باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

پۇلدار خېنىملار نېمە ئۈچۈن ھەمىشە «يالاڭتۆش»لەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 12:45 73 ئىنكاس چۈشتى

مۇقەددىمە:

رېئال تۇرمۇشتا بىز دائىم دېگۈدەك بەزى ئاياللارنىڭ:«ئەينى ۋاقىتتا كۆزۈم كور بولۇپ قاپتىكەن، قانداق قىلىپ سەندەك بىرسىگە يولۇقۇپ قالغان بولغىيتتىم» دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق، تۇرمۇشتا كۆزى ئۆتكۈر، پاراسەتلىك ئاياللار ئانچە كۆپ ئەمەس. ئۇلار كۆپىنچە ھالدا «داشقال ئەر» گە ئۇچراپ قالىدۇ.

بۇ ئىككى كۈندىن بۇيان، سامسۇڭ مەلىكىسى بىلەن قوغدىغۇچىنىڭ ئاجرىشىش ۋەقەسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ، يەنە بىر قېتىم «ئارىلاشقاق بىكارچىلار»نىڭ بەس-مۇنازىرىسىنى قوزغىۋەتتى.

كورېيە سامسۇڭ گۇروھىنىڭ باش لېدىرىنىڭ ئەتىۋارلىق مەلىكىسى لى بۇجىننىڭ باھاسى 1 مىليارد 720 مىليون دوللار دەپ بېكىتلىگەن بولۇپ، كورېيەدىكى ئەڭ باي ئايال ھېسابلىنىدۇ. ئۇ پۇل-بايلىقىنىڭ ھەددى-ھېسابسىزلىقى، ھۆسن-جامالىنىڭ ھەر قانداق كورېيە ئايال چولپانلىرىنى بېسىپ چۈشكىدەكلىكى بىلەن سودا مەيدانىدا ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق نامايەن قىلالايدىغان لاتاپەتلىك ئايال. بىراق ئۇنىڭ بىردىنبىر پۇشايمىنى بولسا، <ئەخلەت ئەر>گە ياتلىق بولۇشى ئىدى.

بۇ نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسى ھۆكۈمنامىسىدە، لى بۇجىن ئوغلىنى بېقىش ھوقۇقىغا، سابىق يولدىشى ئوجى ئوتتان 8 مىليارد 600 مىليون ۋون (تەخمىنەن 51 مىليون 760 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر)غا ئېرىشتى. مۇشۇنداق ئاجرىشىپ تۇرۇپمۇ، يەنە تېخى ئايالىنىڭ مۇشۇنچىۋالا كۆپ بايلىقىغا ئېرىشەلىسە، بەلكىم ئادەتتىكى ئادەملەر ھەتتا چۈشىدە كۈلۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. بىراق بۇ سابىق ئەر قانائەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە نومۇسسىزلارچە نارازىلىق ئەرز سۇنۇپ، بىراقلا 1 تىرىليون 200 مىليارد ۋونغا (تەخمىنەن 7 مىليارد 200 مىليون خەلق پۇلىغا باراۋەر) ئېرىشتى.

بىر جۈپ ئەر-ئايال سوتتا مال-مۈلۈك ئۈچۈن جېدەللەشسە، ناھايىتى ئېنىقكى ئىككىلا تەرەپكە ئېغىر زىيان بولىدۇ. بىراق لى بۇجىندەك نام-ئابروي ۋە قىممىتى بار ئايال زېھىنىنى بۇنداق ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ھەتتا پۇتى يارىلانسىمۇ، نەپس گىرىم قىلىشنى قولدىن بەرمەيدىغان ئايال تۇرسا.

دەسلەپتىلا، ئائىلىسىدىكىلىرىنىڭ بەخت تىلىشىگە ئېرىشەلمىگەن بۇ نىكاھ مانا مۇشۇنداق تېراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشتى. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، لى كۇنخىن قىزى ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى قەھۋەخانىدا بىر كېچە كىرپىك قاقماي چىققان. (جاھاندىكى بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش)

توي مۇراسىمىدا، لى كۇنخىننىڭ چىرايىدىن كۈلكە دېگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق، ئۇ خۇددى ئۇتتۇرىۋەتكەن قىمارۋازدەك شۇنچىلىك پەرىشان بولۇپ، قاپىقى ئېچىلايمۇ دېمىگەنىدى. دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ، قايسى بىر دادا مىڭبىر مۇشەققەتلەردە بېقىپ چوڭ قىلغان ئەتىۋارلىق مەلىكىسىنى ئۆز رازىلىقى بىلەن ھېچنېمىسى يوق «يالاڭتۆش»كە ياتلىق قىلىشقا قوشۇلغۇسى كېلىدۇ دەيسىز!

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن پۇلدار خېنىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھېچنېمىسى يوق «يالاڭتۆش»لەرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ؟ يەنە نېمە ئۈچۈن، مۇھەببەت ھېكايسى ئېچىنىشلىق تېراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشسىمۇ، يەنە نۇرغۇن پۇلدار خېنىملار ھېچنىمىگە قارىماي، داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ؟

تۆۋەندە، بىز بۇنى مۇنداق ئۈچ نۇقتىدىن تەھلىل قىلىمىز:

1. تۇغۇلغان ئائىلىسىنىڭ كەمتۈكلىكىدىن: ھەقىقىي بايلىق ماددىي جەھەتتىكى بايلىق بولماستىن بەلكى روھىي جەھەتتىكى تويۇنۇشتۇر.

نۇرغۇنلىغان زەردارلار سودىدىكى تۈرلۈك زىياپەت، يىغىلىشلارنى دەپ ھەمىشە بالىلىرى ۋە ئائىلىسىدىكىلىرىگە بولغان ۋاقىتىنى قىسقارتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بالىلىرىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدىغان بولغاچقا، تەلەپنى قاتتىق قويىدۇ. بەلكىم بۇنداق بالىلار راستتىنلا ئىستېداتلىق بولۇشى مۇمكىن، بىراق ئۇلاردا مەلۇم دەرىجىدىكى مۇھەببەتكە تويۇنماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەينى يىلى ئوجى ئوتتان پەقەتلا لى بۇجىننىڭ دادىسىنىڭ يېنىدىكى ئاددىي قوغدىغۇچى بولۇپ، چىرايىمۇ ئادەتتكىچىلا، ھەقىقەتەنمۇ ۋاي دېگۈچىلىكى يوق بىر ئەر ئىدى. بىراق، لى بۇجىننىڭ يېنىدا شۇنچىۋالا كۆپ كېلىشكەن بايۋەتچىلەر ئەگىپ يۈرسىمۇ، ئۇ بىرسىنىمۇ ياراتماي، شۇ قوغدىغۇچى ئوجى ئوتتانغا ياتلىق بولۇشتا چىڭ تۇردى.

زەردار ئائىلىلەردە تۇغۇلغان قىزلارغا نىسبەتەن ئۇلار روھىي جەھەتتە تويۇنمىغان كېلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، دائىم يېنىدا ھەمراھ بولۇپ، ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئاددىي قوغدىغۇچىمۇ ئۇنىڭغا كۈلكە ۋە يوقاتقان خوشاللىقنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ. ئەگەر بۇنداق ئەر ئېغىزىنى ئاچسىلا، ئالامەت ۋەدىلەرنى بېرىپ، شېرىن ياۋداق گەپلەرنى قىلىشقا ئۇستا بولسا، يەنە سەن ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازىمەن دېگەندەك دەبدەلىك قەسەملەرنى بەرسە، ئۇنداقتا، بۇ قىز ئەقلىنى يوقىتىپ، ئۆزىنى ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك بەختكە ئېرىشتىم دەپ ئويلايدۇ-دە، پاتقاققا سەكرەيدۇ.

2. ئاياللارنىڭ مۇھەببەتكە بولغان چۈشەنچىسى، ئۇلارنىڭ قانداق ئەرگە يولۇقۇشىنى بەلگىلەيدۇ.

مۇھەببەتتە، ھەمىشە نېمە كەم بولسا، شۇنى تولۇقلىغۇسى كېلىدۇ. تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئەينى يىللىرى لى بۇجىن ئوجى ئوتتاننىڭ «باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان خاراكتېرى»گە مەپتۇن بولغان.

لى بۇجىنغا نىسبەتەن، ھەممىدىن كەم بولمايدىغىنى شۇ پۇل، سامسۇڭ گۇروھىنىڭ پۇلىدىن باشقا يەنە شۇ پۇلىلا بار. ئۇ نېمىنى ئالىمەن دېسە، شۇنى ئاسانلا ئالالايدۇ. بىراق ئۇلارنىڭ ئەڭ كونترول قىلالمايدىغان بىردىنبىر ئىشى بولسا، ئۆزى ياتلىق بولغۇسى بار ئەرگە ياتلىق بولالاماسلىق.

زەردارلارنىڭ سىياسىي نىكاھى ئېتىراپ قىلمىسا بولمايدىغان ھەقىقەت. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر قارشىلىشىشتىن كۆرە، ئىتائەتچانلىق بىلەن قوبۇل قىلىشنى تاللايدۇ. لى بۇجىننىڭ ئائىلىسىمۇ ھەم شۇنداق، ئۇنىڭ سىڭلىسى لى سېئوخيۇن ئاتا-ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا گېزىتخانىسى باشلىقىنىڭ 2-ئوغلىغا ياتلىق بولدى. بىراق لى بۇجىن بۇنداق قىلىشنى خالىماي، ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى ھېچكىمگە ئوخشىمايدىغان ئەرگە ياتلىق بولۇپ، ئوخشىمىغان نىكاھ تۇرمۇشىنى كەچۈرمەكچى بولدى. (ئاقىۋەتتە بولسا، ئۇ راستلا ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان نەتىجىگە ئېرىشتى).

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك پۇلدار بايۋەتچىلەر، يۇقىرى قاتلامدىكى بەگزادىلەر بولغاچقا، ئۇنىڭدا گۈزەللىك قارىشىدىكى ھارغىنلىقنى شەكىللەندۈردى. بىراق ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ ئوجى ئوتتان بىلەن يېقىنلىشىشى ئۆزىنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى سىناپ بېقىشى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ قىزغىنلىقى، ھاياتىي كۈچى لى بۇجىننى قاتتىق مەپتۇن قىلىۋالدى، ئۇنىڭ تۇرمۇشى لى بۇجىن ئەزەلدىن بىلمەيدىغان يەنە بىر دۇنيا بولۇپ، ھەتتا كوچىدا ئولتۇرۇپ بىر قاچا تاماق يېيىشمۇ ئۇنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىدىكى سەۋەب بولالايتتى.

شۇنچىلىك ئاددىي-ساددا، پۇلنى ئۆلچەم قىلمايدىغان ھەقىقىي مۇھەببەت پۇلدار خېنىملارنى ئاسانلا تەسىرلەندۈرەلەيدىغان بولۇپ، بۇمۇ دەل «يالاڭتۆش»لەرنىڭ ئەڭ ئۇستا تەرىپى.

«تىتانىك ناملىق پاراخوت» فىلىمىدىكى جەكنىڭ روسىينى ئۆزىگە رام قىلىۋېلىشى، جەك بىلەن روسىينىڭ ئادەتتە ئۇچرىشىدىغان جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ ئوخشماسلىقىدىن خالاس. جەكنىڭ «ئاخسا»لىق قىلىشى روسىي پاراخوتنىڭ ئۈستىگە چىققاندا، جەكنىڭ ئۇنى تۇتىۋېلىشى مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى روسىينىڭ بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىياتىنى بىراقلا يوق قىلىۋېتەلەيدۇ.

3. «رومېئو بىلەن جۇلىتا ئېففېكتى» قانچە قارشى تۇرغانسېرى، مۇھەببىتى شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ.

شېكسپېر داڭلىق دىراممىسى «رومېئو بىلەن جۇلىتا»دىكى ئىككەيلەن بىر-بىرىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈشىدۇ. بىراق ئىككى تەرەپنىڭ ئۆچ-ئاداۋىتى بىلەن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرايدۇ. بىراق ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ كۈچلۈك قارشى تۇرۇشى ئەكسىچە ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ، ھەتتا بىرلىكتە ئۆلۈۋېلىش ئارقىلىق ئۆز سۆيگۈسىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئەينى يىلى لى بۇجىن توي قىلىدىغان ۋاقىتتا، پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلىرى كۈچلۈك قارشى تۇرغان، بىراق مانا مۇشۇنداق قارشى تۇرۇشلار ئارىسىدا، ئالاقىدار تەرەپلەر ئۆزىلىرىنى قارشى تەرەپنى چوڭقۇر ياخشى كۆرىدۇ، دەپ ئويلايدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش «رومېئو-جۇلىتا ئېففېكتى» خالاس. مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولغان بىر جۈپلەرنىڭ پاك سۆيگۈسىگە دەخلى قىلىدىغان قارشلىق كۈچ پەيدا بولغان ھامان ئىككى تەرەپنىڭ مۇھەببىتى تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئۆلسىمۇ مەڭگۈ ئايرىلماسلىققا ئەھدە قىلىشىدۇ.

ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا ئائىلىسىدىكىلەر ھەم قارشى تۇرماي ھەم قوللىماي بىتەرەپ پوزىتسىيەدە بولىۋالغان بولسا، بەلكىم ئەھۋال باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

بەزى ئاتا-ئانىلار بۇنداق ئىشقا يولۇققاندا مۇنداق قىلىدۇ، ئۇلار مۇھەببەتكە قارشى تۇرمايدۇ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تۇرمۇشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇھەببەتلىشىش داۋامىدا، ئوخشىمىغان ئائىلىدىن كەلگەنلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىدا ئوخشىمىغان قاراشنىڭ ئوخشمايدىغان توقۇنۇشنىڭ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، بەزى قىزلار توي قىلىدىغان باسقۇچقا بارمايلا ئۆزلىكىدىن چېكىنىدۇ. بۇ خۇددى «بۇرنىڭغا سۇ كىرمىگۈچە، ھوشۇڭنى تاپمايسەن» دېگەنگە ئوخشاشلا بىر ئىش.

خوش، مۇھىم نۇقتا كەلدى، زادى «يالاڭتۆش»كە ياتلىق بولۇش كېرەكمۇ-يوق؟

1. «يالاڭتۆش»كە ياتلىق بولسا ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق «ئەخلەت ئەر»گە ياتلىق بولماسلىق كېرەك. نامراتلىق بىر ئۆمۈر نامرات بولۇشتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىراق، شۇ نامراتلىقنىڭ قۇرۇلمىسى بىر ئۆمۈرنى بەلگىلىسە ئەڭ خەتەرلىك.

بەزى ئەرلەر نامرات بولسىمۇ، بىراق قۇرۇلمىسى ئىنتايىن چوڭ، بۇنداق ئەرلەر ھامان بىر كۈنى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلالايدۇ، ئۇلار ۋاپاغا جاپا قىلمايدىغانلاردۇر. نۇرغۇنلىغان تەپسىلاتلاردىن ئىنچىكلىك بىلەن كۆزەتسەك، بەزىلەر ئادەتتە ئۆزىنى يوشۇرۇشقا ئىنتايىن ئۇستا بولۇپ، بىراق ھامان بىر كۈنى ئۆزىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ.

2. تويدىن بۇرۇن چوقۇم كۆزىنى يوغان ئېچىش كېرەك، چۈنكى ھەربىر «يالاڭتۆش»نىڭ يوشۇرۇن كۈچى بولۇشى ناتايىن: ئۆزىنىڭ غايىسى، قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بار «يالاڭتۆش»كە ياتلىق بولسا بولىدۇ، بىراق سۆزلە دېسە، پۈتۈن دۇنيانى ئالالىغۇدەك، لېكىن ھېچقانداق ئىشنىمۇ قاملاشتۇرالمايدىغانلاردىن يىراق تۇرغان ياخشى.

بەزى ئەرلەر گەرچە كۆز ئالدىدا شۇنچىۋالا ياخشى پۇرسەتلەر بولسىمۇ، بىراق ئۆزى ياخشى قىلالماي، كەچكىچە باشقىلاردىن ئاغرىنىپ يۈرۈيدۇ. بۇنداق ئەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈش راستتىنلا ئارتۇقچە. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوجى ئوتتان ئامېرىكىغا سودا پەنلىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. بىراق ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشكىمۇ ئىرادىسى بولمىغاچقا، ھەتتا ئىككى قېتىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالماقچى بولغان، يەنە شۇ پۇلدار خېنىم لى بۇجىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان. ئۇ ئىلگىرى سامسۇڭ گۇروھىنىڭ قارمىقىدىكى كارخانىغا چۈشۈرۈلگەندە، كەسپتە ئىلگىرىلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، يەنە تېخى يۈزىنى داپتەك قىلىپ ئايالىدىن ئاچچىقىنى چىقارغان. دېمەك، ئالغا ئىنتىلىش دېگەن نەرسە بولمىغان ئەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۈتۈش بەئەينى ئايرودرومدا تۇرۇپ پويىزنىڭ كېلىشنى كۈتكەنگە ئوخشاش.

4. قىز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر پەرزەنت تەربىيەسىدە شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، مەيلى ئائىلىڭىزنىڭ شارائىتى قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر، قىزىڭىزغا بولغان تەربىيەدە ماددىي جەھەتتىكى تويۇنۇشنى ئەمەس بەلكى مەنىۋىي جەھەتتىكى تويۇنۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ. توغرا مۇھەببەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش، روھىي جەھەتتىكى تويۇنۇش ئۇلارنىڭ ئەخلەت ئەرگە ئۇچراش پۇرستىنى خېلى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ. ئەگەر راستلا شۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالسىڭىز، ھەرگىزمۇ قارشى تۇرماڭ، بىراق ئۇلارغا پايدا-زىياننى ئايرىشنى ئۆگىتىپ، ئەمەلىيەت ئارقىلىق قائىدە سۆزلەڭ. بەزى ئىشلاردا شۇ ئادەم بۇرنىغا سۇ كىرمىگۈچە، ھوشىنى تاپمايدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا بەزى ئازابلارنى ئۆزى ھەقىقىي ھېس قىلغاندىلا، نېمىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ.

بىزمۇ بۇ يەردە ھەربىر ئەتىۋارلىق مەلىكىلەرنىڭ ئۆزىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان، شۇنداقلا ئۆزىمۇ چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئەرگە يولۇقىشنى، ئەخلەت ئەرلەرنىڭ كۆزدىن مەڭگۈلۈك يوقۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گۈل رەڭگى1 ھەپتە ئىلگىرى

    مەنمۇ نەچچە يىل يۈرگەن ئۆزۈممۇ بەك ياخشى كۆرگەن ئۇمۇ مىنى ياخشى كۆرەتتى ، بىراق ئاپام بۇرۇنلا ئىككىمىزنىڭ ئىشىغا قارشى تۇراتتى ئاپامنىڭ قارشى تۇرغىنىغىمۇ قارماي توي قىلدىم، تويىمىزنىڭ چوڭلار پىلاستىنكىسىنى كۆرسەم ئاپامنىڭ پەقەتلا قاپىقى ئىچىلماپتىكەن، بىزتوي قىلىپ كىيىنچە يولدۇشۇم كوچىدا ئاشنا ئويناپ يۈردى، تاپقان پۇلىنىڭ تايىنى يوق كوچىغا چىقىپلا كەتتى ،قىزىم ئىككىمىزنىڭ پۈتۈن كىيىم كىچەك ھەممە راسخۇتىمىزنى توي قىلغاندىن كىيىنمۇ ئاتا ئانام قىلىپ بىرەتتى ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا چىدىماي 3يىرىم يىل ئۆي تۇتۇپ ئاجىرشىپ كەتتىم ئۇنىڭدىن بىر قىزىم بار7ياشقاكىردى، ئۇمەندىن ئاجىرشىپ 2خوتۇن ئىلىپ بولدى بىراق يەنىلا ئۆي تۇتالمىدى، مەن ئاجىرشىپ ئىككى يىرىم يىلدىن كىيىن يەنە توي قىلدىم ھازىرقى يولدۇشۇم ماڭا ھەم بالىلارغا شۇنداق كۆڭۈل بۆلىدۇ ، شۇنداق ئۇبدان مىنى بەك ۋاي دەيدۇ ، بۇرۇنقىسى ھازىر ماڭا قىلغان ئەسكىلىكلىرىگە مىڭ پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرۇپتۇ مىش ، ئەمدى پۇشايمان قىلغاننىڭ نىمە پايدىسى ھازىرقى تۇرمۇشۇم بەك باياشات بولمىسىمۇ نورمال ھەم كۈندە يىغلاپلا ئۆتمەيمە يۇلدۇشۇمدىن شۇنداق خاتىرجەم ،

  • گۈل رەڭگى1 ھەپتە ئىلگىرى

    ئوف دەردى يوق ئىنسانلارمۇ باكەن ھە خوش بولدۇم ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن

  • ھەي بالا1 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مۇشۇنداق غەلىتە ئشلار بىلەن گۈزەل ھەم رەڭدار

  • قاراخان2 ئاي ئىلگىرى

    زامان سىز ھىندىستان فىلىم لىرىدە ياشاپسىز

  • تەلۋە3 ئاي ئىلگىرى

    قەشقەردىن
    سىزچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  • ھەسرەتلىك قەلىب3 ئاي ئىلگىرى

    تەلۋە نۇرداش سىز ئوغۇلمۇ؟ سىزقەيەردىن؟

  • گۈلۈم3 ئاي ئىلگىرى

    مەن خوتەن تەۋەككۈلدىن

  • تەلۋە3 ئاي ئىلگىرى

    ھە بوپتۇ دىمەڭ
    ھەسرەتلىك قەلىپ نۇرداش

    بىر ئادەمنىڭ ئىسمى بىر ئادەمنڭكىگە ئوخشايدۇ
    مەندەك سىزدەك ئۇغۇل قىزلار جىقتۇ بەلكىم
    مەيلى
    كىم بولىشىڭىزدىن قەتتىينەزەر
    ئائىلىڭىزنى تۇرمۇشىڭىزنى قەدرىلەپ ياخشى بەخىتلىك ئۆتۈشكە تىرشىڭ
    سىز ھەسرەتتە قويغان ئۇ بالا بەلكىم خۇشال ياشاۋاتقاندۇ

    مەنمۇ بىرنى ياخشى كۆرىپ قالغان مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى
    توي قىلاممىغانتىم

    ساقلاپ تۇرۇڭ دىسەم يا ئىشەنچ قىلاممىدمۇ ياكى باشقا سەۋەپمۇ قانداق
    ئۇنماي توي قىلۋاغان 1يىل بولدى

    ئاڭلىسام ئاجىرشىپ كىتىپتىمىش

  • ھەسرەتلىك قەلىب3 ئاي ئىلگىرى

    گۈلۈم نۇرداش سىزقەيەردىن ،ئەمدى باشقا خەۋەرگە ئنكاس يازغاندا كۈرىشەرمىز.

  • گۈلۈم3 ئاي ئىلگىرى

    بىرسىنى چىن قەلبىڭدىن ياخشى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ئاريىلىپ قەلبڭدىن يىغلاپ باقمىغان بولساڭ ئۆزىڭنىڭ ئۇنى قەلبىڭ بىلەن ياخشى كۆرگىنىڭدىن گۇمان قىلساق بولىدۇ

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号