باش بەت

ئەندەر

4240يوللانما
4مەستانە

گېرمانىيە لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما: چېمىتىز 0-5 بايرېن مىيۇنخېن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:40 2 ئىنكاس چۈشتى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30دا، گېرمانىيە لوڭقىسى 1-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىدە گېرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن مېھمان مەيداندا س دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى چېمىتىز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن لېۋاندوۋىسكى بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بايرېن مىيۇنخېندىن كومان، لېۋاندوۋىسكى، رېبىرى ۋە خۇملېس قاتارلىق توپچىلاردىن بىردىن توپ كىرگۈزۈپ، بايرېن مىيۇنخېن 5-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا، چېمىتىز كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى لېۋاندوۋىسكىنىڭ يېراقتىن تەپكەن توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 7-مىنۇتىدا، موللېر پاس چىقاردى، بىراق چېمىتىز كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى كوماننىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 20-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، لېۋاندوۋىسكى ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 28-مىنۇتىدا، چېمىتىز كوماندىسىدىن گىروت يارلىنىپ تىرىنكىس بىلەن ئالماشتى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بايرېن مىيۇنخېن بىر قانچە قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 46-مىنۇتىدا، كومان پاس چىقاردى، بىراق چېمىتىز كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى موللېرنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 51-مىنۇتىدا، بايرېن مىيۇنخېندىن رېبىرى پاس چىقىرىپ، كومان بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 60-مىنۇتىدا تولىسو پاس چىقىرىپ، لېۋاندوۋىسكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا ئالابا روببېن بىلەن، لېۋاندوۋىسكى رافائېل بىلەن ئالمىشىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، رېبىرى ئىختىيارىي توپنى بىۋاستە كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا بايرېن مىيۇنخېن ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، روببېن ئىختىيارىي توپنى باشلىدى، خۇملېس كاللا توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بايرېن مىيۇنخېن 5-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىلان مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھېچ بى خامىس توپ سۇلىدى دىمەيتا بەكلا ئۈمىد قىلاتتىم ئەسلى موراتا بىلەن خامىسنى ئا س مىلانغا ئەكەلگەن بولساق بەك ياخشى بۇلاتتى فىفارىمدا ئوتتۇرا مەيداننى ئوينايدۇ بۇ بەك پەيزى تىپىدۇ توپنى ھازىرغىچە فىفارىمدا مەرگەنلەر رەت تەرتىپدە 4 -ئۇرۇندا تۇردۇ ھەي ئالتۇن دەۋرى ھەجەپ كۆمىلەپ قالدى زە،

  • ئېمران1 ھەپتە ئىلگىرى

    مانا ، مانا ، مانا ئىسىل بىز ئالدىنقى قېتىم 6 3 قويۇپ قويغان بۇ كوماندېنېڭ غەلبىسى 5 0 باشلىنىپتۇ مانا بىزمۇ چۇقۇم بارسېلونانى 10 0 قويۇشقا كاپالەتلىك قىلىمىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号