باش بەت

نۇسرەتگۈل

7723يوللانما
110مەستانە

يوقاپ كەتكەن 4 ياشلىق قىزنىڭ جەسىتى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول ئاستىدىن بايقالدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 10:30 18 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى 14-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەنخۇي ئۆلكىسى بېڭبۇ شەھىرى يۈخۈي رايونىدىن 4 ياشلىق بىر قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۆڭلىنى قاتتىق يېرىم قىلدى. نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل شەھەر ئاھالىلىرى ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇ قىزنى ئىزدەشكە باشلىدى. 13-ئاۋغۇست بۇ قىزنىڭ ئاللىبۇرۇن قازا قىلغانلىقى دەلىللەنگەن بولۇپ، جەسىتى بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول ئاستىدىن بايقالدى. نۆۋەتتە، ساقچىلار بۇ ئىشنى تەكشۈرۈشكە ئاتلاندى.

يۈخۈي رايونى جۇسەي كەنتىدىكى ياۋياۋ ئىسىملىك 4 ياشلىق قىز 11-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن كەنت ئېغىزىدا يوقاپ كەتكەنىدى.

ياۋياۋنىڭ ئانىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ يوقاپ كەتكەندە ئۇچىسىغا سېرىق مايكا كىيىۋالغان.

13-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ساقچىلار ياۋياۋنى بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان يول ئاستىدىن بايقىغان بولۇپ، نەق مەيداندىكى ئىزدەشكە قاتناشقان خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر كەنت ئاھالىسى يولدا دۆڭرەك چىقىپ قالغان بىر ئورۇننى بايقىغاندىن كېيىن قولى بىلەن ئازراق كولىغاندا ياۋياۋنىڭ كىيىملىرى كۆرۈنگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ بالىنىڭ يوقاپ كەتكەن 4 ياشلىق ياۋياۋ ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ℳᎥྀᎦkᎥྀйKαིしᎥྀp2 كۈن ئىلگىرى

    دوستانە سىزنىڭ گىپىڭىز بومىدى ئادەمگە ياردەم قىلىشتىنمۇ قورقىمە سىزدەكلەرگە يۇلۇقۇپ قالامدىمىكى دەپ

  • دوستانە3 ئاي ئىلگىرى

    ئەڭ ئاۋال بالىنى كولاپ تاپقان ئادەم قاتتىق تەششۈرۈش كىرەك بىر چارە بالىغا
    ئچىم ئاغرىدى

  • ئامىدىيۇ3 ئاي ئىلگىرى

    سەۋەبنى ئېنىق يازماپتىغۇ ،قانداق ئۆلۈپ كەتتى

  • ئوخى3 ئاي ئىلگىرى

    يول ياساۋاتقانلادىن بىرەسى سوقىۋەتتى شۇنىڭ بقلەن يولغا كۆمەپلام تۈزلىۋەتتى

  • شاھرلخان3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ خەۋەرنى كۈرۈپ كۆڭلۈم بىر قسملا بۇلۇپ قالدى .مەيلى كىم بۇلۇشدىن قەتئىي نەزەر قاتلنى قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قلىمەن .

  • يۇلتۇزى3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇلار پەقەت نارسىدە ئىدىغۇ ، دۇنيا نېمىشقا ئۇلارغا بۇنداق مۇئامىلىدە بولىسەن ؟

  • ئابدىۋەلى3 ئاي ئىلگىرى

    قانۇن ئورۇنلىرنىڭ جىنايەتچىگە قىلچە رەيىم قىمماستىن قاخشاتقۇچ زەربە بىرشىنى ئۈمۈت قىلمە

  • پىر-پىر كاللا3 ئاي ئىلگىرى

    شۇرايۇندىكى نۇرلۇش ماشىنلىرنى قاتتىق تەكشۈرەش كبرەك،،

  • شامال3 ئاي ئىلگىرى

    قۇرلۇش ماشنلىرى سوقۋىتىپ مەسئۇلىيەتن قىچىپ كومۋەتكەن گەپ رەھىمسز ئادەم ئەمەس كوڭلۇم بەك يىرىم بولدى

  • ئالىمجان3 ئاي ئىلگىرى

    بۇنى كۆرۈپ ئىچىم بەك ئېچىش كەتتى ، ئاتا ئانىسى نېمە بولۇپ كەتكەندۇ ،ۋاي ئېسىت .،..

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号