باش بەت

شىرئەلى روزى

360يوللانما
14مەستانە

كېۋىن دۇرانىت جامېسقا ئوخشاش ئانا كوماندىسىغا قايتامدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:10 12 ئىنكاس چۈشتى

كېۋىن دۇرانت ئانا كوماندىسى ئوكلاخوما چاقماق كوماندىسىدىن ئوۋكىلاند قەھرىمانلار كوماندىسىغا كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى ئاسانلا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ۋە ۋە چېمپىيونلۇق ئارزۇسىغا يەتتى. ئۇ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ قەھرىمانلار كوماندىسىدا قالغۇسى بارلىقىنى ئېنىق ئېيتتى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئۇ قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ يادرولۇق سېپىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مائاشىنى تۆۋەنلىتىش ھېسابىغا قەھرىمانلار كوماندىسى بىلەن داۋاملىق توختاملىشىشنى خالايدىكەن.

بەزىلەر : «دۇرانتمۇ ئەينى يىللاردىكى لېبىرون جامېسقا ئوخشاش مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندىن كېيىن يەنە ئانا كوماندىسىغا قايتىپ بۇ ئارقىلىق يوقاتقان شان-شەرىپىنى قايتۇرىۋالارمۇ؟» دەپ سوئال قويغان. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇنىڭ ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك، ھېچ بولمىغاندىمۇ يېقىنقى 3-4 يىل ئىچىدە دۇرانت چاقماق كوماندىسىغا قايتمايدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر دۇرانت ئۆزىنىڭ ئوكلاخومادىكى ھەشەمەتلىك داچىسىنى زىيىنىغا سېتىۋەتكەن، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئوكلاخوما شەھىرى بىلەن ئۈزۈل-كېسىل ئادا-جۇدا بولۇش ئىكەن.

تۈرلۈك ئەھۋاللار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، دۇرانتنىڭ ئانا كوماندىسى ئوكلاخوما چاقماق كوماندىسىغا قايتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن، كېلىۋىلاند جامېسنىڭ ئانا يۇرتى بولغان بىلەن، ئوكلاخوما دۇرانتنىڭ ئانا يۇرتى ئەمەس، ئۇنىڭ ئايرىلىشى ئوكلاخوما توپ مەستانىلىرىنى قاتتىق ئازابلىدى. بەلكىم دۇرانت بىلەن رۇسسېل ۋېستبىروك كەسپى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى قايتا بىرلىشىپ قېلىشى مۇمكىن!

باش سۈرەت تاللاش x
  • NBA چۇلپېنې جامېس1 ئاي ئىلگىرى

    ئۇ چۇقۇم بۇيېل چاخماق تەرپېدېن يېكېلسا يەنې ئۇزنېڭ كۇماندېسقا بېرۋالدۇ مەينەتلېك قېلېپ مەن ئەڭ ئوچ تۇپچې كۇررې دۇرانېت ئەڭ مەستانە بۇلغېنېم 1جامېس 2ۋېستۇبۇرېك 3خاردېن 4لېلارت5ئانتۇنې داۋېس

  • NBA چۇلپېنې جامېس1 ئاي ئىلگىرى

    ئەمدې ئانا يۇرت كۇماندېسقا بېرېپ ۋېستېبۇرېك جۇرچې بېلەن ھەمكارلاشقان بۇلسا ھەل قېلغۇچقا كېرشې مۇمكېندې

  • شاھىنشاھ2 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭ توپ ئويناش ئوسلۇبىدا قىلچە سەنئەتلىك تۇيغۇ يوق بۇنداق توپچلار ئۇزۇن قالماي ئۇنتۇلۇپ كىتدۇ

  • diljalee2 ئاي ئىلگىرى

    كەپسىز توغرا دەيدۇ.بەلكىم جامىسقا ئوخشاش خائىنلىق قىلىشى مۇمكىن

  • ئاتامان2 ئاي ئىلگىرى

    كېلەر يىلى شاللىنىپ كېتشىڭنى ئۈمۈد قىلمە، ئاندىن جامىسقا ياتلىق بوپ، ھەلقىلغۇچنى ۋېسىتبورۇگنىڭ قولدا ھالەك بولشىڭنى تېخىمۇ ئۈمۈد قىلمە ، ھاھاھاھاھا

  • كەپسىز2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كىلەر يىلى يەنە باشقا كۇماندىغا قاچامىكى دەيمە قەھرىمانلا ۋەيران بولسا يەنە تازا كۈچلۈڭ كوماندىغا بېرىپ ئەرزان باھادا توپ ئوينىشى مۇمكىن بۇ خائىن

  • 10-نۇمۇر2 ئاي ئىلگىرى

    مەيلى قەيەرگە بار مەن سىنىڭ مەستانەڭ

  • ۋېستبۇرۇك 09032 ئاي ئىلگىرى

    دۇرانت ئوخلاخۇمادىكى داچىسىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېتىپتۇ ئوكلاخۇمادىن ۋازكەچكەن ئۈخشايدۇ دۇرانىت چاقماق كاماندىسىغا بارماسلىقى مۇمكىن دەپ ئۈيلايمە ئۇزەمچە دەپ خۇتەن ئۈغلى

  • قوناق2 ئاي ئىلگىرى

    چاقماققا بارساڭمۇ يەنىلا بىرلەشمىدە دو يۇق-پائۇل جورجى،راسىسىل ۋېستبورۇك دۇرانىت يەنىلا قالتىس گۇرۇپپا بولالايدۇ،قەھرىمانلاردا قېلىپ 5 لوڭقا ئالغىن كەتسەڭ بولمايدۇ،بۆرىدىكى توۋنىس،ۋىگگنىس،باتلىر گۇرۇپپىسى،لىنارد ئالدىرىچ گرىن گۇرۇپپىسى،جامىس ئەتىرگۇل ئىرۋىڭ لوۋ گۇرۇپپىسى،جوۋچى پائۇل خاردىن گۇرۇپپىسى نىڭ ھەممىسىنى يەر چىشلەت نىگىر ئوغلانى

  • ئاتامان2 ئاي ئىلگىرى

    ناۋادا قەھرىمانلا ئىككى يىل مەغلۇپ بوپ ھەل قىلغۇچقا كىرەلمىسە،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号