باش بەت

خەندان

375يوللانما
47مەستانە

سوڭ جوڭكى، سو جىسۇب ۋە خۋاڭ جوڭمىن مالايسىيادا يېڭى فىلىمىنى تەشۋىق قىلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:23 1 ئىنكاس چۈشتى

20170812220831819.jpg

سىنا تورى تاماشا خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، «ماناگاخا ئارىلى» فىلىمى 7-ئايدا كورېيەدە قويۇلغاندىن كېيىن، بۇرمىلانغان تارىخ دەپ قارىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بېلەت كىرىمى مۇقىم ئېشىپ ئەڭ بازارلىق ئالدىنقى ئۈچ فىلىمنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان. فىلىم رولچىلىرىدىن سوڭ جوڭكى، سو جىسۇب، خۋاڭ جوڭمىن قاتارلىق چولپانلار 9-ئاۋغۇست مالايسىياغا بېرىپ فىلىمنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشقان. بۇ فىلىمنىڭ قويۇلۇشى مىڭلىغان كۆرۈرمەننى مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش ئورنىغا جەلپ قىلىپ، قىستا-قىستاڭچىلىق پەيدا قىلغان. تاراتقۇلار ئېلان قىلغان كۆرۈنۈشتىن مەلۇم بولدىكى نەق مەيدان ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، كوچا-كويلارغا پاتماي قالغان. قاتناش ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئەھۋال ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ قالغان.

«ماناگاخا ئارىلى» فىلىمىنىڭ باش رولچىلىرىدىن سوڭ جوڭكى، سو جىسۇب، خۋاڭ جوڭمىن قاتارلىقلار 9-ئاۋغۇست كەچ سائەت 7:00دە كۇئالالۇمپۇر تۈرلۈك ماللار شىركىتى ئۆتكۈزگەن تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى. نەق مەيدان نەچچە مىڭ كىشىلىك ئاممىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ تەنتەنىلىك كاتتا مۇراسىم بولۇپ قالغان، تۈرلۈك ماللار سارىيىنىڭ ئالدى تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولۇپلا قالماي، كوچا-كويلارمۇ ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ ناھايىتى تەنتەنىلىك كاتتا مەنزىرە بارلىققا كەلگەن.

فىلىم باش رولچىلىرى ماشىنىدىن چۈشكەن ھامان ئەتراپتىكى مەستانىلەر چۇرقىرىشىپ ۋارقىراپ ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات پەيدا قىلغان.

ئۇندىن باشقا «ماناگاخا ئارىلى» فىلىمى بۇ ھەپتىدە 6 مىليونلۇق بېلەت كىرىمى ياراتقان. «تاكسى شوپۇرى» فىلىمى 6 مىليون 900 مىڭ تاماشىبىننى كۈتۈۋالغان بولۇپ، 7 مىليونلۇق ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى ئاز قالغان. كومېدىيىلىك كارتون فىلىم «رەزىل مەن 3» بۇ ھەپتىنى قوشقاندا جەمئىي 2 مىليون 610 مىڭ كۆرۈرمەننى كۈتۈۋالغان بولۇپ، كورېيە كىنو ساھەسىدىكى ئەڭ بازارلىق فىلىملەردىن بولۇپ قالغان.


باش سۈرەت تاللاش x
  • يېشېلنور2 ئاي ئىلگىرى

    مەن سونجوڭكېنې سو جېسېپنې ياخشې كۇرمەن مەن بو كېنونې بەكلا كورەوم با

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号