باش بەت

del103

3900يوللانما
19مەستانە

ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئەمەلىيەتتە iPhoneنىڭ سىرتقى شەكلى

مەنبە:IT ئائىلىسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 19:00 13 ئىنكاس چۈشتى


IT ئائىلىسى تورى 13-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

iPhone يېڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ئاشۇ چاغلاردا، ئەگەر سىز ناھايىتى زامانغا خاس بىر يانفون سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلسىڭىزمۇ، تاللاش دائىرىڭىز ناھايىتى چەكلىك ئىدى. ئۇ ۋاقىتلاردا قارا بۆلجۈرگەن يانفونلىرى دەۋر سۈرۈۋاتاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن مىكروسوفت Windows Mobile يانفونلىرىمۇ قارىماققا خېلى بازار تاپىدىغاندەك قىلاتتى. بىراق، ئەگەر كۆچمە تېخنىكىنىڭ ھەقىقىي پەيزىنى سۈرىمەن دەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئالما يانفونى-iPhone سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى تاللاش ئىدى. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، جون رېتتىنگېر (Jon Rettinger) ئۆزى تولىمۇ ياقتۇرىدىغان قارا بۆلجۈرگەننى تاشلاپ iPhone نىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقان.

ئون يىل ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھازىر ئەھۋال تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئىلگىرى بىز بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇرغۇن ئىقتىدارلارغا ھازىر كۆپ پۇل خەجلىمەيمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا، بىر قىسىم تۆۋەن دەرىجىلىك ئەقلىيفونلارمۇ كۆپ جەھەتلەردە بىزنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ئىستېمالچىلارنىڭ كاللىسىدا قايمۇقۇش پەيدا بولۇشقا باشلىدى. سىز ئۆزىڭىزنىڭ زادى نېمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى قانداق بىلىسىز؟ بۇ بەلكىم بىز دوستلىرىمىز ۋە ياكى قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېغىزىدىن ئەڭ كۆپ ئاڭلايدىغان سوئال بولۇشى مۇمكىن. شۇنداق، نۇرغۇن كىشى توكى ئۇزۇن ۋاقىت يېتىدىغان يانفون سېتىۋېلىشنى ئويلايدۇ، ئەمما ھازىر بۇ شەرتكە چۈشىدىغان يانفونلار بەكلا كۆپ.

ئەلۋەتتە، بەزىدە بىز سۈرئىتى ناھايىتى تېز يانفون سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشىمىز مۇمكىن، ئەمما سنەپدراگون 626 ياكى شۇنىڭ بىلەن تەڭ سەۋىيەدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلەنگەن كۆپلىگەن يانفونلار بىزنىڭ بۇ تەلىپىمىزگە چۈشىدۇ، شۇڭا بۇنى دەپلا ئالما A بىر تەرەپ قىلغۇچىسىغا ئېھتىياجىمىز چۈشۈشى ناتايىن. ئەلۋەتتە، بىز يەنە ئېكرانى ناھايىتى چىرايلىق يانفونىمىز بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز، ئەمما سۈزۈكلۈك دەرىجىسى 1080P بولغان AMOLED ئېكرانلار بۇ ئارزۇيىمىزنى تولۇق قاندۇرالايدۇ.

بىز قاتتىق دېتال سەپلىمىسىگە بولغان تەلىپىمىزنى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇنلىغان يانفونلارنىڭ ئوخشاشلا قاندۇرالايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان چېغىمىزدا، يانفون سىرتقى شەكلى بۇ ۋاقىتتا ئەڭ مۇھىم ئامىلغا ئايلىنىدۇ. كىم سىرتقى شەكلى ئادەتتىن تاشقىرى ئېسىل بولغان، ئادەمگە ئالىي دەرىجىلىك مەھسۇلاتتەك تۇيغۇ بېرىدىغان يانفوننى ياقتۇرمىسۇن؟

ئالما شىركىتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان iPhoneغا قوللانغان «لايىھە ئۇسلۇبى»نى ئانچە ئۆزگەرتمىدى، باشقىچە ئېيتساق، iPhoneنىڭ شەكلى تۇراقلىشىپ قالدى، بۇ جوننىڭ iPhone 5تىن كىيىن ئالما شىركىتىدىن ئايرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئەمما جوننىڭ قارىشىچە، ئەگەر iPhone 8نىڭ لايىھەسى ئىستېمالچىلارغا ھەيرانلىق تۇيغۇسى ئاتا قىلالىسا، ئالايلۇق، باشقا ھېچقانداق يانفوندا يوق ماتېرىيال ياكى تېخىمۇ نەپىس لايىھە ئۇسلۇبى قوللىنىلسا، ئۇنداقتا ئۇ يەنىلا iOS بازىسىغا قايتىپ كېلىدىكەن.

جوننىڭ دېيىشىچە، سامسۇڭ Galaxy S8 يانفونىنىڭ لايىھەسى ئۇنى ناھايىتى ھەيران قالدۇرغان، ئۇ خۇددى iPhoneنىڭ كەلگۈسىدىكى قىياپىتىنى كۆرگەندەك بولغان، جۈملىدىن، Galaxy S8 دىكى ئەگمە يۈزلۈك ئېكران، ئادەتتىن تاشقىرى تار رامكا ۋە ئەينەك گەۋدىلىك لايىھە قاتارلىقلار ئۇنىڭغا بەك تەسىر قىلغان. نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇلار مەلۇم بىر ماركىنىڭ مەڭگۈلۈك سادىق قوللىغۇچىسى ئەمەس، ئۇلارنىڭ قوغلىشىدىغىنى بەلكىم شۇ دەۋىردىكى ئەڭ ياخشى مەھسۇلات بولۇشى مۇمكىن، مەيلى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ماركىسى ئالما، سامسۇڭ ۋە باشقا بولسۇن.

چىرايلىق بىر ئەقلىيفونغا ئىگە بولۇش ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان بىر ئىش. بىز كۆرۈۋاتقان نۇرغۇن نەرسىلەر، جۈملىدىن ئىجرا قىلىش سۈرئىتى، قاتتىق دېتال سەپلىمىسى قاتارلىقلار بىر-بىرىدىن ئانچە پەرقلەنمىگەن ئەھۋالدا، بىزنىڭ نېمىنى تاللىشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىردىنبىر ئامىل پەقەت سىرتقى لايىھەدۇر.

بۇ يىل ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى ئەۋلاد iPhone زادى ئىستېمالچىلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتالامدۇ-يوق بۇ بەلكىم ئۇنىڭ سىرتقى شەكلىنىڭ قانداق لايىھەلىنىشىگە باغلىق بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گېنىرال3 ئاي ئىلگىرى

    بەزەن نۇرداشلا تېلفۇن نىمە بولسا بولسۇن ئەمما ماركىسى ئالما بولسىلا بولدى دەيدىغانلار باركەن بۇنى قارغۇلارچە ئەگىشىش،يېڭىلىققا يۈزلىنەلمەسلىك دەيمىز ،

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنىم ئالما تىلفۇننىڭ سىرتقى شەكلى ئاندىرويد قا ئوخشاپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيمەن . ئاندىرويد تىلفۇنلار بىرخىل قوپال كىسەكتەك

  • ئايپەد پرو3 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىدەك ياخشى تېلىپۇن كۆرۈپ باقمىدىن شەخسىي قارشىم . ئەمما شۇ نىمە سەۋەبكىن 6 7 ئىشلىتىپ باقتىم يەنىلا قولىمدىكى 5 s نى ئالماشتۇرغۇم كەلمىدى بى خىل يېقىملىق قاتمايدۇ

  • ئومەر3 ئاي ئىلگىرى

    سامسېدېكې ئەگمە ئېكران بەك سەت كۇرنېدۇ
    ئالما پوتۇن ئېكران چققان ېلەن ئەگمە چېمايدۇ

  • قارلۇق3 ئاي ئىلگىرى

    يان تىلفۇن سىتىۋىلىشتا تاشقى قىياپىتىمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم لىكىن تىلفۇننىڭ تاشقىپىنى ئىشلەتمەيمىز ئەڭ مۇھىمى سىستىمىدىكى راۋانلىق ئالما تىلفۇننىڭ سىستىمىسىنىڭ راۋانلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ چىدامچانلىقىغىمۇ گەپ كەتمەيدۇ ئالما 4 چىققىنىغا بەشيىل بوپ ئاشتى ھازىرغىچە مۇزدەك ئىشلەيدۇ قايسىبىر تىلفۇن بەش ئاتە يىلنىڭزى بازادا پۇت دەسسەپ تۇرالىدى ئالما 3 بىلەن تەڭ چىققان تىلفۇنلا ئاللابۇرۇن ئەخلەت چىلىكىگە چۈپبولدى ئەزان مالنىڭ زادى تايىنىيوق ئالما تىلفۇنلانىڭ ئالدى بولۇشقا لايىق ئۇنى بۇنى دەپ ئاقماس پاراڭقىماي ئەمىلىيەتنى ئىتىراپ قىلايلى بولمىسىغۇ ئامرىكىنىڭ تىلفۇنى ئاياندا تۇسۇن دورىسىنى كۆسەڭلا كىسىلىڭلا بولمىسىمۇ ئىچىۋالىسىلە بۇيەدە پەقەت تىخنىكىنىڭ قالتىسلىقى ھەممىمىزنى قايىلقىلماي تۇرالمايدۇ

  • تىز پۈكمەس3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ گەپنى سامسۇڭغا دىسە ياخشى بۇلىدۇ . سامسۇڭنىڭ پارتىلاپ كىتىشىگە قارمي تاشقىبقىياپىتىنى دەپ سېتۋالىدۇ ئەمەسمۇ . سامسۇڭنىڭ سەپلىمىسىدە ۋاي دىگىدەك ھىچنىمىسى يوق ئاپراتىمۇ تۇپا چىراي . ئەسلى ھالەتتىن ئەسەر يوق تاتقان رەسىمدە ئىشقىلىپ سامسۇڭنىڭ تاشقى سۈپىتىنى دەپلا ئىشلىتىدۇ ئاساسەن

  • ئوخى3 ئاي ئىلگىرى

    ياق سىرتى ئىچىگە مامراق مەن كىم دەيدۇ سەن ھەممىمىزگە ۋەكىللىك قىلالامسەن

  • مېھمان3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ ماقالە دەل كۆڭلۈمدىكىنى دەپتۇ

  • ئالاۋىدىن3 ئاي ئىلگىرى

    مەن يەنىلا ئالمىنى قوللايمەن

  • ئابلىمىت3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما يەنىلا ئالما جۇمۇ ئۇنى دەيدۇ بۇنى دەيدۇ يەنىلا ئالمىغا يەتمەيدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号