باش بەت

ئادىلجان

6179يوللانما
134مەستانە

Android يانفونلىرىنىڭ توك قاچىلاش سۈرئىتى نېمە ئۈچۈن iPhoneدىن تېز

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 13:35 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۆتكەن بەش يىلدا يانفون باتارېيەسىگە توك قاچىلاش تېخنىكىسىدە غايەت زور ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلدى. گەرچە باتارېيەسىنىڭ سىغىمى چوڭايتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما توك قاچىلاش سۈرئىتى زور دەرىجىدە تېزلىتىلدى. لېكىن، ئەگەر سىز ئەڭ يېڭى نۇسخىدىكى iPhone بىلەن Android بايراقدار يانفونىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز، Android يانفونلىرىنىڭ توك قاچىلاش سۈرئىتى iPhoneدىن تېز ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. 

بۇ ھەرگىز ئەپسانە-رىۋايەت ئەمەس. بۇ بىر رېئال ئەھۋال. ئۇنداقتا Android يانفونلىرىنىڭ توك قاچىلاش سۈرئىتىنى iPhoneدىن تېز قىلغان زادى نېمە؟ ئۇ دەل تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسى.


Android ئۈسكۈنىلىرىنىڭ توك قاچىلاش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز

نۆۋەتتە ھەرقايسى چوڭ Android مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتىنىڭ ھەممىسنىڭ ئۆزىگە خاس تېز توك قاچىلاش تېخنىكىلىرى بار، مەسىلەن: OnePlusنىڭ Dashge ۋە موتورولانىڭ TurboPower؛ OnePlus ئۆزى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان، موتورولا بولسا كۇۋالكومنىڭ Quick ge تېخنىكىسىغا قايتا نام بەرگەن خالاس. 

نۆۋەتتە خېلى كۆپ ساندىكى Android ئەقلىيفونلىرى كۇۋالكومنىڭ Quick ge تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدۇ. كۋالكومنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى ئىككى ئەۋلاد Quick ge تېخنىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرنىڭ سانى 34 خىلدىن ئاشىدىكەن. 


Android ئۈسكۈنىلىرى توك قاچىلاش سۈرئىتىنى قانداق تېزلىتىدۇ

كۋالكومنىڭ Quick ge تېخنىكىسىدا ئىشلەتكۈچىلەر قولدا مەشغۇلات قىلمىسىمۇ بولىدۇ، سىز پەقەت يانفونغا زاۋۇتتىن سەپلەنگەن توك قاچىلىغۇچنى ئىشلەتسىڭىزلا iPhoneدىنمۇ تېز سۈرئەتتە توك قاچىلىيالايسىز. 

iPhone 7نىڭ زاۋۇتتىن بىرگە چىققان توك قاچىلىغۇچىنىڭ ئۆلچىمى 1A/5v، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 5W. ئەمما Quick ge 2.0نى قوللايدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ توك قاچىلىغۇچىنىڭ توك ئېقىمى 1.67 ياكى 2Aغا يېتىدۇ، بېسىمى بولسا 5-12V ئارىسىدا، ئەڭ چوڭ قۇۋۋىتى 18Wقا يېتىدۇ. 

ئەمما ئەڭ مۇھىمى پەقەت توك قاچىلاش قۇۋۋىتىلا ئەمەس، يەنە توك مەنبە باشقۇرۇشمۇ بار. كۇۋالكومنىڭ تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىدا توك قاچىلاش سۈرئىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق باشقۇرۇلىدۇ ھەمدە مۇۋاپىق ۋاقىتتا توك مەنبەسى ئاپتوماتىك ئۈزۈلىدۇ. توك قاچىلاش باشلانغان ۋاقىتتا Quick ge توك ئېقىمىنىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ، باتارېيە تەدرىجىي  توشۇۋاتقان ۋاقىتتا، توك ئېقىمىمۇ ئاجىزلاشقا باشلايدۇ. 


iPad توك قاچىلىغۇچىنى ئىشلەتكەندە سۈرئەتنى تېزلەتكىلى بولىدۇ

ئەگەر ئۆيىڭىزدە iPadنىڭ توك قاچىلىغۇچى بولسا ئۇنى ئىشلىتىپ iPhoneغا توك قاچىلىسىڭىز سۈرئىتى تېخىمۇ تېز بولىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئالما iPhone 6نى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا iPhoneنىڭ «ئېشىنچا خىزمەت توك ئېقىمى» (ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2.1A/12W)نى ئۆزگەرتكەن. ئەمما iPad ئىشلىتىپ iPhoneغا توك قاچىلىغاندىكى سۈرئەت يەنىلا Quick ge ئىشلەتكەن Android ئۈسكۈنىلىرىنىڭكىگە يەتمەيدۇ. 


كەلگۈسى تەرەققىياتى

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئالمىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد iPhoneنى ئەڭ يېڭى تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىنى قوللايدىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە كۇۋالكوممۇ بۇنىڭغا قاراپ تۇرمىدى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد تېز توك قاچىلاش تېخنىكىسىدىكى قۇۋۋەت 10W يۇقىرى ئۆرلىتىلىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号