باش بەت

durdana

1064يوللانما
56مەستانە

ئامېرىكا پۇلدار خانىملىرىنىڭ ئۇۋىسى--بېۋېرلى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 12:50 9 ئىنكاس چۈشتى

كالىفورنىيە ئىشتاتى تىلغا ئېلىنسا كىشىلەر ئاپتاپلىق دېڭىز قىرغىقى، ساھىبجاماللار بىلەن تولغان دېڭىز ساھىلى، ھوللىۋود چولپانلىرى، داڭلىق بېۋېرلى تېغىدىكى بەدخەجلەرنى خىيال قىلىدۇ.

كالىفورنىيە ئىشتاتىدا چوڭ-كىچىك بولۇپ 58 ناھىيە بار بولۇپ، نەچچە ئون چوڭ-كىچىك شەھەردىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭ ئىچىدە پەقەتلا 30 مىڭ نوپۇسى بار بېۋېرلى تېغى لوس ئانژېلېس ناھىيەسىدىكى ئەڭ باي شەھەردۇر.

بۇ يەردە ھەر ساھەدىكى داڭلىقلار، كىنو چولپانلىرى ئولتۇراقلاشقان، شەھەر رايونىدىكى رودىيو يولى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ھەشەمەتلىك بۇيۇم دۇكانلىرى ئەڭ زىچ، ئەڭ جىق ئورۇنلاشقان مال سېتىۋېلىش كوچىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يەردە ئولتۇرالايدىغان ئادەملەرنىڭ كىرىمى چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك، چۈنكى بېۋېرلىنىڭ ئۆي باھاسى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ قىممەت، ئەڭ ئەرزان ئۆيىمۇ تۆۋەن بولغاندا 2 مىليون 200 مىڭ دوللار(15 مىليون يۈەن خەلق پۇلى) غا توغرا كېلىدۇ.

پۇلدارلار 10 مىليون دوللاردىن 200 مىليون دوللارغىچە بولغان ئۆيلەرنى كۆزىنى مىتمۇ قىلماي ئېلىۋېتىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ پۇلدارلار زادى كىملەر؟ بۇنىڭغا قىزىققۇچىلار بۇ سىرنى بىلىش ئۈچۈن رىيازەت چەكتى، ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىمۇ ناھايىتى تىرىشىپ، نۇرغۇن پىروگىراممىلارنى ئىشلەپ، بۇ كىشىلەرنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى قىدىرىپ بېقىشقا ئۇرۇندى.

2010-يىلى بىر بۆلۈك پۇلدار خانىملار قاتناشقان راست ئىشلار پىروگىراممىسى مەيدانغا كەلدى: «بېۋېرلىدىكى ھەقىقىي ئائىلە ئاياللىرى»(比佛利娇妻The Real Housewives of Beverly Hills).

پىروگىراممىغا قاتناشقان مېھمانلار ھەممىسى بېۋېرلى تېغى ئەتراپىدا تۇرىدىغان پۇلدار خانىملار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بانكىرنىڭ ئايالى، پۇلدار نەچچىنچى ئەۋلادنىڭ ۋارىسى، ئۆي-مۈلۈك سودىگىرىنىڭ ئايالى، باي سودىگەرگە ياتلىق بولغان ئايال ئارتىس، لوندون ۋە لوس ئانژېلېستا نەچچە ئون تاماقخانا، قاۋاقخانا ئاچقان ئايال كارخانىچىلار بار.

ئۇنىڭ ئىچىدە 3-بۆلۈمىدىن 6-بۆلۈمىگىچە قاتنىشىپ ئايرىلغان يولاندا خادىدمۇ بار، ئۇ ھازىر ناھايىتى قىززىق نۇقتىلىق بولىۋاتقان ئىككى مودېل جىجى ۋە بېللانىڭ ئانىسى.

ئىككىنچى قېتىملىق يولدىشى بىلەن تۇرىدىغان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسى، قىممىتى 27 مىليون دوللار (180 مىليون يۈەن).

يەتتە يىل ئىچىدە پىروگىرامما يەتتە بۆلۈم ئىشلەندى، پۇلدارلار نەچچە رەت ئالماشتۇرۇلدى، تېمىلار سەرخىل يوسۇندا داۋاملاشتى، قىزىققۇچى كۆرۈرمەنلەرمۇ ناھايىتى قانائەت ھېس قىلدى.

ئۇلار كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نامايەن قىلدى، ئوتتۇرا دېڭىزدا ساياھەت پاراخوتىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىش، ھەر خىل ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش، قىزىل گىلەمدە مېڭىپ، ھەشەم كىيىنىپ، زىبۇ-زىننىتىنى پارقىرىتىپ پائالىيەتكە قاتنىشىش دېگەنلەر كەم بولمىدى. ئاددىي بىر ئىشىكتىن چىقىشىغىلا مىليون دوللارنىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇپ يېنىپ كىردى.

لېكىن ئايال كىشى دېگەن بىر يەرگە كەلسە نېمە بولماقچىدى؟ غەيۋەت ۋە تىرناق سېلىش (catfight دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، ئىككى ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جەڭنى كۆرسىتىدۇ-ت) دېگەن مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر ئىش. لېكىن بۇ خانىملارنىڭ تىرناقلىشىشى بىز ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدۇ.

بۇ پۇلدار خانىمنىڭ ئىسمى لىسا رىننا(Lisa Rinna)، بىر تېلېۋىزىيە ئارتىسى، پۇلدار، تەنناز، تۆتىنچى بۆلۈمدە قاتناشقان ئەزا، پىروگىراممىغا چىقىپلا ئاداۋەت تېرىشقا باشلىغان.

5-بۆلۈم پىروگىرامما ئىچىدىكى تىرناق سېلىش ئەۋجىگە چىققان، ئۇ يەنە بىر پۇلدار خانىم پارىس ھىلتوننىڭ ھاممىسى كىم رىچاردىس بىلەن تاماق يەۋاتقاندا،كىمنىڭ پىروگىراممىنى شەخسىي قوللىغانلىقىنى باشقا ئەزالارغا ئېيىتماي چېكىدىن ئاشتى دەپ گۇمانلانغاچقا، سۆزلىگەچ ئورنىدىن تۇرۇپ قول سالدى، ھېچكىممۇ ئۇنى تارتقۇشلاپ بولالمىدى.

بىرى-بىرىنىڭ كۆزىگە سىغىشمايدۇ، گۈزەل بولۇشتا، بايلىقتا، سومكىلىرىنىڭ ئېسىللىقىدا، كىمنىڭ ئەڭ كۆپ ساخاۋەت قىلىدىغانلىقىدا بەسلىشىدۇ، ئاددىي ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىدىن ئاددىي شەكىلدە بىزار بولۇشلىرى ئۇلارغا كەلگەندە، ئالماس ئۈزۈكلىرىنى پارقىرىتىپ، شامپانلىرىنى سۈمۈرۈپ ئىچكەچ بىر-بىرىگە ئوت ئېچىشقا ئۆزگىرىدۇ.

ئۇلارنىڭ بىللە ئوتقاشتەك ياسىنىپ قىمار مەيدانىغا كىرگەندىكى كۆرۈنۈشىدە كامېرا يەنە ئۇلارنىڭ بەس تالاشقان، تىللاشقان ھەتتا قول سالغان يەرلىرىنىمۇ سۈرەتكە ئېلىۋالغان.

يەنە شۇ 5-بۆلۈم، يېڭى كەلگەن پۇلدار خانىم، ساھىبجامال ئارتىس ئىلىن دەۋىدسون (Eileen Davidson) كونا ئەزا، سابىق مودېل بىرەندى گلەنۋىل (Glanville) نىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى مەنزىرىنى قايتا بىر ئورۇنلاپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، گەپ-سۆزسىزلا قىزىل ھاراقنى ئۇنىڭ يۈزىگە چېچىۋەتكەن.

70 ياشقا بارغان لىسا ۋاندېرپامىپ(Lisa Vanderpum) بۇ پىروگىراممىدىكى سۆز قىلىشقا ئەڭ سالاھىيەتلىك پېشقەدەم ئەزا دېيىشكە بولىدۇ.

مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئارتىستىن كارخانىچىغا ئايلانغان لىسا يولدىشى بىلەن لوندوندا تۇرىدۇ، لوس ئانژېلۋستا 20 نەچچە تاماقخانا ۋە قاۋاقخانىلىرى بار، ئومۇمىي مۈلكى نەچچە يۈز مىليونغا يېتىدۇ.

بىر قانچە قىسىم جەريانىدا ئۇ مال سېتىۋېلىشقا بارغاندا تىمساھ تېرىسىدە تىكىلگەن سومكىسىنى كۆتۈرۈپ، ئالماس قويۇلغان ئايىغىنى كىيىپ، دۇكاندىن ئازراق بىر نەرسە تاللاپلا يۈز نەچچە مىڭ دوللارنى خەجلىۋەتتى، ئالغىنى بىر قانچە قۇر كىيىملا ئىدى.

لېكىن قارىماققا شۇنداق ئېغىر-بېسىق كۆرۈنىدىغان لىسا خانىم خالىغانچە قىزىل ھاراقنى باشقىلارغا چېچىۋېتەلەيدىغان بىرەندىغا يولۇققاندا ئامان قالمىدى. ئوخشاشلا 5-بۆلۈمدە ئىككەيلەن سۆزلىشىپ تاكاللىشىپ قالدى، بىرەندى لىسانى بىر تەستەك سالدى!..

تۈگىمىگەن تىرناقلىشىشلار.. پۇلدار خانىم بولۇشمۇ ئوڭاي ئەمەسكەن، بۇ خانىملارنىڭ ھەممىسى گۈزەللىك سالونلىرىغا بېرىپ، ئۆزىنى ئاسراشقا ئامراق، ئوكۇل ئۇرغۇزۇپ، تېرىسىنى تارتقۇزۇشقا ئامراق، خۇددى تېرىسى قانچە چىڭ بولسا پۇلى شۇنچە كۆپلىكى ئىسپاتلىنىدىغاندەك..

تېرىسىنىڭ چىڭلىقىدا بەسلىشىپ بولغاندىن كېيىن يەنە يىغىلىشقا مېھمان تەكلىپ قىلىشتا بەسلەشتى، سورۇننى قانچە چوڭ قىلسا، ھەشەم قىلسا شۇ نوچى، يىغىلىشتىن كېيىنكى زىيارەتتە يەنە ئۆز-ئارا بەس تالاشتى.

ئۈنچە-مارجانلار ئارىسىدىكى بۇ پۇلدار خانىملار تىللاپ-تىللاپ، ھاياجانلىنىپ ئاخىرى يىغلاپ كېتىشتى، ئىشقىلىپ ئىچىدىكىنىڭ ھەممىنى ئاشكارىلاپ، پۇخادىن چىقىۋالدى.

بۇ پىروگىراممىدىن باشقا تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسى يەنە بېۋېرلى بايلىرىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن پىروگىراممىلارنى ئىشلىگەن، بۇ خانىملار باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ پۇل تېپىشىغا ئاساس سېلىپ بەرگەنلىكى بىر ھەقىقەت.

سۈرەتتىكى قىزنىڭ ئىسمى نىكول پوللارد، بېۋېرلىدىكى كەسپىي مال سېتىۋالغۇچى. ئۇنىڭ خىزمىتى ئاشۇ پۇلدار خانىملارغا ياردەملىشىپ پۇل خەجلىشىپ بېرىش.

نىكولنىڭ تەجىرىبىسى مول، بېۋېرلىدىكى بايلارغا مال سېتىۋېلىپ بېرىشتىن باشقا ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىگىمۇ خىزمەت قىلىپ باققان. ئۇ تاپشۇرۇۋالغان مال سېتىۋېلىش تالونلىرى ئىچىدە پۈتۈنلەي ئاق رەڭلىك بولغان تىمساھ تېرىسى سومكىسىدىن تارتىپ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئاتىسى لىنكولىن ئىمزا قويغان چەكلىك نۇسخىلىق كىتابقىچە بار.

خېرىدارغا لازىم بولسىلا ئۇ ھەتتا ئاينىمۇ سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرىشى مۇمكىن.

«مىليونىرلارغا نەرسە سېتىۋېلىش» (Buying for the Billionaires帮亿万富豪买买买) پىروگىراممىسىغا قاتناشقاندا ئۇ بىر داڭلىق ھۆسىن تۈزەش دوختۇرىنىڭ تالونىنى تاپشۇرۇۋالدى.

پۇلدار خانىملارغا خىزمەت قىلىپ پۇلغا تىقىلىپ كەتكەن ئايال دوختۇر تارىين روس ئۆزىنىڭ شەخسىي مودا تور بېتىدە بىر پائالىيەت قىلغان بولۇپ، تور بېتىگە قويسا ھەممەيلەننىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتىدىغان بىر بۇيۇمنى تاپماقچى بولغان، شۇڭا ئۇ نىكولنى ئىزدىگەن.

نەچچە مىليونلۇق سومكىنى كۆتۈرۈپ نىكولنى تاپقان تارىين ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئېيىتتى: مەن ھېسابلىمىدىم، قانچىلىك ھەشەمەتلىك بولسا بولىۋېرىدۇ.

ئىككەيلەن ئون مىنۇتتەك پاراڭلىشىپلا تالوننى مۇقىملىدى، نىكول خېرىدارى ئۈچۈن دۇنيادا بىر بولغان سومكىنى تېپىپ بېرىدىغان بولدى.

شۇنىڭ بىلەن پىروگىرامما سۈرەتكە ئېلىش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى سۈرەتكە ئالدى. ئۇ باشتا بىر ئېسىل بۇيۇملار دۇكىنىغا بېرىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈردى. مال ساتقۇچى چوڭ بىر خېرىدار ئىكەنلىكىنى بىلىپ، دەرھال ھالرەڭدىكى تىمساھ تېرىسىدە تىكىلگەن سومكىنى تونۇشتۇرۇپ 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى دېدى.

نىكول خوشال بولۇپ، دەرھال تالون يازغۇزۇشقا تەييار بولدى، نەتىجىدە مال ساتقۇچى سومكىغا ئالدىن زاكاس بېرىلىپ بولغانلىقىنى، ساتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

مال ساتقۇچى ئالدىن زاكاس قىلغان خېرىدارنى ئۇنۇتالمىدى، نىكول تېلېفوننى تارتىپلا ئېلىپ، تەمكىنلىك بىلەن سورىدى: «ئەگەر 120 مىڭ باھا قويسام بۇ سومكىنى ئالالامدىم-يوق؟»

بىر قانچە مىنۇتتىن كېيىن خېرىدار قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ يېرىم سائەت ئىچىدە نىكول خېرىدارى ئۈچۈن 120 مىڭ دوللار(800 مىڭ يۈەن) پۇلغا بىر سومكا ئالدى.

ئىككىنچى كۈنى، نىكول خېرىدارى بىلەن بېۋېرلىدىكى بىر ئۈنچە-مەرۋايىت دۇكىنىدا كۆرۈشتى، نېمىشقا؟ 800 مىڭ يۈەنلىك بۇ سومكىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر بېزەك چاپلىتىش كېرەكتە..

نۇرغۇن تاللاشلاردىن كېيىن دۇكاننىڭ دېرىكتورى پۈتۈنلەي ئالماستىن ياسالغان بىر ئەتىرگۈلنى تونۇشتۇرۇپ، سومكىغا چاپلاپ بەردى، 50 مىڭ دوللار ئۇچۇپ كەتتى.

بۇ سومكىنىڭ قىممىتى 170 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كەتتى، چۈنكى نىكولنىڭ ئىش ھەققى تېخى ھېسابلانمىدى، ئۇنىڭ سائەتلىك ئىش ھەققى ئاز بولغاندىمۇ 400 ئامېرىكا دوللىرى، خېرىدار بىلەنمۇ نەچچە قېتىم كۆرۈشتى، 20 مىڭ دوللار ئالالىشىدا گەپ يوق.

ئايال دوختۇر ناھايىتى خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدى.

لېكىن پۇلدارلار يەنىلا ئاز سانلىق، پۇلنى قەغەزنىڭ ئورنىدا خەجلەيدىغان بېۋېرلىنىڭ داڭلىق كوچىلىرىدا يەنە نۇرغۇن سەرگەردان ۋە تىلەمچىلەر مەۋجۇت، بۇ ھەشەمەتلىك بۇيۇملار قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان كۆرۈنۈش بىلەن ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلىدۇ.

پۈتۈن لوس ئانژېلېس ناھىيەسىدىكى تىلەمچىلەرنىڭ سانى 48 مىڭدىن ئاشىدۇ، بېۋېرلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىمۇ ئۇنچىلىك كەلمەيدۇ. ئەڭ باي ۋە ئەڭ نامراتلارغا قاراپ ئادەمنىڭ ئىچىدىن ئاچچىق بىر كۈلكە پارتلايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئىسمىمL2 ئاي ئىلگىرى

    پۇل چىرايلىق خۇش ئېتى(ئىسمى)،كىمدە بولسا شۇنىڭكى،پۇل ئالدىدا باشقا نەرسە نىمىتى،تەستۇر پۇلى يوقنىڭ كۈنى

  • نەزمى2 ئاي ئىلگىرى

    مەنچە مىليونىرلار قانچە خەجلىسىمۇ يارىشىدۇ

  • ئەخلاق ئادەم زىننىتى3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەم كۆپ پۇل تىپىپ باي بولغانسىرى ئ‍ەخلاقسىز بولۇپ كېتەمدۇ نىمە،بۇ باي خانىم قىزلاردا ئ‍ازىراقمۇ ئ‍ەخلاق،مەدەنىيەت دېگەن ئ‍ۇقۇم يوقكەن

  • سەۋدا3 ئاي ئىلگىرى

    قىز چوكان دىگەنلەر ئەزەلدىن پۇلغا ئامېراق بولىدغان جىنىس

  • دىلبەر دل3 ئاي ئىلگىرى

    تۇق ئاشنى بىلمەيدۇدە

  • بەرەن3 ئاي ئىلگىرى

    بەدخەش دەپ مۇشۇلارنى دىسە بولىدۇ

  • مەستانە 58513 ئاي ئىلگىرى

    ئاشۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى قانداقراق ئادەملەردۇ

  • مەستانە 58513 ئاي ئىلگىرى

    بەكلا ئاشۇرۋەتتىمۇ قانداق 1تال سومكا 1000000يۇۋەندىن ئارتۇق بولۇپ كەتتىغۇ

  • جەسۇر3 ئاي ئىلگىرى

    170 مىڭ دوللار بىر مىليۇن يۇەندىن ئارتۇن پۇلغا بىر قول سومكىسى سىتىۋىلىش ، ھەقىقەتەن بايلارنىڭ قىلىۋاتقان بەدخەجلىگلىرىگە ئادەمنىڭ ئەقلى سىغمايدىكەن،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号