باش بەت

نۇسرەتگۈل

8999يوللانما
149مەستانە

يالغۇز قالغان بوۋاي توردا ئۇقۇشماي ئۆزىنى سېتىش ئېلانى چىقىرىپ قويدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 19:00 10 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تور خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، بىر قىزىقارلىق ئىش يۈز بېرىپ بۇ ئاۋسترالىيەلىك بوۋاينى تور چولپىنىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. بۇ بوۋاي ھازىر 70 ياشتىن ئاشقان بولۇپ، بالىلىرى يېنىدا بولمىغاچقا ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن يالغۇز قالدى. شۇڭا ئۇ ئامالسىز ھەر كۈنى دوستى بىلەن بېلىق تۇتقىلى بېرىپ كۆڭلىنى خۇش قىلدى.

بىر كۈنى بۇ بوۋاي بەكلا زېرىكىپ كەتكەچكە دوستىدىن ئۆزىگە بىر ئاكونت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، تورغا ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزىنىڭ كەيپىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقاردى، يەنە تېخى بالىلىرىنىڭ ئاكونتىغا ئەگىشىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقلىرىدىن خالىغان ۋاقىتتا بەھرىمەن بولدى.

دەسلەپتە ھەممە ناھايىتى نورمال ئېلىپ بېرىلدى، ھەر كۈنى بېلىق تۇتۇپ، تورغا چىقىپ، يازما يوللىدى. بىراق، بەختكە قارشى، ئۇنىڭ دوستى تۇيۇقسىز ۋاپات بولدى. شۇ سەۋەبتىن بۇ بوۋايدا بېلىق تۇتۇشقا ھېچقانداق قىزىقىش قالمىدى.

بۇ بوۋاينىڭ بەكلا يالغۇزسىراپ قالغانلىقىنى كۆرگەن پەرۋىشكار ئۇنىڭغا توردىن بىللە بېلىق تۇتقىلى بارىدىغان ھەمراھ ئىزدىسە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال بېلىق تۇتۇشقا مۇناسىۋەتلىك بىر تور بېكەتكە دوست ئىزدەش ئېلانى چىقىرىپ، يېڭى دوستقا تېزرەك ئېرىشىشنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتتى.

بىراق، بۇ بوۋاي كومپيوتېرنى ئانچە بىلمىگەنلىكتىن دوست ئىزدەش ئېلانىنى نىمكەش بېلىق تۇتۇش ئەسۋابلىرى سېتىلىدىغان سەھىپىگە يېزىپ، ئەسۋاب تونۇشتۇرۇلىدىغان كاتەكچىگە ئۆزىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يازدى. مەسىلەن «مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى» دېگەن يەرگە «ئىشلىتىلگەن» دەپ يازدى.

بۇ يازما يوللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تورداشلار بوۋاينىڭ قىزىقچىلىقىدىن ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتى ھەم ئۇنىڭ ئۆزىنى سېتىش توغرىسىدا يازمىسىنى ئارقا-ئارقىدىن ھەمبەھرلىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش بىر مەزگىل كىشىلەرنىڭ يۇمۇرلۇق پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى.

نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن بوۋاينىڭ ئەستايىدىللىقىدىن تەسىرلىنىپ، ئۇنىڭغا بېلىق تۇتۇشۇپ بېرىدىغان ھەمراھ بولغىلى كەلدى.

بېلىق تۇتۇش تەجرىبىسى مول يەنە بىر تورداش تېخى ئۇ بوۋاينى دېڭىزنىڭ ئىچكىرىسىگە ئەكىرىپ بېلىق تۇتۇش خۇشاللىقىدىن بەھرلەندۈردى. ھەتتا بىر چەتئەللىك تورداش ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ مەخسۇس بۇ بوۋاي بىلەن بېلىق تۇتقىلى كەلدى. ھازىر ئۇنىڭغا نۇرغۇن تورداشلىرى ھەمراھ بولۇپ بېلىق تۇتۇشۇپ بېرىدۇ، بوۋاينىڭ يوللىغان يازمىلىرىمۇ ھەر كۈنى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • گېنىرال5 ئاي ئىلگىرى

    ھەقىقەتەن تەلەيلىك بوۋايكەن،ھەم ناھايتى قىزىقچى

  • ئېلى شېيىق5 ئاي ئىلگىرى

    ئاجايىپ مېھرى ئىسسىق ئادەملەر ئىكەن ئاپىرىن، ئاپىرىن سىلەرگە ،

  • ئاق گۈل5 ئاي ئىلگىرى

    چەتەللىك لەر زادى بىر خىل … ئۇ بوۋايغىمۇ ھەمرا چىقىپتۇ ئەينا … ئاتايىن ئايروپىلان بىلەن كىلىپ بىلىق تۇتۇشۇپ بىردىغان ئادەملەرمۇ چىىقىپتۇ … بىزنىڭ ئادەملەر بولسا بوپ بىرەتى زاڭلىق قىپ … بىرە ئادەممۇ ھەمراھ بولشۇپ بىرەي دىمەيتى … بىلىڭلاركى ھەممىمىز بۇ دۇنياغا مىھمان … دۇنيا مىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇررررر

  • nur5 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيا مىھىر مۇھەببەت بىلەن گۈزەل. مەن بەك تەسىرلەندىم ،نىمەدىگەن ئىللىق كۆرۈنۈش

  • 09035 ئاي ئىلگىرى

    خاۋكىڭنىڭ ئۆزى ئىكەنغۇ بۇ.،،،خاۋكىڭ بىلەن 1 تۇغقانمۇ يا؟،،،،،،،،،،،،ئالجىغان

  • يىگانە5 ئاي ئىلگىرى

    بۇ بوۋاي مەزمۇنىنى خاتا كىرگۈزسىمۇ تور چولپىنى بولۇپ قالغىنى قىززىق

  • مەن كىم5 ئاي ئىلگىرى

    س گ سېنىڭچۇ مەنچە سەن ئۇنىڭ يېرىمىغا توغرا كەلمەيسەن ،چۈنكى سەندە چوڭلارنى ھۆرمەتلەش دىگەندىن قىلچىلىك ئەسەرمۇ يوق

  • ئەكرەم5 ئاي ئىلگىرى

    مەن مابېرىپ كەسەم بولامدۇ

  • س گ5 ئاي ئىلگىرى

    باھايىڭ 5 مو 2 پۇڭ قىرى يولدش بولدىمۇ

  • ئائىشە5 ئاي ئىلگىرى

    بۇلارنىڭ مۇشۇنداق يەرلرى ئىسىل جۇمۇ ،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号