باش بەت

شىرئەلى روزى

360يوللانما
14مەستانە

دارازا بولسىمۇ خاپىلىق، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ ئېگىزلىكى تۈپەيلى تارتقان خاپىلىقلىرىنى كۆرۈڭ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:44 21 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

NBA ۋاسكېتبولچىلىرىغا نىسبەتەن قاۋۇل ۋە ئېگىز بەدەن ئۇلارنىڭ توپ ئويناشتىكى ئاساسلىق «دەسمايىسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق توپ مەيدانىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن بۇنداق بەدەن شارائىتى ئۇلارغا تۇرمۇشتا بەزىبىر قولايسىزلىقلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن يېقىندا دېسنى شاتلىق باغچىسىدا ئوينىغىلى كەلگەن كوبې بىراينىت بىر كۆڭۈل ئېچىش ئۈسكۈنىسىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى قىينىلىپ كەتكەن، چۈنكى ئۇنىڭ بەدىنى ئادەتتىكى ئادەملەردىنمۇ زور بولغاچقا بۇ نەرسىگە پەقەتلا پاتمىغان. دۆلتىمىزدىكى كىچىك گىگانىت ياۋمىڭمۇ بەزى ۋاقىتلاردا دارازىلىقى تۈپەيلى نۇرغۇن قولايسىزلىقلارغا ئۇچرىغان، ئۇنداقتا بۈگۈن بىز بۇ ۋاسكېتبولچىلارنىڭ ئېگىز بويى تۈپەيلى قانداق خاپىقلارنى تارتقانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:

يېرىم كېچىدە ياۋ مىڭنىڭ ئايالى يې لى ئاپتوموبىلى بىلەن يولدىشىنى ئالغىلى كەلدى، بۇ لەندىروۋېر ئاپتوموبىلى مەخسۇس ياۋ مىڭ ئۈچۈن بۇيرۇتۇپ ياسالغان، شۇنداقتىمۇ ياۋمىڭ ماشىنىنىڭ ئىچىگە كىرگەندە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرالمايدۇ، رەسىمدىن كۆرەلەيمىزكى شۇنچە ھەيۋەت لەندىروۋېر ئاپتوموبىلىمۇ ياۋ مىڭغا نىسبەتەن ئويۇنچۇق ئاپتوموبىلدەكلا بولۇپ قالغان.

بولۇپمۇ ياۋمىڭ تۈرلۈك يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندا ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ناھايىتى بېشى قاتىدۇ، چۈنكى ياۋ مىڭنى پائالىيەتكە ئېلىپ كېلىش ۋە ئاپىرىپ قويۇشقا مۇۋاپىق ئاپتوموبىل تېپىش ناھايىتى قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ، رەسىمدىكى بۇ پىكاپقا ياۋ مىڭ پاتارمۇ؟

تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتناشقاندا ناۋادا ياۋمىڭغا مەخسۇس بۇيرۇتۇپ ياسالغان ئۈستەل ۋە ئورۇندۇق بولمىسا بەلكىم ياۋ مىڭ يېرىم كۈن بۇنداق ئولتۇرۇشقا چىدىيالماسلىقى مۇمكىن.

بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكىدىن ئۆتكەندە ياۋ مىڭ چوقۇم ئېڭىشىپ ئۆتۈشى كېرەك.

ياۋ مىڭ ۋە ئايالى ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىۋاتىدۇ، بۇ كارىدوردىمۇ ياۋ مىڭ ئېڭىشىپ ماڭمىسا بېشى تورۇسقا تېگىپ قالىدۇ.

NBA دىكى ۋاسكېتبولچىلارنىڭمۇ بۇنداق ئاۋارىچىلىقلىرى ئاز ئەمەس، بۇ سۈرەتكە قاراڭ، ئېگىزلىكى 2.08 مېتىر كېلىدىغان بىلايىك گىرىففىن ۋە 2.11 مېتىر كېلىدىغان دېئاندېرو جوردان مېھمانخانىنىڭ كارىدورىغىمۇ پاتمىغان بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا خۇددى قەپەزكە سولاپ قويۇلغاندەك بولۇپ قالغان.

بۇ رەسىمدە كوبې ماشىنىغا ئولتۇرغاندەك ئەمەس بەلكى بىرەرسى كوبېنى كاپىنكىغا كەپلەپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ.

ۋاسكېتبولچىلارغا يەنە ئۆزىگە ماس لايىق تېپىشمۇ تەس مەسىلە، رەسىمدىكى بوي ئېگىزلىكى 2.06 مېتىر كېلىدىغان خۇمپېرىس ئىلگىرىكى ئايالى، يەنى بويى ئارانلا 1.60 مېتىر كېلىدىغان كارداشىياننى سۆيگەندە بىرسى ئېگىلىپ، بىرسى سوزۇلۇپ قالغان، بىراق خۇمپېرىس ھازىر بۇ خاپىلىقتىن قۇتۇلدى.

باشتا دېگەن مەزمۇنىمىزنىڭ رەسىمى مۇشۇ، كوبېنى بۇ ماشىنىدا ئويناڭ دېگەنلىك ئۇنى جازالىغانلىققۇ!

باش سۈرەت تاللاش x
  • سەدەپ2 ئاي ئىلگىرى

    destu
    سىز ئوغۇل بالا بولسىڭىز نورمال،ئەگەر قىز بالا بولسىڭىز سېمىزرەك ھېسابلىنىسىز

  • پاكنۇر2 ئاي ئىلگىرى

    گىگانت ئادەملە توغىرسىدا كىنو كۆرگەندەكلا ھىسياتقا كەپ قالسىم،ياۋمىڭنىڭ بەك قىززىقكەن

  • Destu2 ئاي ئىلگىرى

    17.5-60 كىلو نورمال مۇ باللا يا مەلھەر بەرسەڭلار.............

  • سەرگەردان2 ئاي ئىلگىرى

    مەن مۇ 1.86 كىلمەن ئىگىز ......

  • ئابدۇغېئى2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ 1.82كىلمەن،ئېغىرلىقىم ئاران72,Kg سەل ئۇرۇق شۇ ،بۇيۇم ئۆلچەملىك لىكىن زە سەل ئاۋاق كۆرنىپ قالدىكەن كىشى،قانداق قىكاتتۇق تاماقنى تەڭشەپ يەپ تەنھەركەت بىلەن كۆپرەك شۇغىللىنىپ بەرسەم بۇلار دەيمەنغۇ

  • س گ2 ئاي ئىلگىرى

    دىۋنىڭ باللىرىكەنغۇ بۇلا يا ھەزرەت

  • ئالەم كوماندىسى بارسېلونا2 ئاي ئىلگىرى

    ئەمىنجان

    ،ئۇنداق قىلغاندىن كۆرە ،ھازىر ئۈستى ئېچىلىدىغان ماشىنىلارمۇ كۆپقۇ پۇلى سەل قىممەترەك شۇ،لېكىن ياۋمىڭدەك چولپانلار سېتۋالالايدۇ ، شۇنىڭدا ئولتۇرسىمۇ بولىدۇ

  • تەنھا يىگىت2 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار ئۆزىگە لايىق ئۈستى ئوچۇق ماشىنا ياسىتىپ ماڭسا بولىدىغۇ

  • ئالەم كوماندىسى بارسېلونا2 ئاي ئىلگىرى

    مەن 1مېتىر75

    ئوتۇز ھەرپ توشتىمۇيا

  • ئەمىنجان2 ئاي ئىلگىرى

    ياۋمىڭ ئەڭ ياخشىسى تىراكتۇردا ئولتۇرسا ئەڭ مۇۋاپىق بولغۇدەك جۇمۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号