باش بەت

River Novel

287يوللانما
41مەستانە

​خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ 8 ئالامىتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 18:57 11 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

خامۇشلۇق بولسا بىر خىل مۇرەككەپ بولغان پىسخىكىلىق ھەم فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىك. تۆۋەندە خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بەزى ئالامەتلىرىنى كۆرۈپ باقايلى. لېكىن ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىكى، خامۇشلۇق كېسىلىگە رەسمىي دىياگنوز قويۇش ئۈچۈن يەنىلا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەرمۇ ئوقۇيدىغان، ئىشلەيدىغان، تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن بېسىملارغا تاقابىل تۇرىدىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يوشۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ كېسەلنى داۋالاشقا پايدىسىز. پەقەت بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشنى باشلىسىلا، خامۇشلۇق كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.

يېمەك-ئىچمەك ئادىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش بولۇش

خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، بۇرۇن ئامراق نەرسىلىرىگە ھازىر ئۆچ بولۇپ قېلىش، بۇرۇنقى ساغلام يېمەكلىك ئادىتىنى يوقىتىپ، جىق تاماق يەيدىغان بولۇپ قېلىش خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى.

ئۇيقۇ ئادىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇش

ئۇيقۇ يېتىشمەسلىك ياكى كۆپ ئۇخلىۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن ھارغىنلىق ھېس قىلىشمۇ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى. لېكىن ھەممە خامۇشلۇق كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلاردا بۇنداق ئەھۋالنىڭ بولۇشى ناتايىن.

ئاسان ئاچچىقلىنىش

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەم ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ھېس قىلالىشى مۇمكىن. ئازراق بېسىممۇ ئۇلارنى بىئارام قىلىدىغان بولۇپ، ئاسانلا ئاچچىقلىنىدۇ، ئۈمىدسىزلىنىدۇ.

خىزمەت ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش

تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەشمۇ خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىر ئالامىتى بولۇپ، بەزىدە بۇرۇن سادىر قىلمايدىغان خاتالىقلارنى سادىر قىلىپ قويىدۇ.

ئىجتىمائىي ئالاقە قىلماسلىق

خامۇشلۇق كېسىلى بار كىشىلەر گەرچە ئوقۇش ۋە خىزمەتنى داۋاملاشتۇرسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ قىزىققانلىقىدىن بولماي، پەقەت ۋەزىپە ئۈچۈنلا بولىدۇ. ئۇلار ئۆزى زۆرۈر دەپ قارىمايدىغان بارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ.

ھېسىياتىنى ياخشى كونترول قىلالماسلىق

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئاسان ئازالىنىپلا قالماستىن، يەنە شەيئىلەرگە نورمال ئادەملەردەك مۇئامىلە قىلالمايدۇ. ئۇلار ھېچنېمىنى سەزمەيدىغاندەك ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى خۇشاللىق ۋە ئاكتىپ ھېسىياتلارغا توغرا ئىنكاس بىلدۈرەلمەيدۇ.

 دائىم ئۆزىنى كەمسىتىش

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ئۆزىنى ھېچقانداق قىممىتى يوقتەك ھېس قىلىدۇ.

«قارا كۆزئەينەك» تاقىۋېلىپ دۇنياغا قاراش

خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دۇنياغا پاسسىپلىق بىلەن قارايدۇ. خىزمەت، مۇۋەپپەقىيەت، مۇھەببەت، ئۆلۈم قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنىڭ تۇتقان پوزىتسىيىسى تېخىمۇ پاسسىپ بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
  • 慎独3 ھەپتە ئىلگىرى

    مىھرىبانۇ سىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن، ئۆزىڭىزگە بېسىمنى كۆپ قىلىۋالماڭ، ئامال بار كەيپىياتنى كۆتىردىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئاپتاپقا كۆپرەك قاقلىنىڭ، ئىجتىمائىي ئالاقىنى ياخشىلاڭ، دوسلىرىڭىز ئاتا ئانىڭىز بىلەن ياخشى پىكىرلىشىڭ، روھىي كەيپىياتنى كۆتىردىغان كىتاپلارنى ئوقۇپ بىرىڭ، تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ، ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، ئىشلىرىڭىز غا ئۇتۇق تىلەيمەن !

  • مىھرىبانۇ3 ھەپتە ئىلگىرى

    慎独,,توغرا دەيسز،،،مەن قەتئىي چىداپ بولالماي ،ئۈرۈمچى تۆتىنچى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قىلىپ ،،دورا ئالدىم ،،دورا يىگەن مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆزۈممۇ ھەيران ،،كەيپىياتىم بەكلا ياخشى ،تۇراقلىق ،،ئۆز ئۆزۈمگە گەپ قىلىدىغان ئىشىممۇ يوق ،،،بۇرۇن بەك تولا تۇرۇپ تۇرۇپ ئازاپلىنىپ ،،ئەسەبىيلشىپ كىتەتتم ،،،باشقىلار بىلەن ئازراق ئىگز پەسلىك بولسا ئۆزۈمنى قەتئىي كونترول قىلاممايتتىم ،،،،،دورا يىگەننىڭزى ياخشى ،،دورا سەل قىممەتكەن ،،،لىكىن ئۈنۈمى ياخشىكەن

  • 慎独3 ھەپتە ئىلگىرى

    مۇمكىن بولسا ئۈرۈمچىگە بېرىپ بىر تەكشۈرتۈڭلا، مەنمۇ توردا مەسلىھەت سورىغان مىنى تولا كەل دىدى ئەمما بېرىشقا ئىمكان يوق، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاش ئېلىپ بارمىسا ئاقىۋىتى ياخشى ئەمەس، ھىچكىم سىلەرنى چۈشەنمەيدۇ، قانچىلىك ئىشتى چىدىۋەتسەڭ ئۆتۈپ كېتىدۇ دەيدۇ، ئەمىليەتتە سىزنىڭ قانچىلىك ئازاپلىندىغىنىڭىزنى بىلمەيدۇ، خۇددى ئۆزىڭىز خالاپ بولىۋالغاندەك،

  • مىھرىبانۇ2 ئاي ئىلگىرى

    دوسلار ،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك ؟مەندە ھەممىسى باكەن ،،مۇشۇ يالغۇزلۇقنى دەھشەت خالايمەن ،،مەن تىخى توي قىلمىغان قىز ،،دائىم كەلگۈسۈمدىن غەم قىلىمەن ،مەندە يۈز پىرسەنت خامۇشلۇق كېسىلى بامىكىن دەيمەن؟

  • رەڭ2 ئاي ئىلگىرى

    مەندە توشاقكەن ئالامەتلىرى

  • دەردىم2 ئاي ئىلگىرى

    بۇ كېسەلنىڭ داۋاسى زادى نىمە ؟مەنمۇ ئاز كۈندە مۇشۇ كېسەلنىڭ قۇربانى بولمەن زادى.

  • مەلىكەم2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ شۇنداق بوپ قالغان

  • ياخشى3 ئاي ئىلگىرى

    مەندىمۇ بامۇ نىمە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

  • چىچەكخان3 ئاي ئىلگىرى

    قىزىمنى تۇققاندىن كىيىن ئامراق تاماقلىرىمغا ئۆچ بۇلۇپ قالغانتىم ھەم ئازراق كۆڭلۈم يېرىم بولسىلا تاماقنى كۆپرەك يەيدىغان بۇلۇپ قالغان ،ئىشقىلىپ ھەممە ئالامەتلەر مەندە باركەن ،بۇ كىسەلنىڭ داۋاسى قانداق ؟بىلىدىغانلار مەسلەھەت بىرىڭلار

  • ئىسىمنى يېزىش مۇھىممىتى3 ئاي ئىلگىرى

    قانداق داۋالايدىغاندۇ مەندە ھەممىسى باكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号