باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

iPhoneنى ئاپتوبۇس كارتىسى ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولدى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-13 21:06 2 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 13-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

NFC (يېقىن ئارىلىقتىن خەۋەرلىشىش ئۆزىكى، Near Field Communication) يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ ئۆلچەملىك سەپلىمىسى بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاندىرويىد يانفونى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلار NFCنى چۆرىدەپ ھەر خىل ئىقتىدارلارنى چىقاردى. بىراق، ئالما يانفونىنىڭ NFC ئىقتىدارى يەنىلا «كونا مۇقام» دا كېتىۋەردى. بىراق، چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل كۈزدە ئېلان قىلىدىغان ئالما يانفونىنىڭ NFC ئۆزىكى تېخىمۇ كۆپ رولىنى جارى قىلىدىكەن. 

«فوربېس»نىڭ تور بېكىتىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، ئالما يانفونى NFC ئۆزىكىنى كىرگۈزۈپ بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ تېخنىكا بۈگۈنگىچە پەقەت ئالمىنىڭ ئۆزىنىڭ سۇپىسىدىلا چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن چەكلىنىپ قالغان، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى NFCنىڭ ئىشلىتىش بوشلۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە چەكلەپ قويغان.

بىراق، بۇ يىل كۈزدە ئالما شىركىتى پۈتۈنلەي يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسى iOS 11نى ئېلان قىلىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە iOS 11 سىستېمىسى NFCنى تېخىمۇ كۆپ رولىنى جار قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى ھەمدە ئاندىرويىد يانفونلىرى بىلەن بولغان پەرقنى كىچىكلىتىشى مۇمكىن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر مەشغۇلات سىستېمىسىدا «CoreNFC» ئىقتىدار بۆلەكچىسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن.

جۇڭگو قاتارلىق يانفون بازارلىرىدا ئىستېمالچىلار ئوخشىمىغان سورۇنلاردا NFC ئىشلىتىشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن، مەسىلەن: ئاپتوبۇس كارتىسى، بىخەتەرلىك ئىسپاتى ياكى تاۋارنىڭ تونۇشتۇرۇش خېتىگە ئېرىشىش، ھەتتا ئۆي ئىشىكلىرىنىڭ ئاچقۇچى قىلىش دېگەندەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى NFC ئىقتىدارى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

يېڭى سىستېمىدا ئالما NFC ئۆزىكىنى تېخىمۇ كۆپ NFC خەتكۈچىنى ئوقۇش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئۈچىنچى تەرەپ ئاچقۇچىمۇ NFCنىڭ بىخەتەر خەۋەرلىشىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنالايدۇ ھەمدە ھەر خىل ئەپلەرنى ئاچالايدۇ.

NFCنىڭ ئاپتوبۇس كارتىسى، مېترو كارتىسى، كۆچمە چىقىم قىلىش قاتارلىقلاردا ئىشلەتكىلى بولغاندىن باشقا، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات بوشلۇقى ناھايىتى زوردۇر. مەسىلەن: ھىندىستاننىڭ بىر تۈرىدە، دوختۇرخانىدا يېڭىدىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرى ئىملانغان (مەخپىي نومۇر قوشۇلغان) شەكىلدە بىر مارجانغا ساقلىنىپ بالىنىڭ بوينىغا ياكى بىلىكىگە ئېسىپ قويۇلىدىكەن. دوختۇرلارنىڭ قولىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياكى NFC ئۈسكۈنىسى بولسىلا، مارجانغا شۇنداقلا تەگكۈزۈپ قويسا، بوۋاقنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرى يانفوندا ياكى NFC ئۈسكۈنىسىدە كۆرۈنىدىكەن.

ھەشەمەتلىك بۇيۇملارنىڭ ساختىسىنىڭ ئەۋج ئېلىپ كېتىشى پارچە ساتقۇچىلار بىلەن ياسىغۇچىلارنىڭ بېىشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن ئىشنىڭ بىرسى ئىدى. ئەمما، بىر قىسىم داڭلىق ماركىلار، مەسىلەن: Salvatore Ferragamo شىركىتى يېقىندا NFC تاۋار خەتكۈچى ئارقىلىق تاۋارنىڭ مەنبەسى، ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش ئارقىلىق ساختا مال ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن.

كەلگۈسىدە ئۈچىنچى تەرەپ پروگىراممىلار ئالمىنىڭ NFC سىسىنى چۆرىدەپ، ئادەتتىكى ئىستېمالچىلار ۋە كەسپىي ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئاساس قىلغان تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

ئالما شىركىتىنىڭ يانفوننىڭ NFC ئىقتىدارنى ئازاد قىلىشى پەن-تېخنىكا ساھەسىنى ناھايىتى خۇشال قىلغان. كانادانىڭ ۋانكۇۋېردىكى Mobify شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Igor Faletski مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئېچىشقا ناھايىتى تەقەززاكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاچقۇچىلار كۆپ خىل ئىقتىدارى بار NFC خەتكۈچىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ تاۋارغا كىرگۈزگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا ماس ھالدا مۇناسىۋەتلىك iOS  ئەپلىرىنى ئېلان قىلسا تەرەققىيات ئەھۋالى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. بۇ ھەم يەرلىكلەشتۈرۈلگەن تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنى قوللايدىكەن، مەسىلەن: ئاپتوبۇس كارتىسى، بىخەتەرلىك ئىسپاتى قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا، تاللا بازىرى ياكى ئامباردا NFCدا سايىلىسە مۇناسىۋەتلىك تاۋارلارنىڭ ئۇچۇرىغا تېز سۈرئەتتە ئېرىشىكىلى بولىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 59dum3 ئاي ئىلگىرى

    بىرتال ئۈزۈكنىمۇ ئاپتۇبۇس كارتىسى،قۇلۇپ ئاچقۇچ ئورنىدا ئىشلەتكىلى بۇلىدىغۇ NFCئىقتىدارىنى ئىشلىتىپ
    تىلفۇننىمۇ بانكا كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىپ پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن پۇل ئالغىلى بۇلىدىكەن

  • گېنىرال3 ئاي ئىلگىرى

    قايسى زاماندىكى ئاندىروئىد تېخنىكىسى بولغىيتى بۇ تازا ئەسلىيەلمايۋاتىمەن،ئالمىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ ،ئالمىدا يېڭىلىق يارىتىش دىگەن ئۇقۇم جوبىس بىلەن گۆرىگە بىللە كەتكەن ئوخشايدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号