باش بەت

ئەخمەتجان

3382يوللانما
46مەستانە

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى سىرتقا چىقىپ بىر قېتىم دەم ئالسا قانچىلىك پۇلغا زىيان سالىدۇ

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 13:15 5 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زۇڭتۇڭ تىرامپ ھازىر يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى تىرامپ گولف توپ كۇلۇبىدا 17 كۈنلۈك دەم ئېلىۋېتىپتۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى يىل بويى ناھايىتى ئالدىراش ئىشلەيدۇ، ئۇنداقتا دەم ئالغۇسى كەلسە قانداق ئورۇنلاشتۇرىدۇ؟ تىرامپ ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولغاندىن بېرى كۆپ قېتىم ئاق سارايدىن ئايرىلىپ باشقا جايدا دەم ئالدى، سىلەرچە زۇڭتۇڭلارنىڭ دەم ئېلىش چىقىمى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

زۇڭتۇڭ رىگان كالىفورنىيەنىڭ سانتابارابارادىكى «غەربىي ئاق ساراي» دەپ ئاتالغان قورۇقتا، كىلىنتون ماراسا ئۈزۈملۈك ئارىلىدا، چوڭ-كىچىك بۇشلار تېكساس ئىشتاتىدىكى بۇش قورۇقىدا، ئوباما ئۆزى چوڭ بولغان ھاۋاي ئارىلىدا دەم ئېلىشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئالماقچى بولسا كۆپ قىسىم زۇڭتۇڭلار مارىلاند ئىشتاتىنىڭ داۋىد لاگېرىنى تاللايتتى.

زۇڭتۇڭ تىرامپ ھازىر يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى تىرامپ گولف توپ كۇلۇبىدا 17 كۈنلۈك دەم ئېلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتىدۇ. بىراق ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئاق سارايدىن ئايرىلىش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن زۇڭتۇڭ ئەمەس. ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جون ئادامىس 1798-يىلى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىپ، ماسساچۇسېتس ئىشتاتىدىكى قورۇققا بارغان، شۇنداقلا بىر بارغىنىچە يەتتە ئاي تۇرۇپ قالغان. بىراق، ئۇ ئەينى چاغدا ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغان ئايالى ئابىگال ئادامىسقا ھەمراھ بولغان. بۇنىڭدىن بۇرۇن، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئاساسەن ئۆزىنىڭ ۋېرگىنىيە ئىشتاتىدىكى دېڭىز قورۇقىغا جايلاشقان گولف توپ كۇلۇبىدا دەم ئالاتتى.

زۇڭتۇڭنىڭ دەم ئالغان چاغدىكى چىقىمى ئۇنىڭ شۇ جايدىكى دەم ئېلىش چىقىمىدىن باشقا، يەنە ھاۋا ئارمىيە 1-نومۇر، ئالاھىدە خادىملارنىڭ چىقىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ باشقا شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئامانلىق قوغداش چىقىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ پۇلى، شۇڭا باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ھەميانىغا دىققەت قىلىدىغان بىر قىسىم ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرى تاراتقۇلارنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسەن، زۇڭتۇڭنىڭ ھەر قېتىملىق دەم ئېلىش چىقىمىنى خاتىرىلەپ قويىدۇ.

مۇتەئەسسىپلەر ئۆمىكى «ئەدلىيەلىك كۆزىتىش»نىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، زۇڭتۇڭ ئوباما سەككىز يىللىق زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى مەزگىلىدە، ھۆكۈم ئىشى بىلەن چەتكە خىزمەتكە چىقىش ۋە شەخسىي ساياھەت قوشۇلۇپ جەمئىي 97 مىليون دوللار چىقىم قىلغان.

2017-يىلى 4-ئايدا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى 80 كۈن بولغان زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى ھېسابلاپ چىققان، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، زۇڭتۇڭ تىرامپ بۇ 80 كۈن ئىچىدە 21 كۈننى مارئالاگو دېڭىز قورۇقىدا ئۆتكۈزگەن، بۇنىڭ ئۈچۈن 21 مىليون 600 مىڭ دوللار چىقىم قىلغان. 7-ئاينىڭ ئاخىرغىچە، زۇڭتۇڭ تىرامپ جەمئىي يەتتە شەنبىنى مارئالاگودا ئۆتكۈزگەن. لېكىن، مەزكۇر رايوننىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ھەر قېتىم 1 مىليوللار چىقىم قىلغان، بۈگۈنگىچە جەمئىي 6 مىليون 600 دوللار چىقىم قىلىپ بولغان. زۇڭتۇڭ تىرامپ 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئۆزىنىڭ كارخانىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كەسپىلىرىنى 48 قېتىم زىيارەت قىلغان.

ياز كىرگەندىن بېرى فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ھاۋاسى قاتتىق ئىسىپ كەتكەچكە، ئۇ بۇ قېتىملىق دەم ئېلىش مەنزىلىگە يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى تىرامپ گولف توپ مەيدانىنى تاللىغان. پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ نازارەت كومىتېتى زۇڭتۇڭ تىرامپ دەم ئېلىۋاتقان ئىشتاتنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن، 25-ئاۋغۇستتىن بۇرۇن ئۇنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلدىكى بارلىق چىقىمىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

زۇڭتۇڭ تىرامپ مىكرو بلوگدا مۇنداق دېگەن: «مەن دەم ئېلىش ۋاقتىدىمۇ خىزمەت قىلدىم، يىغىنىلارغا قاتناشتىم». ئاق ساراينىڭ دېيىشىچە، زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ بۇنچە ئۇزۇن دەم ئالغۇسى يوقكەن، بىراق ھازىر ئاق ساراينى بېزەۋاتقان بولغاچقا دەم ئېلىش ۋاقتى سەل ئۇزىراپ كەتكەن، ئاق ساراينى بېزەش خىزمىتى ئۇنىڭ 17 كۈنلۈك دەم ئېلىشى ئاياغلىشىشتىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ دېيىشىچە، تىرامپ بۇرۇن: «دەم ئېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» دېگەنىكەن.

«نيۇريوك كۈندىلىك خەۋەرلىرى»نىڭ تور بېكىتىگە 3-ئاۋغۇست مۇنداق بىر خەۋەر چىقىرىلغان: «ئەينى چاغدا <دەم ئالمايمەن> دېگەن ئەركەك ئەمدىلىكتە ئاق ساراينى تاشلاپ 17 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا مېڭىپتىمۇ؟». ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى لىندساي ۋالتېرىس تاراتقۇلارغا مۇنداق دېگەنىكەن: «ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ئىككى ھەپتە <خىزمەت دەم ئېلىشى> قىلىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئاق سارايدىكى غەربىي ئىشخانىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچى رېمونت قىلىنىدۇ».

رۇسىيە «ئاخبارات ئاگېنتلىقى»مۇ ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە يېقىندىن دىققەت قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋالتېرىسنىڭ دېيىشىچە، غەربىي ئىشخانىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئىسسىتىش ۋە ھاۋا تەڭشەش ئۈسكۈنىسى يىل بويى پۈتۈن كۈن خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنى رېمونت قىلىش كېرەككەن، بۇ مەزگىلدە تىرامپ ۋە ئاق ساراينىڭ خىزمەتچىلىرى بۇ يەردىن ئايرىلىدىكەن. بىراق، باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ئاق ساراينىڭ يېنىدىكى ئىشخانا بىناسىغا كۆچۈپ كىرىدىكەن.

ئاق ساراي تىرامپ دەم ئېلىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىشخانىلارنى قايتىدىن بېزەپ چىقىدىكەن (تىرامپ ئاق ساراينىڭ ئىشخانىلىرىنىڭ «ئەبجەخ» لىقىدىن ئاغرىنغانىكەن).

تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ھەپتە ئاخىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئاق سارايدا ئۆتكۈزمىگەن ھەم فىلورىدا ئىشتاتىدىكى مارئالاگو قورۇقىغىمۇ بارمىغان، بەلكى يېڭى جېرسىي ئىشتاتىدىكى گولف توپ كۇلۇبىغا بارغان. تىرامپ يېقىندا گولف توپ كۇلۇبىنىڭ ئەزالىرى بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۆزىنىڭ داۋاملىق سىرتتا دەم ئېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئاشكارىلاپ «ئاق ساراينىڭ ئىشخانىلىرى بەك ئەبجەخ» دېگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • مۆتىۋەر3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭە 10ئامرىكا دوللىرغا زىيان سالامىكى

  • مۆتىۋەر3 ئاي ئىلگىرى

    ئۇنداق ئەمەستۇ تىرامپمۇ ياخشغۇ ئىشقلىپ ھەممىسى ياخشى

  • دۇنيانى بويسۇندۇرۇش3 ئاي ئىلگىرى

    تىرامىپ نېمىشقا زۇڭتۇڭ بولىدۇ دەيمەن. ئوبامانىڭ پىلانلىرنى يوقاتتى. بۇ يوغان باش.

  • رەجەپ توپاق3 ئاي ئىلگىرى

    ما تىرامىپ دىگەن نى ئاقساراينىڭ دەرۋازىسدىن چىقارماسلق كىرەك

  • سۈرخان3 ئاي ئىلگىرى

    تۈنۈگۈن بىر رېستۇراننىڭ ئالدىغا:
    ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ناخشا ئېيتىدۇ، كىرىش بىلىتى 200ـ.كوي ...
    دەپ تاختا ئېسىقلىق تۇرۇپتىكەن، دەرھال 200تۆلەپ ئىچىگە كىردىم.
    سەھنىگە ئۈچەيلەن چىقىپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى:
    ـــ كۆپچلىك مەن ئابلاجان بولىمەن.
    ـــ مەن ئاۋۇت.
    ـــ مەن ئايۇپ.
    ـــ...
    مىنى بىردەم يالغۇز قويۇڭلار ..

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号