باش بەت

kelly

1019يوللانما
4مەستانە

بىر فىلىمدە ئاشىق-مەشۇقنىڭ، يەنە بىر فىلىمدە قېرىنداشنىڭ رولىنى ئالغان بوللىۋود چولپانلىرى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:15 55 ئىنكاس چۈشتى

شاھرۇھ خان ۋە ئاشۋارىيا راي باچچان

شاھرۇھ ۋە ئاشۋارىيا «جوش»دا ئاكا-سىڭلىنىڭ رولىنى ئالغان لېكىن ئۇنىڭ كەينىدىن قويۇلغان فىلىم «قىزىل يوپۇرماق» ۋە «دېۋداس»تا ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىنى ئالغان، «Ai Dil Hai Mushkil!»دە  بولسا شاھرۇھ خان ئاشۋارىيانىڭ سابىق يولدىشىنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

رانۋېر سىڭ ۋە پرىيانكا چوپرا

رانۋېر سىڭ ۋە پرىيانكا چوپرا «Gunday»دە ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىنى ئالغان، 2015-يىلىدىكى فىلىم «Dil Dhadkne Do» دە ئاچا-ئىنىنىڭ رولىنى ئالىدۇ، شۇ يىلى يىل ئاخىرىسىدىكى فىلىم «باجىراۋ مەستانى»دا ئەر-خوتۇننىڭ رولىنى ئالىدۇ.

دېپىكا پادۇكون ۋە ئارجۇن رامپال

دېپىكانىڭ تۇنجى فىلىمى «ئوم شانتى ئوم»دا دېپكا ئارجۇن رامپالنىڭ ئاشنىسىنىڭ رولىنى ئالغان، 2010-يىلىدىكى فىلىم «Housefull »دا بولسا ئۇلار ئاكا-سىڭىلنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

ئابشېك باچچان ۋە ئاسىن

بىز «Bol Bachchan»دا ئابشېك باچچان ۋە ئاسىننىڭ ئاكا-سىڭلنىڭ رولىنى ئالغانلىقىنى لېكىن «All Is Well»دە بولسا ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىنى ئالغانلىقىنى كۆردۇق.

كارېننا كاپور ۋە تۇشار كاپور

كارېننا ۋە تۇشار «Mujhe Kuch Kehna Hai»دە ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىنى ئالغان لېكىن Golmaal يۈرۈشلۈكلىرىدە قېرىنداشلارنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

دېپىكا پادۇكون ۋە جون ئابراھام

دېپىكا ۋە جون «Desi Boyz»دا ئاشىق-مەشۇقنىڭ رولىغا چىققان بولسا، «Race 2»دە ئاشىق-مەشۇق بولۇپ چىقىدۇ.

ئامىتاب باچچان ۋە ھېما مالىنى

ئامىتاب باچچان ۋە ھېما مالىنى 18 فىلىمدە بىللە رول ئالغان، مۇتلەق كۆپ قىسىم فىلىملەردە ئۇلار ئاشىق-مەشۇق، ئەر-خوتۇننىڭ رولىغا چىققان لېكىن 1973-يىلىدىكى فىلىم  «Gehri Chaa» ھېما مالىنى ئامىتابنىڭ سىڭلىسى بولۇپ چىقىدۇ.

سالمان خان ۋە نېلام كوسارى

سالمان خان ۋە نېلام 1992-يىلىدىكى فىلىم «Ek Ladka Ek Ladki»دە ئاشىق مەشۇقنىڭ رولىنى ئالغان، كېينكى يىلىدىكى فىلىم «Hum Saath Saath Hain» ئاچا-ئىنىنىڭ رولىنى ئالىدۇ.

 


باش سۈرەت تاللاش x
  • ئا؛باسىت6 كۈن ئىلگىرى

    شاھرۇكخاننىڭ «مەڭگۈ خوش دىمەيمەن » دىگەن كىنوسىنى قايسى تور بەتتىن تاپقىلى بولىدۇ بىلسەڭلار دەپ بەرسەڭلار بولۇپتىكەن دوسلار

  • بۆلجۈرگەن قىزچاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئارتىس دىگەن شۇ ........ ئامال يوق

  • ئارىفە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسما جىنىم رەھمەت ناۋات چىيىڭىزغا قەھۋە قۇشۇپ ئىچىۋالدىم...ئىسىل: شۇ سىزمۇ بىزگە قوشۇلۇڭ بىز ئۈچىمىز بۇ نور تورىدىكى قۇسۇرچى تىللىشىپ ئىنكاس يازىدىغانلاغا ئوخشىمايمىز...ئىنكاسنى دوستانە يازسىمۇ بۇلىدىغۇ نۇر تورىدا...

  • ئىسىل1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوھوي مەنمۇ شاھرۇھخاننىڭ قان مەستانىسى بولمىساممۇ ئەسەبىي مەستانىسىغۇ ھى ھى ھى بەكلام مەسلىكىمنى (ئامراقلىقىمنى) كەلتۈرۈپ ئىنكاس يىزىشىپ كىتىپسىلە

  • ئەسما1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەستانە نۇرداش ئارىفە راست دەيدۇ يۇقاپ كەتمەڭ.

  • ئەسما1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھى ھى سزگىمۇ بىر پىيالە تاتلىق ناۋات چاي كەتتى

  • ئەسما1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئارىفەگە ئەۋەتتىم باشقىلار .........................

  • سەدەپ1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەستانە ئىسىملىك نۇرداش سىزنىڭ پۈتۈن ۋاختىڭىز بوللىۋوتنىڭ كىنولىرىنى كۆرۈش ،بوللىۋوتنىڭ خەۋەرلىرىنى كۆرۈش بىلەن ئۆتەمدۇ،باشقا ئىش قىلمامسىز سىز؟

  • ئارىفە1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەستانە ئەمسە داۋاملىق سوراڭ بۇ نۇر تورىنى ھەرگىز يۇقاپ كەتمەڭ

  • ئارىفە1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئەسما...مەستانەنىڭ ئاغزىغا ناۋات! مىنىڭ ئاغزىمغا ئاچچىق گەن بىيەن سوميەنما!! خەپ جۇمۇ سىزنى!! پەقەت ئادىل بولمىدى بۇ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号