باش بەت

نۇسرەتگۈل

7095يوللانما
89مەستانە

ھىندىستان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى 10 ياشلىق بالىنىڭ 19 ياشلىق قىزنى ئەمرىگە ئېلىشى ئەيىبلەندى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:40 8 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ياشلار تورى 12-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھىندىستان تېلېۋىزىيەسىدە قويۇلغان بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 10 ياشلىق ئوغۇل بالىنىڭ 19 ياشلىق قىز بىلەن توي قىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بەزىلەر بۇ كۆرۈنۈشتىن نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەردىن ئۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بالىلارنى توي قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش خاراكتېرى بارلىقىنى ئېيتقان ھەمدە قىسقا مۇددەت ئىچىدە 50 مىڭ ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

«بۈگۈنكى پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستاندا ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان قانال سونىي كۆڭۈل ئېچىش قانىلى 7-ئايدىن باشلاپ ھەر ھەپتە ئاخىرى كەچتە «كىچىك ئەرنىڭ قوغدىغۇچىسى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قويغان. بىراق، خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا 10 ياشلىق بالىنىڭ 19 ياشلىق قىزنى ئەمرىگە ئالغانلىقى تەسۋىرلەنگەن ھەمدە نۇرغۇن ساختا كۆرۈنۈشلەر كىرىشتۈرۈلگەنلىكتىن ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

مانسى جەين ئىسىملىك بىر تاماشىبىن توردا ئىلتىماس يېزىپ ھىندىستان ئۇچۇر ۋە رادىيو مىنىستىرىدىن بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قويۇشنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە 48 سائەت ئىچىدە قوللىغۇچىلىرىنىڭ سانى 50 مىڭغا يەتكەن.

بۇ ئىلتىماستا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل بالىلارنىڭ توي قىلىشىغا زەربە بېرىپ كەلگەنلىكى، بىراق، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بالىلارنىڭ توي قىلىشىنى قوللىغاندەك تەسىر بېرىدىغانلىقى، يەنە تېخى قورامىغا يەتمىگەنلەرنى تويى بولغان يىگىت رولىدا چىقىرىشىنىڭ جەمئىيەتكە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

تاتا ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسوررى ئاشامۇ (Asha Bajpai) بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ بالىلار توي قىلىشىغا ئىلھام بېرىدىغانلىقى، جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستاندا ئەرلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن توي قىلىش يېشى 21 ياش، قىزلارنىڭ 18 ياش بولۇپ، «بالىلارنىڭ توي قىلىشىنى چەكلەش قانۇنى»دا بالىلارنىڭ توي قىلىشىدا باش رول ئوينىغان ئاتا-ئانىلارغا 1500 ئامېرىكا دوللىرى جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى ھەمدە 2 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. بىراق، ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا بالىلارنىڭ توي قىلىش ھادىسىسى ئومۇملاشقان.

بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان بىر ئارتىس بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ پەقەت كۆڭۈل ئازادىلىكى ئۈچۈنلا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى، بالىلارنىڭ توي قىلىش ۋەزىيىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئالىيە2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ئىش ھىندىستاندا بولغان بولسا ھەيران قىلش كەتمەيدۇ شۇ يىڭلىق ھىنداستاندىن چىقدۇ

  • بۇدەك2 ئاي ئىلگىرى

    تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى ئون ياشلىق بالا بىلەن 19 ياشلىق بالىنىڭ توي قىلىشى.تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى.

  • قەيسەر بودەك2 ئاي ئىلگىرى

    نىمىدىگەن بىمەنە ،ئاغزىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان شۇمتەكنى ئۆيلىدى دىگەنمۇ گەپمۇ ،ئېلىپ بەگەن خوتۇنىغا مەممە دەپ يۈرسە ماسەتچىلىكنى كۆرۈڭ

  • بوۋاي2 ئاي ئىلگىرى

    ھايران قالغۇچىلىكى يوققۇ نىم ئىشلانى كۆمىگەنبىز بۇجاھاندا

  • قاسىم2 ئاي ئىلگىرى

    بۇلامۇ تويىدا چىلاق، ئاقلىق چاي،ساندۇق ئىچىش قىلامدىغاندۇ يىزىلىق بولغاچقا ھەيرانمەن

  • نىگار2 ئاي ئىلگىرى

    راس بولسىمۇ ھەيران قالمايمەن ،30ھەرىپ توشسۇن دەپتۇ

  • سىتۋ جوبىس2 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ھىندستانلىق ساراڭ خەقنىڭ سەۋىيەسى تۆۋەنلىكىدىن بالىلارنى خورلاپ ئادەمنىڭ ئاچىققنى كەلتۇرىدۇ.

  • *قاراكۆز*2 ئاي ئىلگىرى

    چىرايىدىن ساپلا قىرى چىراي كۇرۇندىكەن.بىغىدا قىرىپ قالغان ھىندىئانلار

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号