باش بەت

ئادىلجان

6850يوللانما
70مەستانە

تېسلا ھەممە توكى قۇياشتىن كېلىدىغان «تېسلا ئۆيى»نى ئېلان قىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 13:25 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 15-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا بۈگۈن ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبۇرندا «تېسلا ئۆيى»نى ئېلان قىلىپ،ل قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشتىكى غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. بۇ كىچىك ئۆيگە تېسلانىڭ تۈرلۈك ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى سەپلەنگەن، مەسىلەن قۇياش ئېنېرگىيەلىك تاختا ۋە Powerwall ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان باتارىيە قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئۆيگە يەنە تۆت چاق ئورنىتىلغان بولۇپ، تېسلانىڭ Model X ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىپ سۆرەپ ئېلىپ مېڭىشقا بولىدۇ، قولاي ھەم ئەپچىل.

ئىككى كىلوۋاتلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسى ۋە Powerwall ئارقىلىق بۇ ئۆيگە %100 قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەدە توك تەمىنلەشكە بولىدۇ. بۇ ئۆيگە يەنە ئېنېرگىيە باشقۇرۇش ئۈسكۈنىسى سەپلەنگەن بولۇپ، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسىنىڭ قانچىلىك پاكىز ئېنېرگىيە ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ ھەمدە ئېنېرگىيەنى Powerwallغا ساقلايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر تېسلا ئەپ دېتالى ئارقىلىق ھەممە ئىشلارنى نازارەت قىلالايدۇ ھەمدە باشقۇرالايدۇ. 

بۇ ئۆينىڭ ئېغىرلىقى ئىككى توننا، كۆلىمى 6×2.2×4 مېتىر، ئالتە گۇرۇپپا قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى (2kW PV) ۋە بىر تېسلا Powerwall باتارىيەسى سەپلەنگەن. 

تېسلانىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۆينى ئاۋىستىرالىيەنىڭ بارلىق ئاساسلىق شەھەرلىرىدە كۆرگەزمە قىلىدىكەن. يەرلىكتىكى ئىستېمالچىلار تېسلا تور بېكىتى ئارقىلىق بۇ ئۆيگە «كۆچۈپ كىرىش»نى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن. شۇ ۋاقىتتا تېسلا «بىرگە بىر» كۆرگەزمە قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. 

ئاۋىستىرالىيە تېسلا ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ مۇھىم بازىرى. نۆۋەتتە ئاۋىستىرالىيەدىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئۆگزىنىڭ ئوقۇملىشىش نىسبىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، %15 ئائىلىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلىتىلىدۇ. تېسلانىڭ ئالىي ئەمەلدارى يېقىندا ئاخىرىدا بارلىق ئائىلىلەردە ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى بار بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەگەر تېسلا ئۆيى ئاۋىستىرالىيەدىكى تېخى قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەتمىگەن ئائىلىلەرنى قايىل قىلالىسا، بۇ خىل كۆرگەزمە پائالىيىتى باشقا بازارلارغىمۇ ماس كېلىدىكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号