باش بەت

مەستان

232يوللانما
1مەستانە

ئالمىنىڭ يېڭى iPhoneىغا بۇ ئالتە ئىسىمدىن زادى قايسىسى قويۇلىدۇ؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 17:30 19 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېڭى نۇسخىدىكى iPhone توغرىسىدىكى مىش-مىش پاراڭلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك قىزىپ كەتتى.

كەسىپ سىرتىدىكى زاتلار بىردەك ئالما شىركىتىنى بۇ يىل بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىككى خىل يانفون ئېلان قىلماستىن، بەلكى ئۈچ خىل يانفون ئېلان قىلىدۇ دەپ قارىماقتا. iPhone 7S ۋە ئالما iPhone 7S Plus ئەنئەنىۋى «S يانفونى» ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 2014-يىلىدىكى iPhone 6 ۋە iPhone 6 Plusنىڭ ئاساسىي لايىھەسىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئىچكىي قاتتىق دېتاللارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن، مەسىلەن تېخىمۇ تېز بولغان بىر تەرەپ قىلغۇچ، تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولغان كامېرا سەپلەنگەن، شۇنداقلا سىمسىز توك قاچىلاش تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.

3-نۇسخىدىكى iPhone بولسا ئالىي دەرىجىلىك تىپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا ئاشكارىلانغان HomePod ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز ساندۇقى قۇيما ماتېرىيالى، كەسىپ سىرتىدىكى زاتلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ كۆپەيدى: پۈتۈنلەي يېڭى بولغان رامكىسىز قىلىپ لاھىيەلىنىشى ئۆلچەملىك چوڭلۇقتىكى iPhone گەۋدىسىگە Plus چوڭلۇقىدىكى OLED كۆرسەتكۈچ ئىكران قاچىلىغىلىي بولىدىغان شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ Touch ID Home كونۇپكىسىنى شاللىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئادەم يۈزىنى پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرىشى مۇمكىن.

لېكىن كىشىلەر بۇ نۇسخىدىكى يانفوننىڭ ئورگان ئىسمىنى تېخى ئېنىق بىلمەيدۇ. ئېنىقكى ئۇ «D22» دەپ ئاتىلىدۇ، ۋاكالەت نومۇرى «Ferrari» بولۇشى مۇمكىن. (تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەھسۇلات لىنىيەسىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، خۇددى كۆپچىلىك ھەيدەشنى ئارزۇ قىلىدىغان، لېكىن سېتىۋالالمايدىغان فېررارى مۇسابىقە ئاپتوموبىلىغا ئوخشاش).

ئۇنداقتا، بۇ نۇسخىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك iPhoneنىڭ ئىسمى نېمىدۇ؟ ھازىرغىچە بۇ توغۇرلۇق بىرمۇ ئىشەنچلىك خەۋەر ئېلان قىلىنغىنى يوق، شۇڭا كەسىپ سىرتىدىكى زاتلار پەقەت مۆلچەرىگە تايىنىشى لازىم. تۆۋەندىكىلەر ئۆتكەن بىرقانچە ئاي ئىچىدە توردا تارقىلىپ يۈرگەن iPhoneنىڭ ئوماق ناملىرى.

iPhone 8

كۆپ ساندىكى كىشىلەر يۇقىرى دەرىجىلىك iPhoneنى «iPhone 8» دەپ ئاتىۋالدى، گۇگول ئىزدەش نەتىجىسى رەت تەرتىپىدە 1-ئورۇنغا تىزىلغان «يېڭى يانفون» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان بىشارەت بولۇپ قالدى: كۆپلىگەن نەشرىياتچىلارنىڭ «iPhone 8»نىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئەۋزەللەشتۈرۈش قىممىتىدىن پايدىلىنىشغا ئۇرۇنىشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن «iPhone 8»گە مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.

ئالما راستىنلا مۇشۇ ئىسىمىنى قوللىنامدىغاندۇ؟ ئالما مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان پىروفىسسور جون گىرۇبېر (John Gruber) مۇنداق دېدى : «ئەگەر تۆۋەن دەرىجىدىكى S تىپلىق iPhone لاھىيە جەھەتتە كۆپچىلىككە تۇيۇقسىز خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلىسە، ئۇنداقتا ئۈچ خىل يېڭى يانفون <8 iPhone> نامىنى ئورتاق قوللىنىدۇ».

iPhone Pro

بۇ خىل ئىسىم قويۇش ئۇسۇلى iPhone مەھسۇلاتلىرىنى ئالما خاتىرە كومپىيۇتېرى ۋە iPadكە توغرىلاپ قويىدۇ، ئۇ ۋاقىتتا ئالمىنىڭ مەھسۇلات لىنىيەسىدە تۆۋەندىكىدەك ئىسىملار پەيدا بولىدۇ : MacBook ۋە MacBook Pro، يەنە iPad ۋە iPad Pro، شۇنداقلا iPhone ۋە iPhone Pro قاتارلىقلار. قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر ئالما بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە ئىش كۆرسە، iPhone 7 بىلەن 7 Plus داۋاملىق سېتىلىۋېرىدۇ، لېكىن باھاسى ئەسلىدىكىدىن 100 ئامېرىكا دوللىرى تۆۋەنلەيدۇ. 

لېكىن«iPhone Pro» ئالمىنىڭ تۇنجى قېتىم مۇشۇ خىل نام بېرىش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، «Pro» كىشىلەرنىڭ ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ لىنىيىسىگە بولغان چۈشەنچىسىگە ماس كېلىدۇ. بىردىنبىر مەسىلە بولسا، ئۇ ئاڭلىماققا قىزىقارلىق تۇيۇلمايدۇ، خۇددى پەقەت خىزمەتكە مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندايدىغان يانفونغا ئايلىنىپ قالىدۇ. 

iPhone X (ياكى iPhone 10)

سانلار ئارقىلىق iPhoneغا نام بېرىش باشلىنىشتىلا بىرئاز قالايمىقان ئىدى، مەسىلەن، 2-قېتىم چىققان iPhone ئەكسىچە iPhone 3 دەپ ئاتالغان، 5-قېتىملىق iPhone بولسا iPhone 4S دەپ ئاتالغان. 2013-يىلىدىن تارتىپ، ئالما يىلىغا ئەڭ ئاز دېگەندە ئىككى خىل iPhoneنى ئېلان قىلدى، ۋىكىپېدىيانىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە ئەڭ ئاز دېگەندە 15 خىل ئوخشىمىغان تىپتىكى iPhone بار ئىكەن. لېكىن 2017-يىلى iPhone ئېلان قىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، شۇڭا بۇ قېتىملىق iPhoneغا iPhone 10 دەپ نام بېرىشىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى. مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات سىستېمىسىمۇ Windows 8دىن Windows 10غا بىراقلا تاقلاپ چىقتى ئەمەسمۇ.

رىم رەقەملىرىنىڭ مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالما بۇ iPhoneغا «ئون» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان Xنى ئىشلىتىپ ئىسىم قويسىمۇ، كىشىلەر ئۇنى «iPhone ئېكىس» دەپ ئوقۇۋېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، خۇددى OS X مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئوخشاش.

iPhone Edition (خاتىرە نۇسخىدىكى iPhone)

تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغاندا، ئالما سائىتى Apple Watch بىر ئالتۇن نۇسخىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، باشلىنىش باھاسى 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ئاتالمىش Apple Watch Edition يەنىلا مەۋجۇت، لېكىن گەۋدىسى فار-فۇر ماتېرىيالىغا ئۆزگەرتىلدى ھەمدە باشلىنىش باھاسىمۇ 1249 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشتى. بارلىق ئالامەتلەر يۇقىرى دەرىجىلىك iPhoneنىڭ باشلىنىش باھاسىنىڭ 1000 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتىدۇ، بۇ باھا ھەشەمەتلىك ئىشلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ باھاسىغا تەڭلىشىپ قالىدۇ. «iPhone Edition» يەنىلا نامىنى ئاتىغاندا دۇدۇقلايدىغان مەسىلىگە يۈز كېلىۋاتىدۇ.

يۇقىرىدىكى iPhone X/10غا ئوخشاش، قىسمەن كىشىلەر ئالما بەلكىم «iPhone يىللىق خاتىرە نۇسخىسى» دېگەندەك نام قويۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. كۆپ ساندىكى كىشىلەر كۆرسەتكەندەك، ئالمىنىڭ ھېسسىياتنى ئويلىشىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىتلىرى ناھايىتى ئاز. ئالما شىركىتى ئىستىمالچىلارنىڭ ئۇنىڭ ئۆتكەن كۈنلەردىكى شانلىق خاتىرىلىرىنى ئەسلەپ ئولتۇرماي ئۇنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچ بىلەن قارىشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلىدۇ.

iPhone

ئالما ئەسلى تەبىئىتىگە قايتىشى مۇمكىن. 2015-يىلى ئالما شۇنداق قىلغان. ئەڭ يېڭى، ئەڭ جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە خاتىرە كومپىيوتېردىكى «Air»خېتىنى ئېلىۋېتىپ ئاددىيلا «MacBook»دەپ ئالغان. بۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغىنى، «iPad Air 2 «iPadنىڭ ئورنىنى ئالغان.

بۇ يەردە ئىككى مەسىلە مەۋجۇت. «iPhone» كىشىلەرگە بۇ بىر ئاساسىي تىپتىكى يانفون ئىكەن دېگەن خاتا ئۇقۇمنى بېرىپ قويىدۇ، ھەتتا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە Plus تىپىغىمۇ يەتمەي قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، «iPhone»نىڭ ئىزدەش ماتورىنى ئەۋزەللەشتۈرىشىدە چوڭ مەسىلە بار. بېكىتىلگەن ئىزدەش ئاچقۇچلۇق سۆزى «يېڭى iPhone» ۋە «iPhone 2017»گە ئۆزگىرەيدۇ، بۇ ئالىي ماركا يېتىشتۈرۈشكە ماس كەلمەيدۇ.

 

Apple Phone

سىتېۋ جوبس مەھسۇلاتلىرىغا «i»دىن باشلانغان ئىسىملارنى قويۇشقا ئامراق، مەسىلەن iMac iCloud، iTunes ،iPhone ،iPad قاتارلىقلار. لېكىن جوبس يولغا قويغان Apple TV ۋە تىم كۇك (Tim Cook) دەۋرىگە كىرگەندىن كېيىن، ئالما مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىسىم قويۇش قائىدىسى «[مەھسۇلات نامى]Apple»غا ئۆزگەرتىلدى. مەسىلەن،Apple Music、Apple Pay ۋە Apple Watch .مۇشۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ قايتىدىن يېڭى iPhoneغا نام بېرەرمۇ؟

مېنىڭچە بۇخىل ئېھتىماللىق يوق دېيەرلىك، تارىختىن بۇيان ئەڭ قىممىتى بار ماركىلارنىڭ بىرىدىن ۋاز كېچىش دانا تاللاش ھېسابلانمايدۇ.


تېزلا ئاشكارىلىنىدۇ

«iPhone Pro»نىڭ يېڭىپ چىقىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ، لېكىن پۈتۈنلەي شۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.ئەگەر ئالما يېڭى نۇسخىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك iPhoneغا ئويلاپ باقمىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئىسىمدىن بىرنى قويسا كۆپچىلىكنى بەك چۆچۈتەلمەيدۇ، مەسىلەن «HomePod» ھەققىدە مىش-مىش گەپلەر يېڭى تارقالغاندا، كۆپچىلىك ئومۇمەن «Siri ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاۋاز ساندۇقى» دەپ ئاتايتتى.

خۇشاللىنارلىق يېرى، يېڭى نۇسخىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك iPhoneنىڭ ئورگان تەرپ نامى تېزلا ئاشكارا بولىدۇ. نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا تىم كۇك سەھنىگە چىقىپ بۇ يىللىق يېڭى نۇسخىدىكى iPhoneنى رەسىمىي ئېلان قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 0999ئىلھام1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما تىلفۇنلىرى ھەرگىزمۇ بەزى تورداشلار دىگەندەك پۇلى بارلار ئالىدىغان تىلفۇن ئەمەس، پەقەتلا مەلۇم بىر بۆلەك كىشىلەر تەرپىدىن مۇدا دەپ بىلىدىغان تىلفۇن خالاس، باشقا ئاندىرۇيىت، كۆزنەك، بۆلجۈرگەن سىستىمىسىدىكى تىلفۇنلارمۇ شۇنداق، بۇ تىلفۇنلار ئىچىدىكى زەردار ئاتاقلىقلىرىنىڭ باھاسىمۇ ئالمىدىن قىلىشمايدۇ ھەم بەزلىرىنىڭ باھاسى ئالمىدىن يوقۇرى، ھەقىقى پۇلدارلار، پۇلى بارلار ئىشلىتىدىغان تىلفۇن دىيىشكە ماس كىلدىغىنى ۋىرىتۇ، 8848، ۋە ياكى كىيىن ئالاھىدە قول سىلىپ نەقىشلىنىدىغان ھەر خىل ماركىدىكى نەچچە يۈزمىڭ ، مىليۇن يۈەنلىك بۇيرۇتما تىلفۇنلارنى دەيمىز.
    بەزى تورداشلارنىڭ كۆز قارشى بويىنچە 5000-7000 مىڭ يۈەنلىك تىلفۇن تۇتقانلار پۇلى بارلار سانالسا 3000يۈەندىن تۆەن باھالىق تىلفۇن تۇتقانلار پۇلى يۇق قەلەندەر ياكى تۆەن تەبىقە سانالسا بۇ تازا ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش بولمامدۇ..

  • ئەيسا1 ئاي ئىلگىرى

    پۇلى بارلار ئالىدىغان تېلپون شۇڭا زەردارلار دىگەن سۆزدىكى ، « ز » iphone8Z بولسا توغرا بولىدۇ ، بىرەر قىتىم ئۇيغۇچە مەنا قوشسۇن قاندىغى ئالمازارللار ،

  • گېنىرال1 ئاي ئىلگىرى

    ماشىنا ،مېخانىك نۇرداشلارنى قوللايمەن،بەزەن نۇرداشلار ئالمىنى ئەركەكلىكنىڭ سىمۇۋۇلى قىلۋادىكەن ئۇنداقلارغا ئدمدل يوق ،لىكىن كىم قانداق تېلفۇن ئىشلەتسە ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى،لىكىن بەزەن ئالما ئىشلەتكەن تورداشلار بەك ھەددىدىن زىيادە دامخورلۇق قىلىپ كېتىدىكەنسىلەر ئادەم گەپ قىلماي دىسىمۇ يازغان نىمەڭلارغا قاراپ ھۆ قىلغۇسى كەپ كەتكەن،«ئالما ئالىدىغان پۇلى يوق،ئىشلىتىدىغان كاللا يوق،ئالما تېلفۇنى بارنى ئەركەك دەيمىز دىگەندەك »ئەركەكلىك ۋىجدان غۇرۇردا بولىدۇ،ئالمىنى ئىشلەتمەسلىكنىڭ تۈپ سەۋەبى پىلى بولماسلىق ،ئىشلىتەلمەسلىك بولمايدۇ،قېنى شۇ پۇلى بار نوچىلار ئىسىڭلاردا بولسۇن ئالما تېلفۇنلارنىڭ قىممىتى ئەمەس ،شۇ پۇلدارلىقنى كۆز كۆزقىلغۇدەك تېلفۇنلار بار مىلىيۇن پۇلغا ئېلىپ شۇنى ئىشلىتىپ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى پۇلدارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېقىڭە،قېنى بىر بىرەر پۇلدارلىرىڭلارنى ساخاۋەتچى پالانى مانچە پۇل ئىئانە قىلدى دىگەندىك خەۋەرنى مۇ كۆرۈپ باقايلى،

  • ئومەر1 ئاي ئىلگىرى

    6ئاسام ناچركەن دەپ قوي 200 كويغا باللا ئۇىنايدېغان جەسېنې ئاغان ئۇخغايسە

  • مېخانىك1 ئاي ئىلگىرى

    كالۋالار نۇسخىسى دەپ چىقارسا بولىدۇ

  • ئا1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ئالالماي ۋاتقانلا سۆزلە ۋىرىڭلا ئەمسە ھەھە

  • تاھىر1 ئاي ئىلگىرى

    سېسىق ئالما ئىشلىتىشكە سەۋىيە كىتەمدا تىخى توۋا ماگەپنىڭ قىززىقلىقىنى قوشنىمىزمۇ باشلانغۇچ سەۋەيەسىگە ئىگە شۇمۇ سېسىق ئالما 7ئىشلىتىدۇ مەنمۇ ئالىي تېخنىكوم سەۋيەسىگە ئىگە ئەجەپ گەپ قىلدىيا ما ئاداش

  • 1 ئاي ئىلگىرى

    ئالمىنىڭ ھىچ نەرىنى ئۆزگەرتەلمەي ئىسمىنى بولسىمۇ ئۆزگەرتىپ قۇيۇپتۇ ، ئالمىچىلاغا ئالامەت يىقىلىقتە بۇ

  • ئەسكى1 ئاي ئىلگىرى

    zhobis +جوبىس
    سىزنىڭ سەۋىيەرىڭىز يەتمەي قاپتۇ 6پلاس ئىشلىتىدىغانغا ،سىزگە كونا تىپتىكى كۇنۇپكىلىق تىلفۇننى تەۋسىيە قىلىمەن ، شۇنى ئىشلىتىڭ ، سىزدەك دۆت ئادەملەرگە بەك يارىشىدۇ ،

  • جوبىس +Zhobis1 ئاي ئىلگىرى

    ئەخلەت ئالما لاجىتوڭنىڭ ئۆزى بۇ سېسىق ئالما كۆزۈمگە پەقەت سىغمايدۇ يەنىلام سەنشىڭ تېلفۇن بەك ياخشى سېسىق ئالما ئىشلىتىپ باقاي دەپ ئالما 6plus ئىشلەتسەم ھېلېق شۇنچىلىك ناچاركەن تېلفۇن ئىشلەتكەندەي بولمۇدۇم ،ئاچچىقىم ئەسلىدىن ئىشلەتكەن سامسۇڭ نوتې 3بادە شۇنى ئىشلەتتىم تېلفۇننىڭ راھىتى يەنىلام سامسۇڭدىكەن ھۆ ھۆ ئەخلەت سېسىق ئالمىغا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号