باش بەت

شىرئەلى روزى

381يوللانما
14مەستانە

قەھرىمانلار كوماندىسى ئىسراپ قىلىۋەتكەن پاچۇلىيا گىرۇزىيە دۆلەت كوماندىسىدا ئېچىلىپلا كەتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 00:12 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقتى 8- ئاينىڭ 12- كۈنى ئوۋكىلاند قەھرىمانلار كوماندىسىنىڭ گىرۇزىيەلىك ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچىسى زازا پاچۇلىيا ھازىر گىرۇزىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تەركىبىدە بۇ يىل يازدا باشلىنىدىغان ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن گىرۇزىيە كوماندىسى بىلەن چېخ كوماندىسى بىر مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى ئوينىدى، ئاخىرىدا گىرۇزىيە كوماندىسى 87:76 نەتىجە بىلەن چېخ كوماندىسىنى يەڭدى، پاچۇلىيا بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 30 مىنۇت ئويناپ، 14 نومۇر، 11 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 8 قېتىم ھۇجۇم پاس بېرىشتەك ئەتراپلىق نەتىجىگە ئېرىشتى.

خەلقئارالىق مۇسابىقە مەيدانىغا قايتقان پاچۇلىيا ھازىر خۇددى قەپەزدىن بوشانغان شىرغا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، دۆلەت كوماندىسىدا ئۇ ھۇجۇمنىڭ ئاساسلىق يادروسىغا ئايلاندى، بىراق ئۇ قەھرىمانلار كوماندىسىدا پەقەت گاردىن قايتقان توپنى ئېلىشتەك «ئېغىر ۋە جاپالىق خىزمەت» كىلا مەسئۇل بولۇپ قالغان ئىدى. پاچۇلىيانىڭ بۇ يىللىق غەربى قىسىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى مەيدانىدا سان ئانتونىئو تاقا كوماندىسىدىكى كاۋايى لېئوناردنى پۇتلىۋەتكەن ھەرىكىتى نۇرغۇن تالاش- تارتىش قوزغىغان ئىدى، بىراق مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇسابىقە چۈشەندۈرگۈچىسى ياڭ يى مۇئەللىم «گىرۇزىيەنىڭ بوكىسچىسى» دەپ ئاتالغان بۇ ۋاسكېتبولچى گىرۇزىيەدە دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك تۆھپىكار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى بىر ئىپتىخارى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

مۇسابىقىدىن كېيىن پاچۇلىيا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : «بىز بىر قەدەم- بىر قەدەمدىن  ئالغا ئىلگىرىلەيمىز، ئىشىنىمەنكى مۇشۇنداق قىلساقلا دۆلەت كوماندىمىز كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ» دېدى. 

2017- يىللىق ياۋروپا ۋاسكېتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بۇ يىل 8- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن 9- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىگە ئىتالىيە، ئىسپانىيە، لىتىۋا، سېربىيە، فىرانسىيە، كىرودىيە، گېرىتسىيە، چېخ، لاتۋىيە، ئىسرائىلىيە، رۇمىنىيە، فىنلاندىيە، تۈركىيە، سىلوۋېنىيە، گوللاندىيە، قاراتاغ، گېرمانىيە، پولشا، ئىسلاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، گىرۇزىيە، ئەنگىلىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەدىن ئىبارەت 24 دۆلەت قاتنىشىدۇ، گىرۇزىيە كوماندىسى ۋە لىتىۋا كوماندىسى، ئۇكرائىنا كوماندىسى، ئىسرائىلىيە كوماندىسى، ئىتالىيە كوماندىسى ۋە گېرمانىيە كوماندىلىرى بىلەن B گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، بۇ ۋاسكېتبول مەستانىلىرىغا نىسبەتەن NBA ۋە CBA مۇسابىقىلىرى باشلىنىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ كاتتا  ۋاسكېتبول مەرىكىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号