باش بەت

durdana

1160يوللانما
67مەستانە

دۆلىتىمىزدىكى 20 ئاز سانلىق مىللەتنىڭ گۈزەل قىزلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:30 24 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، ئۇنىڭدا خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 91.51 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 55 مىللەت نوپۇسىنىڭ ئومۇمىي سانى 8.49 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىدۇ. بۈگۈن بىز 20 ئاز سانلىق مىللەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1.  تاجىك مىللىتى

تاجىك مىللىتى ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئىرقىدىن بولۇپ، تاجىك تىلىدا سۆزلىشىدۇ. تاجىك مىللىتى ئوتتۇرا ئاسىياغا مەركەزلەشكەن، ئاساسلىق ئاھالىسى تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا تارالغان. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى تاجىكلار شىنجاڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيىسىدىلا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان.

2. بەيزۇ مىللىتى

بەيزۇ مىللىتى جۇڭگودىكى 15-ئاز سانلىق مىللەت، ئاساسلىقى يۈننەن، گۈيجۇ، خۇنەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە تارالغان، يۈننەندە بەيزۇلارنىڭ نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئاساسلىقى يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا جايلاشقان. سىچۇەن ئۆلكىسى ۋە چوڭچىڭ شەھرى قاتارلىق جايلارغا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بەيزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بولۇپ، زاڭزۇ تىل سىستېمىسى تىبەت بىرما تىلىغا تەۋە. خەنزۇ تىلى بەيزۇ مىللىتى ئاممىسى بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كەلگەن تىل. بەيزۇ مىللىتى سەنئەت جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە، قۇرۇلۇش، ئويمىچىلىق، رەسىم سىزىش جەھەتتە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن. تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئەتراپتىكى ھەر قايسى مىللەتلەر بىلەن باردى-كەلدى قىلىپ پارلاق ئىقتىسادىي مەدەنىيەت بەرپا قىلغان.

3. باۋئەن مىللىتى

باۋئەن مىللىتىنىڭ نوپۇسى نىسبەتەن ئاز نوپۇس ھېسابلىنىدۇ، مىللەت تىلى باۋئەن تىلى بولۇپ، ئالتاي تىل سىستېمىسى موڭغۇل تىلىغا تەۋە، ئەتراپتىكى خەنزۇ، خۇيزۇلار بىلەن ئۇزۇن مۇددەت باردى-كەلدى قىلىش جەريانىدا باۋئەن مىللىتى خەنزۇ تىلىدىكى سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولغان،خەنزۇ يېزىقىنى ئاساس قىلىدۇ. باۋ ئەن (ئامانلىق قوغداش) دېگەن نامنى ئۇلار ئۆزلىرى قويىۋالغان. باۋئەن مىللىتى لىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىرى، لەنجۇ شەھرى، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئولتۇراقلاشقان.

4. تۇجيا مىللىتى

تۇجيا مىللىتى تارىخى ئۇزۇن بىر مىللەت، مىللەت تىلى بار، خەنزۇ  زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسى زاڭزۇ-بىرما تىل ئائىلىسىگە تەۋە، يىزۇلارنىڭ تىلىغا يېقىن كېلىدۇ، يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقى ئىشلىتىدۇ. تۇجيا مىللىتى خۇنەن ئۆلكىسى بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋۇلىڭ تاغلىق رايونىغا جايلاشقان.

5. چاۋشيەن مىللىتى

چاۋشيەن مىللىتى خەنمىن مىللىتى، چاۋ مىللىتى، گاۋلى مىللىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەرقىي ئاسىيادىكى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى. تىلى چاۋشيەن تىلى/كورىيان تىلىدا. چاۋشيەن مىللىتى قەدىمدىن «ئاق كىيىملىك مىللەت» دەپ ئاتالغان، ئۆزىنى «ئاق كىيىملىك قېرىنداشلار» دەپ ئاتىغان. چاۋشيەن مىللىتى ئاساسلىقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان، چاۋشيەن بىلەن كورېيە خەلقىنى تەشكىل قىلغان مىللەت، ئىككى دۆلەت كىشىلىرى بىر مىللەتتىن، ئومۇمىي نوپۇسى 75 مىليون ئەتراپىدا. چاۋشيەن بىلەن كورېيەدىن باشقا چاۋشيەن مىللىتىنىڭ سانى مىليوندىن ئاشىدىغان دۆلەتلەردىن جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بار.

6. قازاق مىللىتى

قازاق مىللىتىنىڭ تىلى قازاق تىلى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ. قازاق مىللىتى ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادا ياشايدىغان بولۇپ، قازاقىستان، جۇڭگو، رۇسىيە، ئۆزبېكىستان، تۈركىيە، موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارقالغان.

7. مياۋزۇ مىللىتى

مياۋزۇ مىللىتى قەدىمىي مىللەت، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارالغان، جۇڭگونىڭ گۇيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، سىچۇەن، يۈننەن، گۇاڭشى، خەينەن ئۆلكىلىرىگە تارالغان. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ لائوس، ۋېيتنام، تايلاند قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلىرىغا تارالغان، مياۋزۇ مىللىتىنىڭ ئۆز ئالدىغا تىلى بار، مياۋزۇ تىلى خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسى مياۋزۇ-ياۋزۇ تىلى گۇرۇپپىسى مياۋزۇ تىلى تارمىقىغا كىرىدۇ. شياڭشى، چيەندوڭ، چۇەنچيەن قاتارلىق ئۈچ خىل شىۋىسى بار. مياۋزۇ بىلەن خەنزۇلار ئۇزۇن مۇددەت قويۇق ئالاقە قىلغان، بىر قىسىم مياۋزۇلار خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلتىدۇ. ئاتا-بوۋىسىنىڭ دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ.

8. ماۋنەن مىللىتى

ماۋنەن مىللىتى جۇڭگودىكى نوپۇسى نىسبەتەن ئاز بولغان تاغلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى، مىللەت تىلى ماۋنەن تىلى، خەنزۇ- زاڭزۇ تىل سىستېمىسى جۇاڭزۇ-دۇڭزۇ تىل تۈركۈمى دۇڭزۇ ، شۈيزۇ تىل تارمىقىغا تەۋە. خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىپ ئىشلىتىدۇ. ماۋنەن مىللىتى ئاساسەن گۇاڭشى، گۇيجۇلارنىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىگە تارالغان.

9. ئۆزبېك مىللىتى

جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئۆزبېك مىللىتى، چىگرا سىرتىدىكى ئۆزبېك مىللىتىنىڭ تىلى ئۆزبېك تىلى، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار گۇرۇپپىسىنىڭ قارلۇق تىلى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. ئۆزبېكلەر ئاساسەن ئوتتۇرا ئاسىياغا جايلاشقان بولۇپ، ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارالغان. جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى ئۆزبېكلەر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نۇرغۇن ناھىيە، شەھەرلىرىنىڭ شەھەر رايونىغا تارالغان، ناھايىتى ئاز قىسمى يېزىلاردا ياشايدۇ.

10. گېلاۋ مىللىتى

مىللەتنىڭ يىلتىزى قەدىمكى لياۋلىقلارغا تۇتىشىدۇ، مىللەتنىڭ تىلى گېلاۋ تىلى، خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسىغا تەۋە، يېزىقى يوق، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتىدۇ. گېلاۋ مىللىتى ئاتا-بوۋىلىرىغا، تاغ ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. گېلاۋ مىللىتى گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى ۋۇچۇەن بىلەن داۋجېن ناملىق ئىككى گېلاۋ مىللىتى ئاپتونوم ناھىيەسى ۋە شىچىيەن ناھىيەسىگە جايلاشقان، قالغانلىرى يەنە ئەنشۈن، پىڭبېي، پۇدىڭ، گۇەنلىڭ، چىڭدىڭ، جېڭئەن، فېڭگاڭ، سوڭتاۋ، چىيەنشى، ليۇجى، جىجىن، دافاڭ قاتارلىق 20 نەچچە ناھىيەگە تارالغان.

11. ئۇيغۇر مىللىتى

ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىدۇ، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ، مەركىزىي دىئالىكىت، خوتەن دىئالىكتى، لوپنور دىئالىكىت دەپ ئۈچ دىئالىكىتقا بۆلۈنىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپىدىكى بوستانلىقلاردا مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان، بولۇپمۇ قەشقەر بوستانلىقى، خوتەن بوستانلىقى، ئاقسۇ بوستانلىقى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا ئەڭ مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان.

12. بۇلاڭ مىللىتى

بۇلاڭ مىللىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئاز سانلىق مىللەت، مىللەت تىلى بۇلاڭ تىلى، جەنۇبىي ئاسىيا تىللىرى سىستېمىسى بېنگال-كخمېر تىلى ئائىلىسى بۇلاڭ تىلى تارمىقىغا تەۋە، بۇلاڭ ۋە ئاۋا دەپ ئىككى دىئالىكىتقا بۆلۈنگەن، يېزىقى يوق. بۇلاڭ مىللىتىنىڭ ئاغزاكى مەدەنىيىتى مول، ھازىرغىچە ئۆزگىچە بولغان تىلى، كىيىم-كېچىكى، ناخشا-ئۇسسۇلى، تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاپ كەلگەن.

13. چياڭزۇ مىللىتى

قەدىمكى چياڭلاردىن كەلگەن، جۇڭگونىڭ شەرقىدىكى قەدىمىي مىللەت، قەدىمىي چياڭلار جۇڭگونىڭ تارىخى تەرەققىياتى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن، تىلى چىياڭ تىلى بولۇپ، زاڭزۇ تىل سىستېمىسى زاڭزۇ-بېرما تىلى ئائىلىسىنىڭ چياڭزۇ تىلى تارمىقىغا تەۋە، شىمال ۋە جەنۇب دىئالىكتىغا بۆلۈنىدۇ. چياڭزۇ مىللىتى ئۆزىنى ئېرما ياكى ئېرياڭ دەپ ئاتايدۇ، ئۇلار «بۇلۇت ئۈستىدىكى مىللەت» دەپ ئاتالغان، سىچۇەن ۋە گۈيجۇنىڭ ناھىيەلىرىگە تارالغان.

14. لىزۇ مىللىتى

خەينەنداۋنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالىسى، لىزۇ تىلى خەنزۇ-تىبەت تىل سىستېمىسى، جۇاڭتوڭ مىللىتى تىل گۇرۇپپىسى لى مىللىتى تىل تارمىقىغا مەنسۇپ. كۆپ قىسمى خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشەلەيدۇ، بۇرۇن لىزۇ مىللىتىنىڭ يېزىقى يوق بولۇپ، خەنزۇ يېزىقىنى ئىشلىتەتتى. 1957-يىلى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە لاتىن يېزىقىنى ئاساس قىلغان لىن يېزىقى ھاسىل قىلىنغان، ئىتقادى ئىپتىدائىي دىن. لىنزۇ مىللىتى خەينەن ئۆلكىسىنىڭ لىڭشۈي، باۋتىڭ، سەنيا، لېدوڭ، دوڭفاڭ، چاڭجياڭ، بەيشا، چيوڭجوڭ، ۋۇجىشەن قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلىرىگە جايلاشقان، خەينەن ئۆلكىسى ئىچىدىكى ۋەننىڭ، دەنجوۋ، دۇنچاڭ، چيوڭخەي قاتارلىق ناھىيە ۋە شەھەرلەر ھەمدە گۈيجۇ ئۆلكىسىدىمۇ بار.

15. بۇيى مىللىتى

جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سانى نىسبەتەن ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت، مىللەت تىلى بۇيى تىلى بولۇپ، خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسى جۇاڭزۇ-تۇڭزۇ تىللىرى ئائىلىسىنىڭ جۇاڭزۇ-دەيزۇ تىل تارمىقىغا تەۋە، جۇاڭزۇ تىلى بىلەن يېقىن كېلىدۇ، خەنزۇ يېزىقى ئىشلىتىدۇ. بۇيى مىللىتى قەدىمكى لىياۋلىقلاردىن ئۆزگەرگەن مىللەت بولۇپ، دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ، بۇيى مىللىتىنىڭ ئاتا-بوۋىسى خېلى بۇرۇنلا شال تېرىشقا باشلىغان بولۇپ، «شال مىللىتى» دەپ نامى بار. بۇيى مىللىتى گۇيجۇ، يۈننەن، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكىلەرگە جايلاشقان.

16. دۇلوڭ مىللىتى

دۇلوڭ مىللىتى بولسا نوپۇسى بىر قەدەر ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت، شۇنداقلا يۈننەن ئۆلكىسىدىكى سانى ئەڭ ئاز بولغان ئاز سانلىق مىللەت، دۇلوڭ تىلى ئىشلىتىدۇ، ئۆزىنىڭ يېزىقى يوق، دۇلوڭ مىللىتىنىڭ ئىپتىدائىي توپلىشىپ نىكاھلىنىش ئادىتى بولۇپ، ھازىر بۇ ئادىتى يوق. ئەر-ئاياللىرى تەكشى تارالغان، قىزلارنىڭ يۈزىگە چەكتۈرىدىغان ئادىتى بار. دۇلوڭ مىللىتى ھەممە نەرسىنىڭ جېنى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، تەبىئەتكە چوقۇنىدۇ، ئالۋاستىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.

17. گاۋشەن مىللىتى

گاۋشەن مىللىتى جۇڭگو تەيۋەن رايونىنىڭ جەنۇبى ئارال تىل سىستېمىسىدىكى بىر توپنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشى. 2008-يىلى ئومۇمىي نوپۇسى 494107 ئادەم بولغان. گاۋشەن مىللىتى جۇڭگونىڭ تەيۋەن ئۆلكىسىدە، ئاز قىسمى فۇجىيەن، جېجىياڭ ئۆلكىلىرىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدا. گاۋشەن مىللىتى تەيۋەننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، شەرقى قىسمىدىكى زوڭگۇ تۈزلەڭلىكى ۋە لەنيۈ ئارىلىغا جايلاشقان. گاۋشەن مىللىتى تېرىقچىلىققا تايىنىدۇ، بېلىقچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ. گاۋشەن مىللىتىنىڭ قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ئىلمە توقۇلما، بامبۇك توقۇلما، پىلەك توقۇلما، ياغاچ ئويما، قولۋاقچىلىق، ئويمىچىلىق، بامبۇكچىلىق، ساپالچىلىق قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان.

18. دوڭشىياڭ مىللىتى

جۇڭگو گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت، مىللەت تىلى ئالتاي تىل سىستېمىسى موڭغۇل تىلىغا تەۋە، يېزىقى يوق، كۆپ قىسىم دوڭشىياڭ مىللىتى خەنزۇ تىلى ئىشلىتىدۇ، خەنزۇ يېزىقىنى قوللىنىدۇ، ئېتىقادى ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپى.

19. داغۇر مىللىتى

بۇ مىللەتمۇ 56 مىللەتنىڭ ئىچىدىكى بىر مىللەت، ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ مورىنداۋا داغۇر مىللىتى ئاپتونوم قوشۇنى ۋە خېيلوڭجىياڭ ئۆلكىسى چىچىخار شەھرى مېېلىسى داغۇر مىللىتى رايونى، ئېۋىنكى ئاپتونوم ئايمىقى قاتارلىق رايونلارغا جايلاشقان. ئاز قىسمى شىنجاڭنىڭ مايتاغ، لىياۋنىڭ ئۆلكىسى قاتارلىق جايلىرىدا بولۇپ، داغۇر مىللىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلى بار، ئالتاي تىل سىستېمىسى موڭغۇل تىل تۈركۈمىگە تەۋە.

20. لاخۇ مىللىتى

جۇڭگودىكى ئەڭ قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى، تىلى لاخۇ تىلى بولۇپ، خەنزۇ - زاڭزۇ تىل سىستېمىسى زاڭزۇ - بىرما تىل گۇرۇپپىسى يىزۇ تىلى تارمىقىغا تەۋە. كۆپ ئىلاھقا چوقۇنىدۇ. لاخۇ مىللىتى جۇڭگو، بىرما، تايلاند، ۋېيتنام، لائوس قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارالغان.

 

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۇستام1 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇر ، ئۆزبىك ، تاجىك قىزلىرى ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن . مىللىيچە كىيىم كىچەك ھەممە قىزلارنى چىرايلىق قىلىۋىتىدىكەن ، ، راسلا
    (ئىشەنمىسىڭىز كىيىپ بېقىڭ دىمەكچىدە بۇيەردە)

  • قادى3 ئاي ئىلگىرى

    تاجىكلار پارس تىلىنى ئىشلىتىدۇ،شىنجاڭدىكى تاجىكلار ۋاخان شىۋىسىدە سۆزلىشىدۇ.

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇر قىزلىرى بىلەن ئۆزبىك قىزلىرى ئەڭ گۈزەلكەن

  • ئارمان4 ئاي ئىلگىرى

    دىئالېكتىكا دېگەن ئۆزىگەبولغان ئىدىيە،مەدەنىيەت ئۆرپ ئادەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئەزىمەتجان4 ئاي ئىلگىرى

    دىئالېكىتى دېگەن نىمە دوسلار بىلىدىغانلار دەپ بېرىڭلار

  • مىسسى4 ئاي ئىلگىرى

    تاجىك قىزلار راسلا بەك چىرايلىق كەن ؟؟؟؟

  • شەبنەم4 ئاي ئىلگىرى

    ئۇيغۇر ،تاجىك،ئۆزبەك قىزلىرى ئەڭ چىرايلىق ،ھەممىدىن ئۇيغۇر قىزلىرى ،

  • بىلال4 ئاي ئىلگىرى

    تاجىكلار تاشقورغان ناھىيىسى ،قاغىلىق ناھىيىسى ،گۇما ناھىيەسىدىمۇبا

  • ئابلىز4 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا مۇشۇ ئۆزبىك بەك تاتلىق كۇرىنىدۇ

  • MSN4 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار ، بىزنىڭ قىزلانىڭ گۈزەللىكتە تەڭدىشى يوق ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号