باش بەت

مەستان

233يوللانما
1مەستانە

ئېلون ماسكنىڭ ماشىنا ئادىمى Dota ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى يېڭىۋالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 18:30 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

دەندى (Dendi) ئۇتتۇردى!

ئەگەر سىز Dota 2 ئويۇنىنى ئويناپ باققان بولسىڭىز، بۇ ئىسىمغا نىسبەتەن ئاز-تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىڭىز مۇمكىن. 1989-يىلى ئۇكرائىنادا تۇغۇلغان بۇ يىگىت دۇنيادىكى ئەڭ نوچى ئېلىكترونلۇق ماھارەت مۇسابىقىسى ماھىرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇرۇن كوماندىغا ئەگىشىپ 1-قېتىملىق خەلقئارالىق تەكلىپ مۇسابىقىسىدە (The International DOTA2 Championships، قىسقارتىلىپ Ti دەپ ئاتىلىدۇ) چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن، يەنە كېيىنكى ئىككى قېتىملىق Ti مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن.

11-ئاۋغۇست ھەممىنىڭ كۆزى تىكىلگەن Ti7دە شۇ كۈنلۈك رەسمىي مۇسابىقە ئاياقلاشتى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى. 1-بولۇپ مەيدانغا چۈشكەن ماھىر دەندى بولدى، ئۇنىڭ رەقىبى بولسا بىر بارماق دىسكا بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە OpenAI ياساپ چىققان Dota AI سۈنئىي ئىدراك پىروگراممىسى بار ئىدى.

OpenAI بولسا تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك (Elon Musk) قۇرغان پايدا ئالمايدىغان شىركەت بولۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان سۈنئىي ئىدراك (AI) تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئېلىپ كەلگەن خەتەردىن ساقلىنىشنى مەقسەت قىلغان. ھازىر بۇ شىركەتنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى 50تىن ئاشتى. مۇسابىقىدىن ئىلگىرىكى تەشۋىقات فىلىمىدە كۆرسىتىلىشىچە OpenAI تەتقىق قىلىپ چىققان Dota AI ئاللىقاچان Arteezy ۋە SumaiL قاتارلىق دۇنيا چېمپىيونلىرىنى يەڭگەن ئىدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئادەم-ماشىنا جېڭى

مۇسابىقە تۈزۈمى كۆپ ئۇچرايدىغان 5V5 بولماستىن، بىرگە بىر تۇتىشىش بولدى. مۇسابىقە جەريانىدا شىشە، روھ قاتۇرۇش يېشى، ئامەت ئۈزۈكى، ئىلاھ تەكچىسى قاتارلىق جابدۇقلارنى ئىشلىتىش چەكلىنىپ، جەڭ مەيدانىدىكى ئۆزگەرگۈچى مىقدار، ھېسابلاش مىقدارلىرى كۆپ ئازايتىلدى، بۇ ئارقىلىق ماھىرلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرسىتىشىگە شارائىت ھازىرلىدى.

دەندى ئىلگىرى ئەڭ يامان ئوتتۇرا يول ھۇجۇمچىسى ئىدى، لېكىن كىم بىلسۇن، قىسقىغىنە 10 مىنۇت ئىچىدە ئۇ يېڭىلىپ قالدى.

مۇسابىقە باشلىنىش بىلەنلا Dota AI مۇكەممەل بولغان ئەسكەر ساقلاش تېخنىكىسىنى نامايەن قىلدى. ئەسكەر ساقلاش، Dotaدىكى تېخنىكىلىق ۋاسىتە بولۇپ، مۇسابىقە باشلىنىپ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەسكەرلەرنى ئۆز تەرەپنىڭ مۇنارى تەرەپكە يىغقىلى بولىدۇ، بۇ ئارقىلىق قارشى تەرەپ بىلەن قارشىلاشقان ۋاقىتتا چوڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇشقا باشلىغاندا، دەندى بىلەن Dota AIنىڭ پەرقى ئاستا-ئاستا كۆرۈنۈشكە باشىلىدى. مەيلى ئەسكەر يىغىش بولسۇن ياكى نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىش بولسۇن، Dota AIنىڭ ۋاقىت ۋە ئارىلىقنى تۇتۇشى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئازراقمۇ ئىككىلىنىش يوق. OpenAIنىڭ ئورگان تەرەپ چىقارغان ئۇچۇرىغا ئاساسەن، Dota AIنىڭ ھەر مىنۇتتىكى مەشغۇلات قىلىش قېتىم سانى ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرا ساپا دەرىجىسىدە بولغان، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، Dota AIنىڭ ھەر قېتىملىق تاپاۋىتى دەندىنىڭكىدىن يۇقىرى چىققان، ئۈنۈمسىز مەشغۇلاتلىرى ناھايىتى ئاز بولغان.

كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، Dota AI مۇسابىقە مەيدانىدا ئەسكەر قويۇپ بېرىشتەك ساختا ھەرىكەت چىقارغان، قەستەن دەندىنى ئالداپ ئەسكەر يىغىشقا چىققان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئۆلتۈرگەن.

2-مەيداندىمۇ ئوخشاش نەتىجە بىلەن AI ئىنسانلاردىن غالىپ كەلدى.

مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كېيىن، OpenAIنىڭ غوجايىنى ئېلون ماسك ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ماختىنىشنى ئۇنۇتمىدى.

«OpenAI تۇنجى قېتىم ئېلېكترونلۇق ئويۇن ماھارەت مۇسابىقىسىدە دۇنيا چېمپىيونىنى يەڭدى. ئېلېكترونلۇق ئويۇن قورشاۋ شاھماتقا قارىغاندا كۆپ مۇرەككەپ.»

گەرچە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ شەرتلىرى كۆپ بولسىمۇ، بىرگە بىر ئېتىشىشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى 5V5 ئوينىغانغا يەتمىسىمۇ، لېكىن Dota AIنىڭ غەلىبە قىلىشى ئېلىكترونلۇق ماھارەت مۇسابىقىسىدە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بىز ئويلىغاندىنمۇ تېز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

باشقا سۈنئىي ئىدراكلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدىغان يېرى، OpenAI دوراپ ئۆگىنىش ۋە دەرەخسىمان ئىزدەش ئىستىراتېگىيەسى ئارقىلىق مەشىق ئېلىپ بارمىغان، بەلكى پۈتۈنلەي ئۆزى بىلەن ئېلىشىش ئۇسۇلى (Self-Play) ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرگەن. بۇ جەرياندا، AI ئەڭ بۇرۇنقى خالىغانچە ھالەتتىن ئاستا-ئاستا دۇنيا چېمپىيون دەرىجىلىك مۇسابىقىگە چۈشۈش سەۋىيەسىگە تەرەققىي قىلىشقا پەقەت ئىككى ھەپتە ۋاقىت كەتكەن.

ھەممىگە تونۇشلۇق، بىر مەيدان تولۇق Dota مۇسابىقە ئەھۋالى تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە ئويلاپ يېتىش قىيىن. ئىككى تەرەپ كوماندىسى ئېلىشىدۇ، جەمئىي 10 نەپەر ماھىر بولىدۇ، تاللاشقا بولىدىغان قەھرىمان سانى يۈزدىن ئاشىدۇ، جابدۇقلارنىڭ سانى بولسا تېخىمۇ كۆپ، ماھىرلار بۇلار ئارىسىدىن ئۆزلىرى تاللىسا بولىدۇ. OpenAIنىڭ كېيىنكى نىشانى دۇنيا چېمپىيونلىرى كوماندىسىغا جەڭ ئېلان قىلالىغۇدەك كوماندىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن.

بۇندىن بۇرۇن قورشاۋ شاھمات ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى نەچچە قېتىم يېڭىۋالغان گۇگول ماشىنا ئادىمى AlphaGoنى ئەسكە ئالساق، بۇ نىشانمۇ بىزگە ئانچە يىراق ئەمەستەك قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شىراق1 ئاي ئىلگىرى

    ئاۋۇ دېتال مەن بىلەن قەھرىمانلار ئىتتىپاقىدا چۈشسەك مەن چۇقۇم يېڭىۋالىمەن. (مەغرۇرلانغان چىراي ئىپادىسى)

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号