باش بەت

ئادىلجان

5907يوللانما
34مەستانە

جۇڭگودىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ 9 شەھەر

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 11:31 9 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شېنجېن: خاسلاشتۇرۇلغان ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار ماكانى. شېنجېن جۇڭگودىكى زور تۈركۈمدىكى يېڭى بايلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئولتۇراقلىشىش ماكانى، بۇ جايدا نۇرغۇن ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇ رايونلىرى بار، بۇ تۇرالغۇ رايونلىرىغا دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق ئاپتوموبىللار توپلانغان. شېنجېن ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنەك بولۇش بولۇپ، بۇ جايغا بىر تۈركۈم ئالدىن بېيىغان كىشىلەر توپلانغان، شۇڭا تەبىئىيلا ھەشەمەتلىك ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ماكانىغا ئايلانغان. كوچىلاردا لەمبورگىنى، فارارى قاتارلىقلار ئاپتوموبىللارنى ھەرۋاقىت ئۇچراتقىلى بولىدۇ. 

شاڭخەي: ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار توپلاشقان جاي. «خەلقئارالىق چوڭ شەھەر» دەپ ئاتالغان شاڭخەي سۇجۇ بىلەن جېجىياڭدىن ئىبارەت ئىككى تەرەققىي قىلغان رايونغا يېقىن بولۇپ، ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار مەركەزلىك توپلاشقان. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا شاڭخەيدىكى فارارىنىڭ سانى 400دىن ئاشىدىكەن، مايباختىنمۇ نەچچە ئونى بار ئىكەن. شاڭخەي ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىدە ھەر ئەڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى ئۈچ مىليوندىن باشلىنىدۇ.

خاڭجۇ: دەرىجىدىن تاشقىرى سپورت ئاپتوموبىلىنىڭ ماكانى. خاڭجۇ جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن 500 كۈچلۈك كارخانىلار ئەڭ كۆپ جايلاشقان ئورۇن، جېجىياڭدىكى كۆپ قىسىم پۇلدارلارمۇ مۇشۇ شەھەردە ئولتۇراقلاشقان، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ جەننىتى دېگەن نامى بار. دۇنيادىكى ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىللار خاڭجۇدا يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ. 2013-يىلىدىكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ خاڭجۇدىكى 4s دۇكانلىرى 70كە يەتكەن، بېنتلېينىڭ بىر مەخسۇس سېتىش دۇكىنى بار، ئۇ جېجىياڭ ئۆلكىسىدىكى بىردىنبىر ئالاھىدە ئىجازەتلىك ۋاكالىتەن سېتىش ئورنى ھېسابلىنىدۇ. 

ۋېنجۇ: BMWنىڭ جەننىتى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن ئون يىل ئىچىدە «شەرقتىكى يەھۇدىيلار» دەپ ئاتالغان ۋېنجۇلۇقلار ئىچىدە بىر تۈركۈم پۇقراۋى ئىگىلىككە تايىنىپ بېيىغان پۇلدارلار بارلىققا كەلدى. ۋېنجۇدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار، «بېنىز، BMWلار كۆپ بولغان ۋېنجۇ كوچىلىرىدا بېنتلېي، مايباخلارنىڭ تاكسىچىلىكمۇ قىممىتى يوق». بۇنىڭدىن ۋېنجۇدا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تېخىمۇ كۆپلۈكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ۋېنجۇ شەھىرىدىكى شەھەر رايونىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يول كۆلىمى پۈتۈن ئۆلكە بويىچە ئارقىدىن سانىغاندا 1-ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ماشىنا سانى جېجىياڭ ئۆلكىسى بويىچە ئەڭ كۆپ، شەھەر رايونىدىكى ھەر يۈز ئائىلىلىككە توغرا كېلىدىغان ئاپتوموبىلى سانى 17.5 دانىگە يېتىدۇ. 

بېيجىڭ: داڭلىق ماركىلىق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار شەھىرى. بېيجىڭدا دۇنيا دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللاردىن قانچىسى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ سانى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بېيجىڭ ئېلىمىزنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سانى، تۈرى جەھەتتە باشقا ھەرقانداق شەھەرنى بېسىپ چۈشىدۇ. بۇ شەھەر يوشۇرۇنۇپ ياتقان ئاپتوموبىللار بەكلا كۆپ. بېيجىڭ يىنتەي مەركىزىنىڭ يەر ئاستى ماشىنا ئىسكىلاتىدا پۈتۈنلەي ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار بار. سۈرەتتىكى ماشىنا ئىسكىلاتىغا قاراڭ، دۇنيادىكى چەكلىك مىقداردا ئاران بەش يۈرۈش سېتىلغان پاگانى Zonda Cinque ئاپتوموبىلىنىڭ ئىككىسى بار، تېخى ئۇلارغا نومۇر تاختىسىمۇ ئېسىلىپ بولۇنغان! ھەر بىرىنىڭ باھاسى 60 مىليون يۈەن. 

يىۋۇ: ھەر ئون مىنۇتتا بىر پورسچى ئۆتۈپ تۇرىدۇ. يىۋۇ ئىزچىل تۈردە جۇڭگودىكى كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئەڭ يۇقىرى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ كەلمەكتە. بۇ شەھەرنىڭ نوپۇسى ئاران 680 مىڭ، ئەمما بۇ شەھەردە 82 مىڭ 118 دانە ماشىنا بار، بۇلارنىڭ %85تى شەخسىي پىكاپلار، بۇ نىسبەت مەملىكەتتىكى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. 

تەييۈەن: خاممېر (Hummer) لاگېرى. شەنشىدە مۇنداق بىر خەۋەر تارقالغان: «كۆمۈر كان خوجايىنلىرى بىر قېتىمدا كوللېكتىپ ھالدا 20 دانە خاممېر ئاپتوموبىلى سېتىۋالغان، تەييەندە بىر خوجايىننىڭ ئۈچ يۈرۈش ئوخشىمىغان رەڭدىكى روللس-رويس ئاپتوموبىلى بار.»

تاڭشەن: ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل شەھەرچىسى. تاڭشەن خېبېي ئۆلكىسىنىڭ 2-سەپتىكى شەھىرى بولۇپ، مول پولات-تۆمۈر بايلىقىغا ئىگە، شۇڭا ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارمۇ كۆپ. تاڭشەندىكى كان خوجايىنلىرى بېيىغاندىن كېيىن ئالدى بىلەن ئىمپورت ئاپتوموبىل سېتىۋالىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا تاڭشەن كوچىلىرىدا 50 مېتىر ئىچىدىكى ماشىنا ئېقىمى ئارىسىدىن 500 مىڭدىن قىممەت داڭلىق ئاپتوموبىللارنى چوقۇم ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. 

گۇاڭجۇ: ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنى. گۇاڭجۇ جەنۇبىي جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ شەھەر شۇنداقلا ھەرقايسى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك مۇھىم ئورنى. يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇاڭجۇ ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىمۇ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار ئۆز سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان سورۇن ھېسابلىنىدۇ. گۇاڭجۇ ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنى ئىمپورت قىلىش جەھەتتە مەملىكەتتىكى ھەرقايسى چوڭ شەھەرنىڭ ئالدىدا ماڭماقتا. پورسچى، بېنتلىي، فارارى، لەمبورگىنى، BMW قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۇاڭجۇدا مۇلازىمەت نۇقتىسى تەسىس قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • قىيا1 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا دالا ماشىنىسى بىلەن مۇسابىقە ماشىنا نۇسقىدىكى ماشىنىلاردىن باشقىسى بىكا

  • س گ1 ئاي ئىلگىرى

    شىنجىن قايسى تەرەپتە يىۋۇچۇ

  • نەرگىسگۈل1 ئاي ئىلگىرى

    ئابلىتىپ سز خۇتەننىڭ نەرىدىن

  • تاقىرباش1 ئاي ئىلگىرى

    مۇنداق دەڭلار نۇرداشلار شۇ ماشىنلارنى مەن كۈرۈپ باقمىدىم ؛

  • .. ئىسىم قۇيمايمەن ..1 ئاي ئىلگىرى

    پورسىچى راسلا قىمەتما مەن بىر ئككنى ئالاي دىگەنتىم باھاسنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم دەپ بىرىڭلار

  • مۇبارەك1 ئاي ئىلگىرى

    يىۋۇدا پورسچىنىڭ جېقلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ باۋما مۇ شۇنداق ئىشقىلىپ ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلار كۆپ

  • ئابلىتىپ09031 ئاي ئىلگىرى

    شىنجىن راسلە برىنچى مەن نۇرغۇن ماشىنىلارنى سۇرەتكە تارتىۋالغان

  • مەشرىق1 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ يىۋۇدا ئون مىنۇتتا ئەمەس ئىككى مىنىۇتتا بىر ئۇچرايدۇ ،پورسىچىنى بىكارلىق تارقاتقان ئوخشايدۇ دەپ قالدۇدە ئادەم !

  • ئىسىمسىز1 ئاي ئىلگىرى

    مەن يىۋۇدا،لىكىن پورىسچى ۋەھشى جىق

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号