باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8099يوللانما
33مەستانە

بەدىنىدە كىچىك نۇقسان بولسىمۇ گۈزەللىكىگە قىلچىلىك تەسىر يەتمىگەن چولپانلار

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:14 15 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«ئۈچ ئالەملىك مۇھەببەت چېچىكى» (三生三世十里桃花) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كىنو نۇسخىسىنىڭ قىزغىن قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ليۇ يىفېي ئاۋۋالقىدەكلا «پەرىزات» ھالىتىدە ئېكران يۈزىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئاپئاق تېرە، ئۇزۇن پۇتلۇق ليۇ يىفېينىڭمۇ بەش ئەزاسىدا كىچىك كەمتۈكلۈك بار. ئۇ بولسىمۇ، چىش مىلىكى سەل چوڭ بولۇپ، بۇمۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاز قاقاھلاپ كۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر. بىراق بۇ كىچىك نۇقسان ئۇنىڭ لاتاپەتلىكىگە تەسىر كۆرستىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ جەزبىدار كۆرۈنۈشىگە ئاساس يارىتىپ بەرگەن. گەرچە چولپانلارنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك يارقىن بولسىمۇ، بىراق ئۇلارمۇ پۈتۈنلەي مۇكەممەل ئەمەس، ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك ئازدۇر-كۆپتۇر نۇقسانلىرى بار.

ليۇ شىشىنىڭ قۇلاق ھەمرىيى بىر قەدەر گەۋدىلىك، شۇڭا چېچى بىلەن يوشۇرۇۋالىدۇ:

قىزلار ئادەتتە ئۇزۇن چېچىنى قويىۋەتكەندە، دائىم دېگۈدەك بىر تەرەپنىڭ چېچىنى قۇلاقنىڭ ئالدىغا يەنە بىر تەرەپنىڭ چېچىنى قۇلاقنىڭ كەينىگە قىلىۋېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. چۈنكى بۇنداق بولغاندا، مۇكەممەل يان يۈز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ. بىراق ليۇ شىشىنىڭ مۇنداق قىلىشى پەقەت نوقۇل ھالدا گۈزەللىك ئۈچۈنلا بولماستىن، قۇلاقتىكى نۇقسانىنى يېپىشتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ ھەمرىيى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۇنى «يوشۇرۇش» ئۈچۈن خېلى كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن.

خۇاڭ شۈەننىڭ بودەك كىچىك قولى بىلەن سوغۇققان ئوبراز پەرقى بەكمۇ ئوماق:

«قەدىرىلىك تەرجىمان» (亲爱的翻译官) ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، خۇاڭ شۈەننىڭ مەستانىلىرى شىددەت بىلەن ئېشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كېلىشكەن تاشقى قىياپىتى شۇنداقلا ئورۇنداش ماھارىتىدىكى سالماقلىقى نۇرغۇنلىغان مەستانىلەرنى قايىل قىلدى. بىراق ئۇنىڭ قولى ئالاھىدە ئوماق بولۇپ، بەئەينى بودەك بالىلارنىڭ قولىغىلا ئوخشايدۇ.

ئەمەلىيەتتە، Angelababyنىڭ پۇتى ئۇنچىلىك ئۇزۇن ئەمەس.

ئۇنىڭ ئايرودرومدا تارتىلغان سۈرەتلىرىدىن پۇتىنىڭ ئەينەن سۈرەتلەرنىڭكىدەك ئۇنچىلىك ئىنچىكە ۋە ئۇزۇن ئەمەسلىكىنى بايقايمىز. ئادەتتە پاشىنسىز ئاياغ كىيىگەندە، بۇ نۇقسان مانا مەن دەپلا ئىپادىلىنىپ قالىدۇ. دېمەك، ئېگىز پاشىنلىق ئاياغنىڭ ياردىمى بولمىسا، Angelababyمۇ ئادەتتىكىلا بىر ئايال.

فەن بىڭبىڭنىڭ «زېرەك قۇلىقى» ئادەمنىڭ كۆزىنى چاقنىتىدۇ:

فەن بىڭبىڭنىڭ چىرايىنى مۇكەممەل دېيىشكە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك نۇقسانى بار. ئۇ بولسىمۇ، ئۇنىڭدا «زېرەك قۇلاق» بولۇپ، قۇلاق سۇپرىسى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ چىققان، قۇلاق يۇمشىقى بىر قەدەر كىچىك، شەكلى ھەقىقەتەنمۇ ئالاھىدە. ئۇ ئادەتتە گىرىم قىلغاندا، ئاتايىن ئۇزۇن چېچى بىلەن قۇلىقىدىكى نۇقسانىنى يوشۇرۋالىدۇ.

جىن دوڭنى تاماشادىكى «گىگانت باش» دېيىشكە بولىدۇ:

بۇ يەردىكى «گىگانت باش» ئۇنىڭ بېشىنىڭ ئالاھىدە چوڭلۇقىغا قارىتا دېيىلگەن. «ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا، جىن دوڭ مەيلى قايسىلا ئايال پېرسوناژ بىلەن كۆرۈنسۇن، بېشى ئالاھىدە يوغان كۆرۈنىدۇ. ئۇستخان قۇرۇلۇشى بىر قەدەر كىچىك چەتئەللىكلەر بىلەن سۈرەتكە چۈشكەندە، تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىدۇ. جىن دوڭمۇ تورداشلار تەرىپىدىن «تاماشادىكى ئۈچ گىگانت باش» دەپ تەرىپلەنگەن، قالغان ئىككىسى بولسا، ليۇ يې ۋە لېي جيايىن.

لى يىفېڭنىڭ كۆز ئېقى كۆپرەك:

«خەلق ئوغلى» دەپ تەرىپلەنگەن لى يىفېڭ، كىنو-تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ، چىرايى ئەزەلدىن گۇمانغا ئۇچراپ باقمىغان. بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك نۇقسانى بار. ئۇ بولسىمۇ، كۆزىنىڭ ئېقى كۆپرەك. ئەگەر ئۇ چىراي ئىپادىسىنى ياخشى كونترول قىلالمىسىلا، بۇ نۇقسان دەرھال ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. بولۇپمۇ، ھەيران قالغاندا، غەزەپلەنگەن چاغدا، كۆزىنى بىر چەكچەيتسىلا، بۇ نۇقسان مانا مەن دەپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

ياڭ مىنىڭ پېشانىسىدىكى چېچى ئالاھىدە ئاز:

«ئۈچ ئالەملىك مۇھەببەت چېچىكى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا چېچىنى بىراقلا كەينىگە تارىۋەتكەن ياڭ مىنىڭ چېچى كىشىلەرنىڭ دىققەت قىلىدىغان نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۇ «ھەقىقىي ئەزىمەت» ناملىق پىروگراممىدا چېچىنى ئوتتۇرىدىن بۆلۈپ بىر تال بوغىۋالغاندا، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەيران قالغىنىچە:«ئەسلىدە ياڭ مىنىڭ پېشانىسىدىكى چېچى خېلىلا شالاڭكەن» دېيىشكەن. تورداشلارنىڭ گۇمانىغا قارىتا ئۇ چاقچاق قىلغىنىچە:«ئەگەر سىلەر مېنى تەنقىدلىسەڭلار، مەن چاچ ئۆستۈرەي» دېگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • بۆلجۈرگەن قىزچاق1 ھەپتە ئىلگىرى

    دۇنيادا نۇقسانسىز ئادەم بولمايدۇ ئەلۋەتتە

  • ئايقۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    غور گۈل ھەئە ئوخشاش فىلىم ، ئەمما مەن لىيۇ
    يىفېينى كۆرۈپ باقماپتىكەن ، تۆنۈگۈن كۆرۈپ تۈگەتتىم بولمىسا ئۇ كىنونى ، كۆزنەكتىغۇ ، زاماندىن ھالقىغان رىشتە دەپ چىقاتتى

  • لۇخەن1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھە ، مەن لى يىفېڭنىڭ كۆزىگە قارىغان ئىدىم . باشقىچە تۇراتتى ، لېكىن مەن بەك ئامراق.

  • يۇلتۇزلۇق ئاسمان1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئۈچ ئالەملىك مۇھەببەت چېچىكى بىلەن زامان ھالقىغان رىشتەپ بىر كىنو.ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ياڭ مى رول ئالغان.كىنوسىدا بولسا ليۇ يى فېي رول ئالىدۇ.كىنوسىنى تېخى ئەمدىلەتىن قويۇۋاتىدۇ.

  • ئۇز سۇلتان1 ھەپتە ئىلگىرى

    غوراگۈل ئەلىۋەتتە بىر فىلىم مۇشۇ تەرجىمىلەرگە ھەيران قالىمەن لۇخەن بىلەن گۈلنەزەر باش رول ئالغان فىلىمنىڭ ئىسىمى سۇھەيل يۇلتۇىنى تاللىماقكەن بىراق كۆزنەكتە ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىپ تەييارلاپتۇ ئىسمى تەدبىركار چېن چاڭشېڭ دەپ ئىككىسى بىركىنو ئەسلى لۇخەن جاڭشېڭنىڭ رۇلىنى ئالىدۇ

  • غورا گۈل1 ھەپتە ئىلگىرى

    «ئۈچ ئالەملىك مۇھەببەت چىچىكى »بىلەن « زامان ھالقىغان رىشتە »ئوخشاش بىر فىلىممۇ؟

  • غۇنچە،،،،،1 ھەپتە ئىلگىرى

    كىنو نۇسقىسىدا ببەي چەن بۇپ چىقىدىكەن ئەمما كىنۇ نۇسقىسىدىمۇ ياڭمى ئاغان بوسا ئەسلى ياڭمى ياخشى ئاپتىكەن

  • ئۇز سۇلتان1 ھەپتە ئىلگىرى

    چىدىماسلىق دىگلى بولمايدۇ قۇسۇر دىگەننى چولپاندىن ئىزدەيدىغان گەپ ئىزدىمىسە ئۇچولپان بولماي قالىدۇ مىنىڭ ھەممىسى بىلەن خۇشۇم يوق

  • قالتىس1 ھەپتە ئىلگىرى

    كىم تاپقان قۇسۇرلاردۇ بۇ توۋا ! ھەممە ئادەمدە قۇسۇر بولىدۇ ئۇنى كوچىلاپ نىمە كەپتۇ؟ چوقۇم بىرە چىدىماس ئادەمنى تەييارلىغان تېمىسىكەن بۇ!

  • ئايقۇت1 ھەپتە ئىلگىرى

    لىيۇيىفېي 三生三世十里桃花 بۇ كىنونىڭ نەرىدە رول ئالدۇ بۇ ، مەن ھەجەپ كۆمەپتىكەنمەنغۇ بۇ سەتنى ...

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号