باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10833يوللانما
836مەستانە

52 ياشلىق گو فۇچېڭنىڭ كېلەر ئايدا دادا بولىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 22:31 0 ئىنكاس چۈشتى

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گو فۇچېڭ بۇ يىل ئاپرېلدا ئاخىرى بويتاقلىق بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىدىن 22 ياش كىچىك ياش مودېل فاڭ يۈەن بىلەن توي قىلغان. «چەكلەنگەن مېۋە»گە ئالدىن ئېغىز تېگىپ ياتلىق بولۇنغان دەپ قارىلىپ كەلگەن فاڭ يۈەن كېلەر ئايدا گو فۇچېڭ ئۈچۈن مەلىكە يەڭگىپ بېرىدىغان بولۇپ، ئىككەيلەن شياڭگاڭدىكى تۇغۇتتىن كېيىنكى كۈتۈنۈش ئۆيى ۋە دوختۇرخانىدىكى ئالاھىدە تۇغۇت ئۆيىنى زاكاز قىلىپ بولغان. بۇ يەردىكى تۆت كۈن ئۈچ كېچە «تۇغۇت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى»نىڭ باھاسى 400 مىڭ تەيۋەن پۇلىدىن ئاشىدىغان بولۇپ (تەخمىنەن 87 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) 12-ئاۋغۇست شياڭگاڭ تاراتقۇلىرى فاڭ يۈەن ئاپىسىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن شاڭخەيدىن شياڭگاڭغا يېتىپ كېلىپ، نەۋرە قىزىنى كۈتىۋالىدىغانغا تەييارلىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

تور سۈرەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان فاڭ يۈەن تويدىن بۇرۇن دائىم دېگۈدەك مىكرو بىلوگىغا گۈزەل كىيىم ۋە گۈزەل سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەيدىغان بولۇپ، ھامىلدارلىق خەۋىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بارا-بارا قورسقىنى يوشۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىشكە باشلىغان. بىراق كۈتۈنۈش باسقۇچىدا بىكارچىلىقتىن قىلىدىغان ئىش تاپالماي قالغان ئۇ ئالدىنقى ئايدا چۈشلۈك چاي سۈرىتىنى ھەمبەھىرلەپ، ھامىلدار ھالىتىنى ئاشكارىلىۋەتكەن.

شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فاڭ يۈەن بىلەن گو فۇچېڭنىڭ تۇنجى بالىسىنىڭ بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىشىنى كۈتىۋېلىش ئۈچۈن، فاڭ ئانا شياڭگاڭغا يېتىپ كېلىپ، قىزىنىڭ كۆز يورۇشىغا تەييارلىق قىلغان بولۇپ، بىراق ئەزەلدىن خىزمەت مەستانىسى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان گو فۇچېڭ يەنىلا ئالدىراشلىقتىن بېرى كېلەلمىگەن. ھازىر ئۇنىڭ جوۋ جيېلۇنگە ئوخشاش مۇددەتتىن بۇرۇن رۇخسەت سوراپ شياڭگاڭغا قايتىپ كېلىپ ئامراق قىزىنىڭ كۆز يورۇشىنى كۈتەمدۇ-يوق، بۇنىسى نامەلۇم!


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号