باش بەت

رۇشەن

2565يوللانما
68مەستانە

Uber مۇدىرىيىتى كۆپ مىقداردىكى شىركەت پايچېكىنى تۆكمە قىلىپ ساتماقچى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-14 23:38 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىل چاقىرىش مۇلازىمىتى شىركىتى Uberنىڭ مۇدىرىيىتى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ شىركەت ئۈستىدىن دەۋا قىلغان پايچىك «ئۆلچەم كاپىتالى» (Benchmark Capital) تەۋەككۈل مەبلىغى شىركىتىنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ مىقدارلىق پاي چېكىنى سېتىۋېتىش توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىغان.

ياپونىيە Softbank گۇرۇھى ۋە Dragoneer مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى باشچىلىقىدىكى لاگېرلار ئوخشاشلا Uber شىركىتىنىڭ مۆلچەر قىممىتى 68 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق پاي چېكىنى ئېتىبار بېرىلگەن باھا بويىچە سېتىۋېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. Uber شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى ھازىر بۇ ئىككى تەكلىپنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ھازىر پاي چېكى سېتىۋېلىش توغرىسىدىكى بۇ ئىككى تەكلىپ تېخى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ يوشۇرۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش بويىچە تەكشۈرۈش قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. Uber شىركىتىنىڭ كۆپ مىقدارلىق پاي چېكى بەلكىم ئەڭ ئاخىرىدا «ئۆلچەم كاپىتالى»نى چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا، Uber شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتى يەنە شېرۋېن پىشېۋار باشچىلىقىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان پاي چېكىنى سېتىۋېلىش تەكلىپىنىمۇ ئويلىشىۋاتىدۇ.

«ئۆلچەم كاپىتالى» شىركىتى يېقىندا Uber شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىنىڭ بېشىنى ناھايىتى قاتتىق ئاغرىتتى. بۇ تەۋەككۈل مەبلىغى شىركىتى Uber شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىراۋىس كالانىك ئۈستىدىن دەۋا قىلىپ، بۇ سابىق CEOنىڭ «ئۆلچەم كاپىتالى» شىركىتىگە مۇدىرىيەت ئەزاسىلىق ئورنىدىن ئۈچىنى بېرىمىز دەپ ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەۋا قىلغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، Uber شىركىتىنىڭ شېرۋېن پىشېۋارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر تۈركۈم مەبلەغ سالغۇچىلىرى «ئۆلچەم كاپىتالى» شىركىتىنى Uber شىركىتى مۇدىرىيىتىدىن چېكىنىپ چىقىشقا ھەمدە ئۆزىنىڭ پاي چېكىدىن ۋاز كېچىشكە مۇراجىئەت قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号