باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

iPhone ئون يىلدا ئالمىغا 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ياراتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 16:00 7 ئىنكاس چۈشتى

ۋېيفېڭ تورى 15-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

iPhoneنىڭ ئەھمىيىتى ئەقلىيفون دائىرىسىدىن خېلى ھالقىپ كەتتى، ئۇ ئەۋلادقا بۆلۈنگەن بىر خىل  ئەقلىيفون بولۇپلا قالماي، يەنە تارىختىكى بارلىق مەھسۇلات تۈرىدە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر خىل مەھسۇلات. iPhoneنىڭ ئالمىغا بولغان مۇھىملىقىنى دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداقتا ئون يىللىق تارىخى بار iPhoneنىڭ ئالمىغا زادى قانچىلىك پايدا ئەكەلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

CounterPoint نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئون يىلدا iPhoneنىڭ سېتىلىش مىقدارى بىر مىليارد 170 مىليون دانە بولۇپ، ئالمىغا 775 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىم كەلتۈرگەن ھەم 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى پايدا ياراتقان. iPhone ئالمىنى دۇنيادىكى ئەڭ باي كارخانىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردى، iPhoneنىڭ ئەڭ ئالقىشلانغان، ئەڭ پۇل تاپقان قاتتىق دېتال ئىكەنلىكىدە شەك يوق.

2007-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە iPhone ئون يىلنى بېسىپ ئۆتتى، iPhone بەرپا قىلغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىدا ئالما 16 مىليون تىزىملانغان پىروگراممېر ئارقىلىق App Storeدا ئىككى مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئەپ ئېلان قىلىپ، پىروگراممېرلارنىڭ 70 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى كىرىمگە ئېرىشىشى ۋە 180 مىليارد قېتىمدىن ئارتۇق ئەپ چۈشۈرۈش مىقدارىغا ئېرىشىشىگە ياردەم قىلدى.

تاسادىپىيلىق يۈز بەرمىسىلا ئالما كېلەر ئايدا يېڭى iPhoneنى ئېلان قىلىدۇ، شۇ چاغدا يېڭى iPhone مەھسۇلاتى يېڭى شان قۇچالامدۇ-يوق، ساقلاپ تۇرايلى.  

باش سۈرەت تاللاش x
  • نەبى3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما دىگەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى apple دىگەن ئىنگىلىسچە ئالما دىگەن گەپ نەدە ئىنگىلىسى تىلىدا ئالمىنى iphone دەپ ئاتايدىكەن ئالمىغا مىنىڭ تىلفۇنۇم دەم ئىسىپ قويسا بولامدا سىلەرمۇ يەيدىغان ئالمىغا مىنىڭ تىلفۇنۇم دەپ ئىسىم قويۇڭلار ئەمسە i مىنىڭ phone مىنىڭ تىلفۇنۇم

  • iphone3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مۇنداق گەپ ئالما دىگەن شېركەتنىڭ نامى بولۇپ apple دەپ يېزىلىدۇ ، iphone دىگەن ئالما شېركىتى ئىشلەپ چىقارغان يانفۇننىڭ ماركىسى ، i دىگەن مەن دىگەن مەنىدە ، phone دىگەن تىلفۇن ياكى يانفۇن دىگەن مەنىدە ، ئالما شېركىتىدىكى رەھمەتلىك جوبىس ئالما شېركىتىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا i ھەرىپنى قوشىۋېلىشقا ئامراق ، مەسىلەنiphone , ipad دىگەندەك ،

  • سەردار3 ئاي ئىلگىرى

    باللا ھېي مۇشۇ گەپنى چۈشەنمەمسىلە iphone دىگەن ئالما شىركىتىنىڭ تېلفۇنى باشقىسى ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئالما مەھسۇلاتلىرى دىيىلدۇ، تېخى بەزىلەر بىلمەي تۇرۇپ بىلەرمەن قىلىپ كىتىپتۇ

  • سادىر.3 ئاي ئىلگىرى

    ئا دەپ. ئىسىم قويۇۋالغان.نەدە iPhone دېگەن ئۇيغۇرچە ئالما دېگەن گەپكە توغرا چۈشەندۈرمەمسىلە ئۇقمىساڭلار ئارتۇق سۆزلەشنىڭ ھاجىتى يوق.

  • ئا .3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما دىگەن ئۇيغۇرچىسى iPhone دىگەن ئىنگلىزچە ئاتىلىشى 苹果 دىگەن خەنچە ئاتىلىشى

  • تاماخور3 ئاي ئىلگىرى

    بۇ مانداق گەپ ، ئالما بىر ماركا ، ئايفون دىگەن گەپ ئالمىنىڭ مەھسۇلاتى . بۇ خۇددى ئارمان مەھسۇلاتلىرنىڭ ھەممىسىدە ئارمان دىگەن خەت بار بولغانغا ئوخشايدۇ .

  • تەشنامەن3 ئاي ئىلگىرى

    زادىلا،چۈشىنەلمىدىم، iphoneبىلەن ئالمادىگەن گەپ زادى قانداق ، تەپسىلىي چۈشەندۈرەلەيدىغانلابامۇ؟

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号