باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
35مەستانە

ئاتا-ئانىسى پېرىخونغا ئىشەنگەن ھىندىستانلىق قىزچاقنىڭ يۈزى ئېغىر يۇقۇملاندى

مەنبە:بېيجىڭ ۋاقىت تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 17:25 6 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ ۋاقىت تورى 15-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە ئەينەك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندىستاننىڭ چاتتىسگار ئىشتاتىدىكى قىزچاق تانىيە يۈزىگە سۇلۇق قاپارتما ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان. ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدىغىنى شۇكى، تانىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى باشتا قىزىنى شامان دىنى پېرىخونىغا تاپشۇرۇپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈۋەتكەن، دىياگنوز قويغاندا تانىيەگە سۇلۇق قاپارتما چىققىنىغا ئىككى ئايدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، يۈزى ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملانغان.

ئىگىلىنىشىچە، تانىيەنىڭ مۇدىر ۋراچى راجېش قىزچاقنىڭ يۈزىدىكى سۇلۇق قاپارتما سېرىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى بىلەن يىرىڭلاتقۇچى شارچە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىپ پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان. داۋالاشنى باشلىغاندا تانىيەنىڭ يۈزى بىر يېرى ئاق، بىر يېرى قارا كۆرۈنىدىكەن، تاتىلانغان يارا ئېغىزلىرى قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىيدىكەن. راجېش دوختۇر ئىككى ھەپتە سەرپ قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئانتىبىيوتىكتىن پايدىلىنىپ داۋالىغان. ھازىر تانىيەنىڭ يۈزى ئاساسەن ئەسلىگە كەلگەن.

ئىگىلىنىشىچە، تانىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى باشتا قىزىنى شامان دىنى پېرىخونىغا ئاپىرىپ «سېھرىگەرلىك»تە داۋالاتماقچى بولغان، ئىككى ئايدىن كېيىن ياخشىلانمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئاندىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا مەجبۇر بولغان، ئۇ چاغدا تانىيەنىڭ يۈزىدىكى يۇقۇملىنىش ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەن. راجېش دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تانىيەنىڭ يۈزىگە باشتا بىر قىسىم كىچىك داغلار چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، ۋاقتىدا داۋالىمىغانلىقتىن زور كۆلەملىك سۇلۇق قاپارتما پەيدا بولۇپ، تېرىسىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە يۇقۇملىنىشىنى پەيدا قىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • سۈيگۈم ئۈچۈن3 ئاي ئىلگىرى

    كاللسىنىڭ سۈيى با خەقكە ،ئىشقىپ بەك ساراڭ ئادەم جىقكە ،بىچارە بالا ھەي ،ئاشۇنداق ساراڭ پىرخۇنلانى يۇقاتسا بولۇدىكەن

  • سالام3 ئاي ئىلگىرى

    دىققەت قىلساق مۇشۇنداق زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغان بالىلارنىڭ ھەممىسى قىزبالا ، ئىشقىلىپ بۇ ھىندىلار ئايال زاتىدىن تۇغۇلۇپ يەنە ئايال زاتىنى پەس كۆرىدىغان ، يىرگىنىشلىك بىر خەقكەن

  • دىلبەر دل3 ئاي ئىلگىرى

    ئادەمنىڭ پەقەتلا ئەتىۋارى يۇق دۇۋلەتكەن بۇ

  • قوتاز3 ئاي ئىلگىرى

    پىرىخونلار ئوقۇپ شۇنداق كىسەل داۋالىغان بولسا ،دوختۇرلار مەۋجۇت بولمىغان بولارئىدى .

  • بەرنا3 ئاي ئىلگىرى

    نېمىدېگەن نادان خەق بۇ

  • ئۆھۆ…ئۆھۆ…3 ئاي ئىلگىرى

    ئالدىنقى قېتىم بىر ھىندى بالىسىنىڭ قۇلقىنى كېسىۋاغان ئەمدى ما دەلتىنىڭ ئىشى چىقىپتۇ … كاللىسىنىڭ پېيى تاتىشىپ قالغان لەقۋا

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号