باش بەت

ئادىلجان

6830يوللانما
70مەستانە

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ماشىنىنى بەك ئاستا ھەيدەشتىن ھەزەر ئەيلەڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 21:20 5 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 13-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ۋاڭ خانىم بىر BMW ئاپتوموبىلىنى «تاشپاقا» سۈرئىتىدە ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقتى، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىدە يولمۇ توسۇلۇپ قالمىغان بولۇپ، ئىنتايىن راۋان ئىدى. بۇ ۋاقىتتا بۇ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كېتىۋاتقان بىر ئېغىر تىپلىق يۈك ماشىنىسى نورمال سۈرئەتتە كېتىۋاتاتتى، ئالدى تەرەپتىكى BMWنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن رولنى بۇراپ يەنە بىر تەرەپتىن جىددىي تورمۇز تۇتتى، ئەمما ئارىلىق بەك يېقىن بولغاچقا يۈك ماشىنىنىڭ سول بۇرجىكى BMWنىڭ تورۇسىغا ئوتتۇرا قىسمىغا سوقۇلدى. 

ۋاڭ خانىمنىڭ قاتناش ساقچىسىغا ئېيتىپ بېرىشىچە، بۇ BMWنى يېقىن دوستىدىن ئارىيەت ئالغان بولۇپ، دوستى بۇ ماشىنىنى ئالغىلى ئۇزۇن بولمىغانىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارىيەتكە بەرگەن ۋاقىتتا ئېھتىيات قىلىپ ھەيدەشنى قايتا-قايتا تاپىلىغانىكەن. ئەمما ئۇنىڭ «ئېھتىياتچانلىقى» بۇ ماشىنىنى پۈتۈنلەي كاردىن چىقارغان. 


بىرىنچى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئەڭ تۆۋەن سۈرئەت چەكلىمىسى دېگەن نېمە؟

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاش يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش چارىسى»نىڭ 11-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا نورمال يول يۈرگەن ۋاقىتتا ئەڭ تۆۋەن سۈرئىتى 50 كىلومېتىردىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ. ئەمما سۈرئەت چەكلىگۈچى قاتناش بەلگىسى ياكى سۈرئەت چەكلىگۈچى يول يۈزى بەلگىسىگە ئۇچرىسا ھەمدە بەلگىدە كۆرسىتىلگەن سائەتلىك سۈرئەت چەكلىمىسى بىلەن يۇقىرىقى بەلگىلىمە بىردەك بولمىسا، بەلگە ياكى بەلگىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش لازىم. 

يۇقىرىقى بەلگىلىمىدىن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى ئەڭ تۆۋەن سۈرئەت چەكلىمىسى ھەققىدە ئېنىق بەلگىلىمە بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، بىز سۈرئەتنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تۆۋەن ھالەتتە ھەيدىسەك، كامېرا بىزنىڭ پەيتلىك سۈرئىتىمىزنى سىنغا ئېلىۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىز بەلكىم سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن بىلەن ئوخشاش جازالىنىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا، 12 نومۇرىڭىزنى قەدىرلەپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا سۈرئەتنى زىيادە ئاستا قىلىپ قويماڭ.

ئىككىنچى، تۆۋەن سۈرئەتتە يول يۈرگەندە سوڭدىشىش خەۋپى كېلىپ چىقىدۇ

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا بەزى ماشىنا ئىگىلىرى يانداش يولىنى ئىگىلىۋېلىپ ماشىنىنى تاشپاقا سۈرئىتىدە ھەيدەپ ماڭىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ماشىنىلار ياندىشىمەن دەپ بۇ سۈرئىتى ئاستا ماشىنىغا سوقۇلىدۇ. بۇ بىزنىڭ سەپىرىمىزگە زور ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە باشقىلارنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلكىگىمۇ تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا سۈرئەتنى ئاستا ھەيدىگۈچىدىن 3 نومۇر تارتىلىدۇ ھەمدە ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

ئۆزى ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىش ئىنتايىن ئەۋج ئالغان بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن ماشىنا ئىگىلىرى ماشىنا ئەترىتى ھاسىل قىلىپ توپ بولۇپ ساياھەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى بەلگىلىك ئاساستىكى ماشىنا ئەترىتى سەپ شەكلىنى ساقلىغاندا، ھادىسە كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىكى سۈرئىتى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ تەرتىپى قالايمىقانلىشىپ، ناھايىتى ئاسانلا ئارقىمۇ ئارقا سوڭدىشىپ سوقۇلۇش ۋەقەلىرى كۆرۈلىدۇ. 

يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا تەلەپ قىلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن سۈرئەت چېكى دەل تېجەشلىك ۋە مۇۋاپىق سۈرئەت بولۇپ، ماي سەرپىياتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك ھادىسىلەردىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قەشقەچى3 ئاي ئىلگىرى

    يانداش يولىنى ئىگەللۋلىپ ئاستا مىڭىش ئەڭ ناچار قىلمىش

  • قارقاش ئوغلى3 ئاي ئىلگىرى

    ۋەقە چىقامايمە دەپ ئاستا ھەيدەپ ۋەقە چىقىپتۇ
    ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولدىغۇ بۇ

  • ئسىل3 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا يۈقۇرى سۆرئەتلىك تاشيول دەيمىز

  • يولۇچى3 ئاي ئىلگىرى

    چوڭ يۈك ماشىنا شوپۇرمۇچارچاپ ماشىنا ھەيدىگەن گەپ بولمىساقاراپ تۇرۇپ سوقۇۋەتمەس بولغىيتتى

  • يۈسۈپجان غوجىرىق3 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنىنى تىز ھەيدەپ ۋەقە چىقىپتۇ دەپ تولا ئاڭلىغانتىم بۇمۇ بىر مۆجىزە بوپتۇ ھەممەيلەن قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلغىنىمىز ياخشى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号