزنىڭ تاۋباۋ ياكى جىڭدوڭدىكى ئىسپاتىڭىز، كەسپىڭىز ۋە مائاشىڭىزنىڭ ئەھۋالىنى، ئالاقىلىشىش خاتىرىڭىز قاتارلىقلارنىمۇ تەكشۈرۈلىدۇ.

5. قەرز پۇلى تولۇق قايتۇرۇلمىغان ياكى ھازىر قايتۇرۇلىۋاتقان ئۆينى سېتىۋەتكىلى ياكى رەنىگە قويۇپ قەرز ئالغىلى بولامدۇ؟

بۇ خىل ئۆينى بىۋاسىتە سېتىۋېتىشكە ئېنىق بولمايدۇ، بانكىنىڭ قەرزى تولۇق قايتۇرۇلمىغان ئۆي رەنە ھالەتتە تۇرىدىغان بولۇپ، بانكىغا بېرىپ رەنىنى بىكار قىلىۋىتىشى زۆرۈر، شۇندىلا ئالغۇچى ساتقۇچى ئىككى تەرەپ سودىلىشالايدۇ، ئاندىن مۈلۈك ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى يەڭگۈشلەش رەسمىيىتىنى بېجىرەلەيدۇ. رەنە رەسمىيىتىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن بۇ ئۆينىڭ ئېشىپ قالغان قەرزىنى قايتۇرۇش كېرەك، ئاندىن بۇ ئۆينى سېتىۋېتەلەيدۇ.

ئۆينىڭ قەرزىنى تولۇق قايتۇرۇپ بولالماي تۇرۇپمۇ، يەنە قائىدە بويىچە رەنىلىك قەرزگە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇ خىل قەرز شەكلى «ئۆي 2-قېتىملىق رەنىلىك قەرزى» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆينىڭ ئىككىنچى قېتىملىق رەنىلىك قەرزىنى بېجىرىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار: بىرىنچىسى، بىۋاستە ھالدا ئەسلىدىكى قەرزنى ئاساس قىلىپ بېجىرىش، بۇنىڭدا چوقۇم يېتەرلىك ۋاقىت ئىچىدە قەرزنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمى تولۇق ۋاقتىدا قايتۇرۇلغان بولۇشى ۋە ئىناۋەتلىك خاتىرسى سۈپەتلىك بولۇشى لازىم؛ ئىككىنچى، ئۆلچەملىك كېپىل بولغۇچى شىركەتلەرنى رەنىگە قويۇپ، ئەسلىدىكى رەنىنى بىكار قىلىش، ئاندىن بۇ ئۆينى رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش. ئەمما بۇ خىل قەرز ئېلىش بىر قەدەر مۇرەككەپ بولۇپ،  ئەگەر سىزنىڭ شەخسى قەرز قايتۇرۇش ئىقتىدارىڭىز بەك يۇقىرى بولمىسا، كۆپىنچە قەرز بېجىرىش ئورۇنلىرى بۇ خىل 2-قېتىملىق رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش ئىلتىماسىڭىزنى قوبۇل قىلمايدۇ.

6. نېمە ئۈچۈن قەرزگە ئىلتىماس قىلغاندا ئۇنېۋىرسال نومۇرىڭىز يېتەرلىك ئەمەس ئىكەن دەپ جاۋاپ كېلىدۇ؟

ئۇنىۋېرسال نومۇر قويۇش نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مەسىلەن ھەقىقىي ئىسىمدا گۇۋاھلىق بېرىش، تېلېفون نومۇرى ھەقىقى ئىسىم بىلەن باغلانغان بولۇش، كەسىپ ئىسپاتى بولۇش، توردا نەرسە سېتىۋېلىش ھېسابات نومۇرى، شەخسى ئىناۋەت ئەھۋالى، كۈنجۈت ئىناۋەت نومۇر ئىسپاتى، ئىناۋەتلىك كارتا ئېلخەت ئادرېسى ئىسپاتى، تىجارەت كېنىشكىسى، ئۆي-مۈلۈك گۇۋاھنامىسى قاتارلىقلار بار. ئۇنىۋېرسال نومۇر ئاساسلىقى نامىغا قاراپ مەنىسىنى بىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قەرز بەرگۈچى ئورۇن قەرزگە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى يۇقىردا دېيىلگە تەلەپلەر بويىچە باھالاپ نومۇر قويۇپ چىقىدۇ، قەرز سانى چەكلىك بولغاچقا، ئۇنىۋېرسال نومۇرنى يۇقىردىن تۆۋەنگە تىزىپ، شۇنىڭغا ئاساسەن قەرزنى كىمگە بېرىشىنى تاللايدۇ. ئۇنىۋېرسال نومۇرىڭىز يۇقىرى بولسا، قەرز ئېلىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلەيسىز، نومۇرىڭىز تۆۋەن بولسا، قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈپ، كەم قالغان ياكى ياخشى بولمىغان تەرەپلەرنى ياخشىلاپ، قەرزگە ئىلتىماس قىلغاندا رەت قىلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولىدۇ.

پۇل لازىم بولغاندا خەجلەيدىغان پۇلۇم بولسۇن دېسىڭىز، يۇقىرىدا دېيىلگەن تەرەپلەرگە ياخشى دىققەت قىلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ شەرتلىرىڭىزنى ياخشىلاڭ، سىزگە ئامەت تىلەيمىز.


تەرجىمىدە ئاساس قىلىنغان ئەسلى مەنبەسى : 

تىللا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى سىستېمىسى ئېلان قىلىندى

تىللا ATM ئاپپاراتىنىڭ ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە قوش تىللىق مەشغۇلات سىستېمىسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭ رايوننىڭ توك پۇلى تۆلەش سىستېمىسى ئومۇمىي يۈزلۈك ئېچىۋېتىلدى. سىستېما 2017 -يىلى 7-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ تەۋەسىدىكى بارلىق ئاپپاراتلارغا ئومۇمىي يۈزلۈك قاچىلىنىدۇ. تەپسىلاتىنى شىركىتىمىزنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونى ياكى سېتىش خادىملىرىدىن سۈرۈشتۈرۈڭ !

يۇقىرىقى تۈرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى تىللا شىركىتىگە تەۋە.

شىركىتىمىز كەسپىي مۇلازىمەت ۋە مەسلىھەت بېرىش قوشۇنى تەشكىللەپ بۇ ساھەگە قىزىقىۋاتقانلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرقانداق مەسلىھەتىڭىز ۋە سوئالىڭىز بولسا باش مۇلازىمەت تېلېفونى بىلەن ئالاقىلىشىپ سورىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز:

ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ئارقىلىق «تىللا» ئورگان سالونىغا كېرەلەيسىز. قوشۇۋېلىڭ، ئەگىشىڭ.

ئەگەر شىركىتىمىز مەھسۇلاتلىرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، يۇقىرىدىكى ئىككىلىك كودنى تونۇتۇپ قوشۇپ، سالونىمىزغا ATM نى يوللاش ئارقىلىق شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە بېجىرىش تەرتىپلىرىنى بىلەلەيسىز. ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇپ چىققىنىڭىزنى بىزنى قوللىغىنىڭىز دەپ بىلىمىز ۋە داۋاملىق قوللايدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمىز. بۇ تېمىنى دوستلار چەمبىرىكىڭىزگە ۋە يېقىنلار توپلىرىغا ھەمبەھىرلەش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بىللە تەرەققىي قىلىشىنى، ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىزنى تاغدەك ئىشەنچ بىلەن قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. ئىككىلىك كودنى تونۇتۇش ئارقىلىق تەپسىلىي مەسلىھەت سوراڭ !

ئىشخانا ئادرېسىمىز:

شاڭخەي شەھرى پۇدۇڭ رايونى جاڭجىياڭ يۇقىرى پەن تېخنىكا تەرەققىيات باغچىسى كېيۈەن يولى 151 -نومۇر (خۇاچىياڭ بىناسى 3-قەۋەت  06- A-ئىشخانا)

(上海市浦东新区张江高科园科苑路151号(华强大厦三楼A06

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونى جۇڭشەن يولى بەيخۇاسۈن بىناسى 23-قەۋەت 23018-ئىشخانا  

乌鲁木齐市中山路百花村23层2318室

يانفون : 

ئىشخانا : 2320220 -0991

ئاقسۇ : 15559488123

خوتەن : 13399033639

قەشقەر : 13309981011

18140766770 نازارەت تېلېفۇنى

     

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号