باش بەت

مەستان

233يوللانما
1مەستانە

ئالما AirPods تىڭشىغۇچىسىغا نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلۇش ئالدىدا

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 11:58 4 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئالما AirPods سىمسىز تىڭشىغۇچىسى بازارغا سېلىنىپ يېرىم يىلدىن كېيىن، مۆلچەرلەنگەن مال ئەۋەتىش ۋاقتى ئاخىرى بۇرۇنقى ئالتە ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگە قىسقارتىلدى، بۇنىڭدىن بۇ مەھسۇلاتنىڭ بازاردىكى سېتىلىش ئەھۋالىنى ھېس قىلالايمىز. مەھسۇلات يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ۋاقىتلاردا بەزىلەر ئالما iOS ئارقىلىق AirPodsنى كونترول قىلىدىغان قول ئىشارىسىنى كۆپەيتىشى لازىم دەپ كۆرسەتكەن، iOS 11دە ئالما بەلكىم مۇشۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتىكى iOS 10 سىستېمىسىدا، ئابونتلار iOS ئۈسكۈنىلىرىدە AirPods ئۈچۈن ئۈچ خىل قوش چېكىش ئەندىزىسىنى ئورنىتالايدۇ، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم Siri، قويۇش/توختىتىش شۇنداقلا ئۆچۈرۈش، بىراق ئابونتلار ھەر قېتىمدا پەقەت بىرلا ئەندىزىنى تاللىيالايدۇ. ئەپ ياسىغۇچىلار يېڭى iOS 11 سىناق نۇسخىسىنىڭ كودى ئىچىدە بۇ يىل iOS 11نىڭ ئابونتلارنىڭ ھەر بىر تىڭشىغۇچ ئۈچۈن مۇستەقىل ھالدا قوش چېكىش ئىقتىدارىنى ئورنىتالايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا بىر نەچچە يېڭى ئىقتىدار قوشۇلغانلىقىنى بايقىدى.

iOS 11نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئابونتلار بۇ يېڭى ئىقتىدارلارنى سىناپ باقسا بولىدۇ. بۇ يېڭى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆكچىشنىڭ تەڭشىكىدىن ماس كېلىدىغان AirPodsنى تېپىشىڭىز، ئاندىن ئوڭ تەرەپكە جايلاشقان «i»نى بېسىشىڭىز كېرەك. بۇ چاغدا تەڭشەكتە ئوڭ سول تىڭشىغۇچنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ ئايرىلغانلىقىنى، ئىقتىدار جەھەتتە بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا «كېيىنكى» ۋە «ئالدىنقى» تاللاشنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن سول تىڭشىغۇچقا «قوش چېكىش» ئارقىلىق مۇزىكىنى توختىشنى تەڭشەپ، ئوڭ تىڭشىغۇچقا Siriنى قوزغىتالايسىز.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ئالما قەدەممۇ قەدەم AirPods ئۈچۈن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن بۇ يىل يانۋاردا ئېلان قىلىنغان 10.3 يېڭىلىنىشىدا «مېنىڭ AirPodsىمنى ئىزدەش» ئىقتىدارى قوشۇلدى. سۆز-چۆچەكلەرگە قارىغاندا، ئالما يىل ئاخىرىغىچە AirPods 2نى ئېلان قىلىدىكەن، بۇنىڭغا مەلۇم خىل بىئولوگىيەلىك پەرق ئېتىش تېخنىكىسىنىڭ سەپلىنىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنى ھېسابلىغىلى بولىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئويلاپ باقسام2 ھەپتە ئىلگىرى

    ئىككى تىڭشىغۇچ ئايرىم-ئايرىم ئىكەنغۇ…بىرىنى تاپقۇچە يەنە بىرى يۈتۈپ كەتكۈدەك

  • راۋان1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما شىركىتى ياسىغان توك كىتىدۇ بۇ ھازىرقى ئەڭ ئېلغار تېڭشىغۇچ 1200 كوي سەل قىممەترەك پەقەت ئالما تېلېفونغىلا ئىشلەيدۇ بولمايدىغان يىرى مۇشۇ

  • ئۇچار1 ئاي ئىلگىرى

    بۇتىڭشىغۇچنى كىم ياسسىغان باللا

  • جەڭگىۋار1 ئاي ئىلگىرى

    بۇتىڭشىغۇچقا توك كەتمەمدا باللا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号