باش بەت

ئەندەر

5243يوللانما
161مەستانە

ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تۇنجى ئايلانما: چېلسى 2-3 بۇرىنلېي

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 00:04 19 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8دە، 2017-2018-پەسىللىك ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 1-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە سىتامفورد كۆۋرىكى مەيدانىدا ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئالدىنقى پەسىللىك چېمپىيون چېلسى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بۇرىنلېي كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە چېلسىدىن كاھىل قىزىل كارتىغا ئېرىشىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، بۇرىنلېي كوماندىسىدىن ۋوكېس ئىككى توپ، سىتېفىن ۋۇد بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا چېلسىدىن موراتا بىلەن داۋىد لۇيىس بىردىن توپ كىرگۈزدى، فابرىگاس قىزىل كارتا بىلەن مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، چېلسى 2-3 نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 14-مىنۇتىدا، چېلسى كاپىتانى قارشى تەرەپ توپچىسىنى يىقىتىۋەتكەچكە باش رېپىر ئۇنىڭغا قىزىل كارتا بېرىپ مەيداندىن چىقىرىۋەتتى. مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا، بۇرىنلېي كوماندىسىدىن ۋوكېس بىر توپ كىرگۈزدى، بىراق باش رېپىر بۇ توپنى ئورۇن ھالقىغان دەپ قارىغاچقا ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتى. مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا، بۇرىنلېي كوماندىسىدىن ۋوكېس بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا بۇرىنلېي كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، سېتىفىن ۋۇد بىلەن جىك كۇك ماسلىشىپ ناھايىتى چىرايلىق بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 43-مىنۇتىدا بۇرىنلېي كوماندىسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، بۇراد توپنى باشلىدى، ۋۇدېر پاس چىقىرىپ، ۋوكېس كاللا توپ كىرگۈزدى. يېرىم مەيدان مۇسابىقە 3-0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا، بۇرىنلېي قاپقىچىسى ئالونسۇنىڭ توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا، چېلسىدىن ئالونسۇ تەپكەن توپ قارشى تەرەپ توپچىسىنىڭ قولىغا تەگكەن بولسىمۇ، رېپىر ھىچقاندا ھۆكۈم چىقارمىدى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا، موراتا زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى. مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا چېلسى ئىختىيارىي توپقا ئېرىشتى، بىراق بۇرىنلېي قاپقىچىسى ئالونسۇنىڭ ئىختىيارىي توپىنى توسىۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا، چېلسىدىن ۋىللىيەن پاس چىقىرىپ، موراتا بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 73-مىنۇتىدا، موراتا توپ كىرگۈزۈشكا ئاز قالغاندا، باش رېپىر ئۇنى ئورۇن ھالقىدى دەپ پۈشتەك چالدى. مۇسابىقىنىڭ 79-مىنۇتىدا، داۋىد لۇيىس ھۆكۈمگە نارازى بولغاچقا، باش رېپىر ئۇنىڭغا سېرىق كارتا جازاسى بەردى. مۇسابىقىنىڭ 83-مىنۇتىدا، فابرىگاس بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى سېرىق كارتىغا ئېرىشىپ مەيداندىن چىقىرۋېتىلدى، چېلسى توققۇز ئادەم بىلەن قالدى. مۇسابىقىنىڭ 88-مىنۇتىدا موراتا پاس چىقىرىپ، داۋىد لۇيىس بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىن توققۇز ئادەملىك چېلسى كۈچىگەن بولسىمۇ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈلمەي، 2-3 نەتىجىدە مەغلۇپ بولدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • بۇيۇك4 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى مۇراتانى ساتماي كۆپرەك چىقىرىپ رونالدونىڭ ئىزباسارى قىلسا ،ئىسكو ،ئاسىنشىيو ئۈچى ئوت چىقىرىۋېتەتتى

  • ئۈلكەرj4 ئاي ئىلگىرى

    موراتا بەقلا تىرىشتى ئەپسۇس ۋاقىت يار بەرمىدىدە ،،باشتىلا چىقارغان بولسا بوپتىكەن ،،، مادرىد ساتقان توپچىلاردىن خامىستىنلا ،،شەپە يوق ،،،،موراتامۇ توپ ئۇرۇپ بولدى تۇنجى مەيداندا ،،،لىيوندىكى مارىيانومۇ 2مەيداندا 3توپ ،،،مادرىدتا يىلدا ئۇرغان توپىنى 2مەيداندا ئۇرۇپ بولدى ،،،،

  • قارا خەنجەر4 ئاي ئىلگىرى

    چېلسىغا ئۇۋالچىلىق جىق بوپ كەتتى ، موراتا مەيدانغا چىقىپلا باشقىچە جانلەاندۇرىۋەتكەن مەيداننى ، ئەپسۇس ، ئىككى ئادەمنىڭ يوقلۇقى بەك چاندى ، موراتا يالغۇز تاسلا قالغان تەتۈر ئېشىپ كەتكىلى تېخى

  • روھ4 ئاي ئىلگىرى

    موراتا بەك ياخشى ئ‍وينغان ئ‍ەپسۇس

  • مېھمان4 ئاي ئىلگىرى

    ئەسلى مۇرات بالدۇر چىققان بولسا نەتىجە بۇنداق بولماستى ھېلىمۇ كېيىن چىقىپ ئىككى توپنىڭ كىرشگە كۇش چىقىرىپتۇ

  • مىلان مەستانىسى4 ئاي ئىلگىرى

    ما چېلسېنىڭ باللىرى ھەجەپ ئۇتتۇرغىلى تۇردىيا بۇ،

  • ئىسىل ياشا4 ئاي ئىلگىرى

    موراتا دەششەتقۇ چىلسىگە ئۇۋال بولغاندەك تۇر دىغۇ ئورۇن ھالقىغان توپ دەپ 2 ئادەمگىمۇ قىزىل كارتا بەرگەن بامۇ ئەمدى

  • خالمۇرات4 ئاي ئىلگىرى

    مۇسابىقە ئەمدى باشلىنىپ تۇرۇپلا چېلسى تەرەپ تازا پاكىز ئوينىمىغان شۇنىڭغا قاراپلام تەلەي كەلمەيدىغان چېغى دەپ ئويلىغان دېگەندەك بولدى..لېكىن ئاخىرغا بارغاندا تىرىشتى ئىشقىلىپ ئىسىل ، راس خازارد چۇشمەپتۇ ئاشۇ بالا كەتمىسە بولتى.

  • ئۈمىد4 ئاي ئىلگىرى

    ئېسسل گەرچە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ توققۇز ئادەم بىلەنمۇ كۈچىگەن، موراتا نەدىلا بولسۇن كۆپۈنچە مادىرىد مەستانىسى ئۇنى قوللايدۇ دەپ ئويلايمەن ، موراتا بىر مەيداندا بىر ياردەمچى پاس ۋە بىر توپ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە زاپاس بولۇپ تېخى ، مارىئانو دېئاز ئىككى مەيداندا ئۈچ توپ ، بۇنىڭدىن مادىرىدنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى زاپاسلىرىنىڭمۇ قانچىلىك ياخشى توپچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ ، يۆتكەلگەن بولسىمۇ مادىرىدتا توپ تەپكەن بارلىق توپچىلارغا ھۆرمۈتۈم بار. ئۇلار مەيلى قايسى كۇلۇپتا بولسۇن ئامەت تىلەيمەن .دىمارىيانىڭمۇ بارىسلوناغا يۆتكۈلۈش خەۋىرى پەيدا بولۋاتىدۇ ، مەيلى ئۇ بارىسلوناغا يۆتكۈلۈپ قالسىمۇ ئۇنىڭغىمۇ ئامەت تىلەيمەن .

  • نۇرئەلى(ئاتۇش)4 ئاي ئىلگىرى

    ۋاۋ راۋۇس قىززىپتۇ كىيىنكى يېرىم مەيداندا چېلسى خېلى كۆپ تىرشىپتىكەن 2ئادىمىنىڭ يوقلىقى بەك چىنىپتۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号