باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

ماسك: AIنىڭ بىخەتەرلىك مەسلىسى چاۋشىيەندىنمۇ خەتەرلىك

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 12:32 4 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 13-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا، SpaceXنىڭ CEOسى ماسك سۈنئىي ئىدراك (AI)نىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئانچە قارشى ئالمايدىغاندەك قىلدىۇ. يېقىندا ئۇ توردا بىر يازما ئېلان قلىىپ، AIنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى چاۋشىيەدىنمۇ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە قالغان بىر ئايالنىڭ سۈرىتىنى قوشۇمچە قىلىپ يوللىغان بولۇپ، ئۈستىگە مۇنداق يېزىلغان:«ئەڭ ئاخىرىدا ماشىنا ئادەملەر يېڭىدۇ.» ماشىنا ئادەملەر يېڭەمدۇ؟ قارىغاندا دەرۋەقە شۇنداق ئوخشايدۇ، يانفونغا قارىساقلا ھەممىنى بىلىمىز، ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ يانفوندىن ئىبارەت ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ بولدى. 

ماسك يەنە مۇنداق دېدى:«ھېچكىم نازارەت قىلىنىشنى ياقتۇرمايدۇ، ئەمما ئاممىغا نىسبەتەن خەتەرلىك بولغان بارلىق نەرسىلەر (ئاپتوموبىل، ئايروپىلان، يېمەكلىك، دورا قاتارلىقلار» نازارەت قىلىپ باشقۇرۇلۇشى كېرەك. AI تېخىمۇ شۇنداق.» ئۇ ئالدىنقى ئايدىكى مەملىكەتلىك ئىشتات باشلىقلىرى يىغىنىدا مۇشۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 

ئۇنىڭدىن باشقا، ماسك يەنە توردا Open AI شىركىتى ياسىغان ماشىنا ئادەمنىڭ داڭلىق «Dota 2» كەسپىي ماھىرنى مەغلۇب قىلغانلىق ئىشىنى تىلغا ئالدى. ئىگىلىنىشچە، ماسك پايدا ئالمايدىغان تەشكىلات Open AIنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، ئۇ بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئادەملەرنى مەغلۇپ قىلالايدىغان ئۇسۇلنى تېپىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. 

ماسكنىڭ قارىشىچە، AI ئاللىبۇرۇن قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدىكى تەھدىتكە ئايلىنىپ بولغان. ئۇ توردا مۇنداق دېدى: «AIدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرنى بىلىدىغان ئادەم دەل ئۆزى ياسىغان ئەقلىي ئىقتىدارغا شەكسىز ئىشىنىدىغان ئادەم، ئۇلار باشقىلار ئۆزلىرى قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.»

باش سۈرەت تاللاش x
  • بىر1 ئاي ئىلگىرى

    بۇنىڭغا مەن شەكسىز ئىشىنىمەن ،ئىنسانلار ئۈزىنىڭ پۇتىغا ئۈزى پالتا چىپىۋاتىدۇ،
    مەن ئويلاپ قالدىم ،يەنىلا تەرەەققى قىلمىغان بولسىمۇ مىنىڭ ئاشۇ يېزام ياخشىكەن ،ھەممە نەرسىلەر ساپ ھەم پاكىز ،
    ھازىر بىز نىمىنى تەرەققى قىلدۇرشىمىز نى نىمە تەرەققى قىلدۇرماسلىقىمىزنى زادىلا بىلەلمىدۈك ،ساپ بۇدۇنيادا ئۆلمەيدىغاندەك ياشاۋاتىمىز ،ھەي

  • سىتۋ بالمېر1 ئاي ئىلگىرى

    ماسىكنىڭ گېپى بويىچە ماسىك قۇرغان سۈنئىي ئىدراك شىركىتىدىن باشقا شىركەتلەر خەتەرلىك ، بۇ ماسىكنىڭ ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ، ئاۋال بىرئىشنىڭ خېيىم خەتىرىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ ئاندىن بۇنى مەن ھەل قىلاي دەپ شىركەتتىن بىرنى قۇرىدۇ

  • ساراڭ1 ئاي ئىلگىرى

    ماسك نىڭ گېپىنى توغرا دەپ قارىدىم

  • نەبى1 ئاي ئىلگىرى

    ئەلۋتتە ماشىنا يىڭىدۇ تىلفۇنى ئادەملەر كەشىپ قىلغان نەرسە ھازىر ئادەملەر تىلفۇن بولمىسا بولمايدۇ تىلفۇنغا قۇل بولدى كىين ئۆزى ياسىغان ماشىن ئادەملەرگە قولۇق ئىشلىشىمۇ مۇمكىن بۇ ئەنچە يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە يۈز بىرۇد ئۇ چاغدا ماشىنا ئادەملەر ئادەملەرنى ئۆلتۈرۋەتىسمۇ قانون بولمايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号