باش بەت

ئەندەر

4240يوللانما
4مەستانە

گېرمانىيە لوڭقىسى تۇنجى ئايلانما: دورتموند 4-0 ئارلېن

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-12 23:46 7 ئىنكاس چۈشتى

8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 7:30دا، گېرمانىيە لوڭقىسى 1-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مۇسابىقىدە «سېرىق ھەرە قوشۇنى» دورتموند مېھمان مەيداندا س دەرىجىلىك بىرلەشمىدىكى رېلايسىنگېن ئارلېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دورتموندتىن بارتېلا بىلەن ئوبامېياڭ بىردىن توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە دورتموندتىن ئوبامېياڭ ئىككى توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا دورتموند 4-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 12-مىنۇتىدا دورتموند توپ كىرگۈزدى، بېست شاھىن بەرگەن پاسنى يېنىكلا تېپىپ بارتېلاغا بەردى، بارتېلا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 15-مىنۇتىدا، ئارلېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوبامېياڭنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتىدا، ئارلېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوبامېياڭنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىدا ئارلېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى چەكلەنگەن رايۇندا فىلىپنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، ئوبامېياڭ نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 2-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا، ئارلېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوبامېياڭنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 55-مىنۇتىدا، ئوبامېياڭ قارشى تەرەپ توپچىلىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 80-مىنۇتىدا، ئوبامېياڭ يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ «قالپاق ئويۇنى» ئوينىدى. مۇسابىقىنىڭ 86-مىنۇتىدا، ئارلېن كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوبامېياڭنىڭ توپىنى توسىۋالدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزۈلمەي، دورتموند 4-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • مىلان مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئاگۈيرو دىگەن نۇرداش مەن خامىسنى بايرېنغا يۆتكەلگەننىڭ ياڭقىسى توپ كىرگۈزۈپ باقمىدى دىمەكچى يازغان خېتىڭىزنى كۆرۈپ سەت كۈلۈپتىمە،

  • ئاگۈيرو1 ھەپتە ئىلگىرى

    مىلان مەستانىسى نۇرداش ئوسمان دىمبىلى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە چىقمىدى ئالدىدىكى خەۋەرگىمۇ خامىس توپ ئۇرماپتۇ دەپ ئىنكاس يېزىپسىز خامىسمۇ مەيدانغا چىقمىغان مۇسابىقىنى كۆرۈپ ئاندىن ئىنكاس يېزىڭ

  • ئېمران1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىش قىلىپ مۇشۇ زىندانىنىڭ شەخسىيەتچىلىكىدە ، نۇرغۇنتوپچىلار، خانلىق مادرىتدىن كەتتى ئەسلىدە زېدانى شەخسىيەتچىلىكنى تۈگەت ىكەن بولسا ئىدى ئۇ بامايېڭ نى؟ بىل نىڭ ئورنىغا بېنزېمانىڭ ئورنىغا مۇراتا نى قويغان بولسا COM ۋۇجوم گۇرۇپپىسى بارلىققا كېلەتتى؟ لېكىن بۇ تازنىڭ پەقەتلا كاللىسى ئىشلىمىدى بېنزىما بىلەن زې دا نى ئىككىسى 1 دۆلەتلىك بولغاندىن كېيىن ، شۇ شەخسى مەنپەئەتنى دەپ مۇراتا نى سېتىۋەتتى بولمىسا مۇراتا بېنزېما دېن خېلى بەكلا ئوبدان ئوينايتتى ئۇ ھەتتا زاپاس ئورۇندا تۇرۇپمۇ 2017 يەتتىنچى يىلى يىگىرمىدىن ئارتۇق توپ سولىۋەت سە ئەگەردەبېنزېمادەك ئاساسلىق ئەزا بولسا ، قانچە توپسول ماقچى ئىدى تېخى ئىش قىلىپ بۇ زىدانىغا بەكلا ئاچچىقىم بار مېنىڭ

  • مىلان مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ھەراس ئوسمان دېمبېلىيمۇ بار لېكىن نىمىش قىلىپ يۈرىتكى بارسېلونا يامان تالاشقان لېكىن ھېچبىر تالانتىنى كۈرۈپ باقمىدىم

  • مىلان مەستانىسى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇشۇ مېي ياڭ ياڭ نىڭ خانلىق مادرىتكا بەكلا قوشۇلغۇسى باتتى ئەپسۇس زىدانى قاراپمۇ قويمىدى ئا س مىلانغا كەلگەن بولسا ئاز پاز پۇرسەت يارىلاتتى

  • قاددى قۇناق1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوبېمياڭ دىن باشقا ئادەم يوقمۇ بۇ مۇسابىقگە چۈشكەن نىيماردىن شاش ئوينايتكەن بۇ ئېچلىپ باسسا بولسا مۇشنى ئوبېمياڭنى سېتۋېلىڭلار تەكلىۋىم

  • قوناق1 ھەپتە ئىلگىرى

    پاھ مىياڭ قالتىس جۇمۇ ۋارتارغا 7قېتىم تېپىپ 3توپ كىرگۇزۇپتۇ،تۇنجى مەيداننى ياخشى باشلاپتۇ ،ياۋروپا ئالتۇن بوتىسنى ئالغىن.

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号