باش بەت

del103

3941يوللانما
21مەستانە

سامسۇڭ S8 يانفونىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش مىقدارى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدۇ

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:30 8 ئىنكاس چۈشتى

سامسۇڭ، ئالما قاتارلىق خەلقئارالىق ماركىلار ناھايىتى ئۇزۇن مەزگىل دۆلىتىمىزدە ئالىي دەرىجىلىك يانفونلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ كەلدى، بىراق، دۆلىتىمىز كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان يانفونلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالما بىلەن سامسۇڭ گەرچە يەنىلا ئالىي دەرىجىلىك يانفون سانالسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇلارنىڭ قاتارىغا باشقىلارمۇ قوشۇلدى.

بۇ نۇقتىنى يۇقىرىقى ئىككى كارخانا بازارغا سالغان يانفونلارنىڭ دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش مىقدارى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئەڭ يېڭى بازار ئۈلۈشىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئايان بولۇشىچە، 2-پەسىلدە سامسۇڭ بىلەن ئالما يانفونلىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سامسۇڭ بىراقلا 7-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان.

بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان سامسۇڭنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى S8 دۆلىتىمىزدە ئاران 300 مىڭ دانە ئەتراپىدا سېتىلغان. بىلىشىمىز كېرەككى، دۆلىتىمىز كارخانىلىرىنىڭ بايراقدار دەرىجىلىك يانفونلىرى ئادەتتە 500 مىڭدىن كەم سېتىلمايدۇ. بۇ قېتىم S8 نىڭ «ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك» تۆۋەن سېتىلىش مىقدارى سامسۇڭنىڭ جۇڭگو بازىرىغا تۇتقان ئىستراتېگىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خۇلاسە: گەرچە يانفون كەسپىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سامسۇڭ يەنىلا ئىچكى ساقلىغۇچ كەسپىگە تايىنىپ نۇرغۇن پۇل تېپىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا ئېلان قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان سامسۇڭ Note 8 يانفونى ۋەزىيەتتە بۇرۇلۇش پەيدا قىلالامدۇ-يوق؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆمەرجان3 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ تىلفۇنىنى سىتىۋىلىپ بۇ قىتىمقىدەك پۇشايمان قىلمىغان سۇ ئۆتمەيدۇ دەپ داڭلاپ ستىپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئاي بولدى شۇ تىلفۇنغا سۇ ئۆتۈپ كىتىپ ئەتە ئەتە ئەتە دەپ مانا ساق بىر ئاي بولدى تىلفۇنى ساق بىر ئاي ئشلەتكەن بولسامۇ ئارمىنىم يوقتى 28كۈن ئىشلتىپ ئاشۇندا بولدى سامسۇڭدىن بەك سويدۇم جىما يەنلا ئىلىمىزنىڭ يانغۇنى ياخشكەن ماڭا شۇ ئوپو ئەسقاتى

  • فاخرى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن بۇرۇن سامسۇڭ ئىشلەتكەن ئالما تېلفۇنمۇ ئىشلەتكەن سامسۇڭ تۇلا قېتىۋىلىپ ئوپپو ئىشلەتتىم ھازىر ۋىۋو ئىشلىتىۋاتىمەن ھەممە تېلفۇننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكى بار، ئوپپونىڭ ئاپىراتى ۋەھشىي ياخشى بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر ئاساسەن ۋىۋو ئىشلىتۋاتىدۇ دادام شۇ نوت بەشتىن بىرسى بار دادامغىمۇ ھازىر يا ئوپپو ياكى ۋىۋو ئەپبىرەيمىكىن دەپ ئولتۇردۇم

  • مەن4 ئاي ئىلگىرى

    ئەرزان باھالىق نەرسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان

  • بەختىم سەن4 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ ھەرقانچە تىرىشقان بىلەن چۈنكى مەغلۇپ بولۇشقا ئاز قالدى

  • مەتلى4 ئاي ئىلگىرى

    چۈنكى باھاسى زىيادە قىممەت
    بىردانە سامسۇڭ s8+نىڭ پۇلىغا ئىككى دانە ئوپپو r11كىلىدىكەن
    تېلېفونۇم قالتىس دەپلا قىممەت ساتسا بومماس

  • tajdar4 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋەتتە بىرىنچى بۇلىشى كېرەك، بۇرۇن ئالما مودا بولسا ھازىر سامسۇڭ

  • بوران4 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭ ئىسىل يانفۇن ،ئامما ۋەتىنمىزنىڭ يانفۇنلىرىمۇ ناھايىتى ياخشىكەن ،،بۇرۇن بىلمەپتىكەنمەن شاۋمى يانفۇننى ئىشلەتكەندىن بىرى ۋەتىنمىزنىڭ يانفۇنلىرىنىڭمۇ ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدىم،،سامسۇڭ ئىس ئۈچ ئىس توت ئىس بەش سامسۇڭ شىركىتى مىنىڭ خىلى پۇلۇمنى ئىلۋالدىدە ،،شامىغا خەجلىگا

  • سادىق4 ئاي ئىلگىرى

    مىندە گەپ ئەمدى ،،،سامسۇڭ s8 ھەقىقەتەن بۇلدىغان تىلفۇن،،،ئىختىدار سۇپەت سالاپەت دىسە يەتكۇچە با
    ھىچقانداق تىلفۇن رەقىپ بۇلالمايدۇ،،،
    لكىن بىزنىڭ يۇرۇتلاردىمۇ ،ئۇپپۇ ،ۋىۋۇ،لار بەكلا مۇدا بۇپ كەتتى،،،باھاسى مۇۋاپىق،شەكلى چىرايلىق ،ئىقتىدارى بىزنىڭ ئىشلىتشىمىزگە يىتىپ،ئاشدۇ،،
    شۇڭا كىشلەر 6000 مىڭغا سامسۇڭنى تاللىماي،3000 مىڭغا ئۇپپۇ ۋىۋۇنى تاللايدۇ،،،
    لكىن ئەزەلدىن سامسۇڭ ئىشلىتىپ كۇنگەن سامسۇڭ ھەۋەسكارلىرى بۇلسا،باشقا تىلفۇنغا ئاسانلقچە كۇنەلمەيدۇ،،
    گەپنىڭ پوس كاللىسغا كەلسەك،،دىۋلىتمىزنىڭ يانفۇنلىرمۇ ناھايتى ياخشى چىقۋاتدۇ،،شۇڭا ئۇزمىزنىڭ مەھسۇلاتلىرنى قۇللاپ قۇيايلى،،،مەنمۇ سامسۇڭدىن ئۇپپۇغا كۇچتۇم ،،،
    ھەر جەھەتتىن ياخشى چىقتى بۇ تىلفۇن،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号