باش بەت

hayrigul

181يوللانما
3مەستانە

90 ياشلىق بوۋاي قۇتىسى ئوخشاپ كېتىدىغان دورىنى خاتا يەپ قازا قىلدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ياڭزى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

8-ئاينىڭ 10-كۈنى كەچ سائەت 9دا، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك چىقىپ، چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمىغان 96 ياشلىق ئەر سۇجۇ كېجىچېڭ دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىندى. بۇ بىمار بىئارام بولۇپ بېربېرىن ئىچەي دەپ نەپەس كېسىلىنى داۋالايدىغان ئامىنوفىللىننى خاتا ئىچىپ سالغان. ئامىنوفىللىننىڭ كۈندۈلۈك ئەڭ چوڭ ئىستېمال قىلىش مىقدارى بولسا 1 گرام، بۇ بىمار شۇ كۈنى جەمئىي 50 تال، يېرىم قۇتىغا يېقىن ئىچكەن، مىقدارى 5 گرامغا يەتكەن. دوختۇرخانا تەرەپ كۆپ تەرەپلىمە قۇتقۇزۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ، بىمار كۆپ مىقداردا خاتا دورا ئىچىۋالغىلىقىدىن قۇتقۇزۇش يار بەرمەي قازا قىلغان.

مۇخبىر بېربېرىن بىلەن ئامىنوفىللىن بۇ ئىككى خىل دورىنىڭ قۇتىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىگەللىگەن. بۇ بىمار ئۇدا بىرنەچچە قېتىم ئىستىمال قىلىپمۇ ئۆزىنىڭ خاتا دورا ئىستېمال قىلغانلىقىنى بايقىمىغان. بۇ بىمار ھەمراھى بىلەن بىللە تۇرغاچقا، ھەمراھى بۇ ئىشلارنى بايقىغاندا بىمارنىڭ ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك قۇيۇلۇشقا باشلىغان، ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى بايقاپ ھەمراھى نەۋرىلىرىگە ئۇقتۇرۇپ، 120گە تېلېفون قىلغىچە كەچ بولۇپ كەتكەن.

مۇخبىرنىڭ سۇجۇ كېجىچېڭ دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دوختۇرخانا 10دىن ئارتۇق خاتا دورا ئىستېمال قىلغان بىمارنى قوبۇل قىلغان. بۇ بىمارلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشانغانلار ئىكەن. بۇ دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلىرىگە مەسئۇل مۇدىرى، دورىنى خاتا ئىستېمال قىلغانلىقىنى بايقىغان ھامان دوختۇرخانىغا كېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىستېمال قىلغان دورىنى ۋە چۈشەندۈرۈشىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، دوختۇرنىڭ كېلسەللىك ئەھۋالىنى ئومۇمىيۈزلۈك چۈشىنىپ، كېسەلنى توغرا ھەم ۋاقتىدا داۋالىشىغا ياردەم قىلىشى كېرەك دەپ ئەسكەرتتى. دوختۇر يەنە كۆپچىلىكنىڭ دورىلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ، دورا قۇتىسى ياكى قېپىغا بەلگە چاپلاپ، ياشانغانلارنىڭ توغرا دورا ئىستېمال قىلىشىغا ياردەم قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号