باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10252يوللانما
780مەستانە

ئامىرخان ئىلگىرى «دانگال»دا رول ئېلىشنى رەت قىلغانىكەن

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-15 22:15 62 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

14-ئاۋغۇست، 13-نۆۋەتلىك «بېيجىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە كىنو ھەپتىلىكى» تەنتەربىيە كىنو ئىجادىيىتى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. «دانگال» ناملىق كىنو جۇڭگو رايونىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، «توز تېغى» كىنوچىلىقىنىڭ بىرلەشمە ئىجادىيەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پاساتې شېتتىي يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەينى ۋاقىتتا ئامىرخاننىڭ بۇ سىنارىيەنى رەت قىلغانلىقىنى سۆزلىدى. چۈنكى ئامىرخان ئەڭ دەسلەپتە بۇ ئوبرازغا كەم دېگەندىمۇ 5-6 يىلدىن كېيىن چۈشىمەن دەپ ئويلىغان.

بىراق ئامىرخان بۇ كىنونى رەت قىلغاندىن كېيىن، بۇ ھېكايە ئىزچىل ئۇنىڭ مېڭىسىدە ئەكس ئەتكەن بولۇپ، زادىلا ئۇنتالمىغان. «تەخمىنەن 3 كۈندىن كېيىن ئۇ رېژىسسورغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەر بۇ كىنودا رول ئالىمەن دەيدىكەن چوقۇم بىر قانچە شەرتىنى ئورۇندۇشى لازىملىقىنى ئېيتتى. 1- ھېچقانداق كىيىم-كېچەك ياكى كومپيۇتېر مونتاژى بىلەن ئۆزىنى سېمىزرەك كۆرسىتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، 2-كىنودىكى بارلىق چېلىشىش كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھەممىسى چوقۇم راست بولۇشى كېرەك. 3-ئالدى بىلەن شەخسنىڭ سەمرىگەندىكى ۋە ياشقا چوڭىيىپ قالغاندىكى كۆرنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىش ئاندىن ئورۇقراق، ياش ۋاقىتىدىكى قىسىمىنى سۈرەتكە ئېلىش كېرەك» دېگەن.

شۇنىڭ بىلەن ئامىرخان شىددەت بىلەن سەمىرىشكە باشلىغان. ئەترەتتىكى ئەزالارمۇ كەسپىي چېلىشىش مەشىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئالدىنقى تەييارلىق باسقۇچىدا جەمئىي 16 ئايدەك ۋاقىت سەرپ قىلغان. «دانگال ناملىق كىنونىڭ پۈتۈن دۇنيادا مۇشۇنچىۋالا ئالقىشقا ئېرىشىشى دەل كۆرۈرمەنلەرنىڭ كىنونىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ھېكايىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە بەدەللىرىنى كۆرەلىگەنلىكىدە...»

پاساتې شېتتىينىڭ قارىشىچە، «دانگال»نىڭ كۆپچىلىكنى شۇنچىۋالا مەپتۇن قىلالىشىدىكى سەۋەب بولسا، دەل كىنو ھېكايىسىنىڭ چىن، ھەقىقىيلىقىدا ئىكەن. «دانگال» ناملىق كىنو چېلىشىش باش تېمىسدىكى تەنتەربىيە كىنوسى بولۇپلا قالماستىن ئۇ دادا ۋە قىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت سۆزلەنگەن كىنو. ياخشى ھېكايە ۋە ئارتىسلارنىڭ يۈكسەك كەسىپچانلىقى بۇ كىنونىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل.

مۇھاكىمە يىغىنىدا كىنو سىنارىستى، رېژىسسور، فىلىم ئىشلىگۈچى قاتارلىق ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇتەخەسىسسلەر بىرلىكتە جۇڭگو تەنتەربىيە كىنوچىلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات يولى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى. بېيجىڭ شەھەرلىك كېيىنكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، بېيجىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە كىنو ھەپتلىكى كومىتېتىنىڭ كاتىپى جاۋ دوڭمىڭ تارقىتىش يىغىنىدا، «تەنتەبىيە ھېكايسىى ئولىمىپىك روھىنى سۇندۇرىدۇ» ناملىق نۇتىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «جۇڭگودا مۇنەۋۋەر تەنتەربىيە تېمىسىدىكى ئىجادىي ئەسەرلەر كەم ئەمەس. تەنتەربىيە كىنو-تېلېۋىزىيە سەنئەت سېھىرىي كۈچى، خەلققە نىسبەتەن چوڭقۇر قوزغىتىش ۋە تەربىيەۋى ئەھمىيەتكە ئىگە. تېخىمۇ كۆپ كىنو-تېلېۋىزىيە، تەنتەربىيە ھەۋەسكارىلىرىنىڭ بۇنىڭغا ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، تېخىمۇ جانلىق ھالدا جۇڭگونىڭ تەنتەربىيە ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگولۇقلارنىڭ تەنتەربىيە قىياپىتىنى نامايەن قىلىشىغا تەقەززامىز».

نەق مەيداندا بېيجىڭ زىجىن شەھىرى كىنو شىركىتىنىڭ باش نازارەتچىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، كىنو سىنارېسىتى، كىنو ئىشلىگۈچى ۋاڭ جېبىڭ، «破冰» ناملىق كىنونىڭ رېژىسسورى شۈ گېڭ، جۇڭگو مۇز توپ جەمئىيىتىنىڭ كاتىپى، تەنتەربىيە ئەدەبىياتى يازغۇچىسى فاڭ شۆفېڭ، جۇڭگو ئاياللار تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش دۇنيا چېمپىيونى يې چياۋبو، جۇڭگو كىنو پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، كىنو رېژىسسورى، كىنو ئىشلىگۈچى جياڭ پىڭ قاتارلىق مېھىمانلارمۇ كۆز-قارىشىنى بايان قىلدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • مىڭ ئەپسۇس1 ئاي ئىلگىرى

    مىۋە دىگەن تورداش ئىككىلى ئىنكاسىڭىزنى ئۇقۇدۇم 21. ئەسىردە تۇغۇلۇپ كونا ئىددىيەدە قالغىنىڭىزدىن تۇلىمۇ خۇراپى چىراي بىلىندىڭىز ، خەنزۇچىسىدىكى ئىنكاسلارنى تىلغا ئېلىۋېدىڭىز ئۇنچىۋېلا خۇراپى ئەمەسمىكى دىدىم چۈنكى قوش تىل بىلگەندىكىن، تىمىغا كەلسەك دانگال فىلىمىدە قىزىنى دادىسى چېلىشچى بۇلۇشقا زورلىدىمۇ دەيلى ، ناۋادا زورلىمغان بولسا ئىككىلىسى داڭلىق چېلىشچى بولمىسۇن ئۇلارنىڭ قايسى ئىشنى ئاخىرغا ئېلىپ چىقىشىغا كۈزىڭىز يەتتى ئەجىبا چوڭ قىزى دادىسى يوق پۇرسەتتە ئۇغۇللار بىلەن مۇھاببەتلىشىپ يۈرمىدىمۇ بەلكىم ئارزۇسى ھېندىلارنىڭ كونا ئىددىيەسى بىلەن ئوخشاشلا ئازراق چوڭ بولسا بىرسىگە ياتلىق بۇلۇپ يەنە ئايال تۈۋەن ئەرلە ئەزىز بۇلىۋاتقان تەرەقىياتىغا ئۇل سالا بولغىيتتى، ئەجىبا ئاتا ئانىڭىز سىزنىمۇ رايىڭىز غا قويغان بولسا بەش ياش ۋاختىڭىزدا سىز ئاتا ئانىڭىز خەۋەرسىز ھالدا مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئۇقۇغان بولغىيمىدىڭىز ياكى ئاتا ئانىڭىز يىغلاپ ئايرىلغىڭىز يوق ھالەتتە مەكتەپكە بېرىپ بارا بارا كۈنۈپ كەتكەن ئۇقۇتقىچىلارنىڭ ، چىڭ تۇتىشى تەكرار تەكرار سىزگە قىلغان بېسىملىرى بىلەن خەت يېزىشنى خەت ئۇقۇشنى ئۈگەنگەن بولغىيمىدىڭىز ياكى ئۆزىڭىزنىڭ تۇغۇلغاندىنلا شۇنداق ئارزۇ ئارمانىڭىز ، ياكى ھەر يىلدا قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى پىلانلاپ قويغانمىدىڭىز ، ھەممە ئاتا ئانا پەرزەنتىگە ياخشى بولسۇن دەيدۇ ، بۇنىڭدا ھەقىيقەتەنمۇ يېرىم يالىڭاچ ئەرلە چىقىدۇ سىز كىينونىڭ يۈزەكى قىسمىغا قارىماي ، مېغىزىنى قۇبۇل قىلغان بولسىزڭىز بەلكىم بۇنداق بىلىنمەستى ئابىدىكىرىم ئابلىېز ئاكىدەكلا گەپ قىلىدىكەنسىز ، خەلىقارالىق مۇسابىقىدە قىز لار بىلەن قىزلار چېلىشىپتۇ ئەمما دادىسى قىزىنى ئۇغۇللارغا چېلىشقا مەجبۇرلىدى دىگەن قاراش كاللىڭىزدا خاتا چۈشەنچە بوپ قاپتۇ بەلكىم سىز خەنزۇچە ئاۋاز بەرگەننى كۆرگەن ئوخشايسىز شۇڭىلاشقا تىلىنى چۈشەنمەي قالغانمۇ ئوخشايسىز ، ئەمىلىيەتتە بۇنىڭدىكى سەۋەپ ئۇلار ياشاۋاتقان شۇ ناھىيە ياكى ۋېلايەتتە قىزلار چېلىشچى بولمىغاچقا ئامال يوق قىلغان مەشىقىنى ئەمىلەيتكە بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئۇغۇللارغا سېلىشقا مەجبۇر بولغان ، ھەممە ئادەم سىزدەك خۇراپى ئەمەس 21. ئەسىردە تۇغۇلۇپ ئەسېرنىڭ بېشىدىلا قامماي 17. يىلىغا كەلدى ماسلىشىڭ ، ھەممىلا ئادەم سىزدەك سېرتقى قىياپىتىگە قارىمايدۇ مەزمۇنىغا قارايدۇ ، ھېسقىلالمىغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ مېغىزىدىن شاكىلى كۆپ دەپسىز سىز دەل شاكىلىغا قارايدىكەن سىز ئەمەسمۇ ، ئەجىبا ئۇلارنىڭ يۈرۈش تۇرىشىغا كەيگەن كىيىمىگە ، جىنسىغا سېرتقى قىياپىتىگە ئۇياتلىق يىرىگە ئاپارغان ئەقلىڭىزنى قۇشۇپلا مەزمۇننى چۈشۈنىشكە قاراتقان بولسىڭىز بەلكىم ئىنكاس باشقىچە يېىزلاتتى بەلكىم ئارتۇق گەپ قىلىپ كويغاندىمەن ئەمما ئەمىلىيەتتە شۇنداراق دىيىشكە زورلاپسىز

  • مىۋە2 ئاي ئىلگىرى

    ئىرادە ئىسىملىك تورداش ۋاقتىدا جاۋاپ قايتۇرالماي قالدىم. مەن بۇ فىلىمنى بىرىڭ تەۋسىيەسى بىلەن كۆرگەن بۇنداق مۇشلىشىدىغان، چىلىشىدىغان فىلىمنى تۇنجى كۆرۈشۈم مەن ئادەتتە ئونۋىرسال فىلملەرگە ئامىراق. مەن 21- ئەسىردە تۇغۇلۇپ،مەدەنىيەتلىك ھاللىق سىەۋىيەدىكى ئائىلىدە ياشاۋاتىمەن.ھەركىمنىڭ كۆز قارىشىنى ئوتۇرغا قويۇش ھوقۇقى بولغانلىقى ئۈچۈن ، مەنمۇ ئۆز كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. يەنە كىلپ يىڭى دەۋىردە زامانىۋىي شەھەردە ياشاۋاتقانلار ئەجدادىدىن قالغان شۇنداقلا توغرا يەكۈنلەنگەن ئەخلاققا، ئۆرۈپ- ئادەتكە زامانغا ماسلىشىش باھانىسى بىلىەن رىئايە قىلىمسىمۇ بولىۋىرىدۇ دىيىش ئەقلگە مۇۋامىق ئەمەس. ئەمىلىيەتتە بەزى دۆلەتلەردىكى، قىسمەن جايلاردىكى پەسكەش قىلىمىشلارنىڭ كىىلىپ چىقىشىمۇ مانا مۇشۇنداق كىچىك نۇقتىلارغا سەل قارغانلىقتىن كىلىپ چىققان. بىر قىسىم جايلاردا نىمىشقا بۇنداق ئەھۋاللار تاھايىتى ئاز كۆرىلدۈ؟ چۈنكى ئۇ يەرلەردىكى ئەر ۋە ئايال ئۆزلىرىنىڭ خاتاسىغا ئەمەل قىلمىسىمۇ توغرا يەكۈنلىگەن .ئۆ رۈپ- ئادىتىگە ئەمەل قىلىدۇ . يەنە كىلىپ بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە دانگال فىلىمدە خەلىقئارالىق مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەندە ئايال بىلەن ئايال مۇسابىقىگە چۈشتىغۇ دىمەك خەلقئارا خەميەتتمۇ ئەر- ئايالنىڭ پەرىقىگە ئازىراق بولسىمۇ ئىتبار بىرىدۇ باراۋەرلىك دەپ بەك چەكتىن ئاشۇرۋەتمەيدۇ. ئاتاقلىق يازغۇچى لىف تولۇستويمۇ « ئەركسىگە ئوخشاتماقچى بولغان ئايال، ئايال كىشگىە ئوخشاتماقچى بولغان ئەرگە ئوخشاش تەتۈرلۈكتۇر» دەپ ئەسكەرتكەن. ئايال كىشى ئەر كىشىگە ئۆزىنىڭ قارا كۈچىنىڭ كۈچلۈك ئىكىنلىكىنىلا ئىسپاتلىماي ئائىلە ۋە جەميەتتىكى ئۆزىمىڭ خۇلىقىغا ماس ھالدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسىلا ھۆرمەتكە، بەخىتكە ئىرىشەلەيدۇ. قايسى ئۆرۈپ ئادەتنىڭ، قايسى خىل ئىدىيەنىڭ خاتا قاراشتىن شەكىلەنگەنلىكىنى قايسىسىنىڭ توغۇرلىقىنى ئەقىل ئىگىسى بولغان ئادەم ئايرىيالايدۇ ئەسلى تىمغا كەلسەم .دىىمىسىمۇ بۇكىنو ماڭا ئانچە ياقمىدى. ئەرلەر ئادەمنى ئەيمىندۈرگىدەك دەرىجىدە ئوچۇق كىيىنىدىكەن.قانداق كىيىنىش ئۇ بەلكىم فىلىمنىڭ ئىھتىياجىدۇ. بىرا بەزى ئەرلەر ھەتتا ئاياللارمۇ قىز ئاياللارنىڭ ئەقىلگە ئازىراق بولسىمۇ سىغقىدىغان يەررلىرى ئوچۇق قالسا ئۇ رەسىمدىكىلەر قايسىلا مىللەتتىن بولسۇن ئەدەپسىز، ھاياسىز دەپ تىللاپ كىتىدۇ ئەجىبا ئەر كىشى مۇشىنداق قەدىمكى ئىپتىدائىي ئادەملەرەك زىيادە ئوچۇق كىيىنپ يۈرسە بەزى ئاياللارمۇ يەنەتىخى كوپپىيوتىر، تىلۋىزور ،تىلىفۇن قاتارلىقلار ئۆزى باشقۇرىدىغان تۇرۇو بۇندا كۆرۈنۈشلەردىن ئامالنىڭ بارىچە ساقلانمىسا شۇندا كۆرۈنۈشنى خالايدىغان ھەتتا تىلەپ تاپىدىغان بولۇپ قالمامدۇ يەنە تىخى ئۇفىلىمنىڭ باش قىسمىدا ئوغۇل پەرزەنتنى زىيادە ئارزۇلاش قىلمىشى كۆرۈلگەن ئۇ گەرچە ھىندى مىلىتىدىكى دادا بولسىمۇ بىراق مىنىڭچە ھىندى مىللىتىدىكىلەرنىڭ ھەمىسىڭ پىشانىسگىە ئوغۇللارنى ئەزىز لەپ قىزلارنى تۈۋەن كۆرۈش خۇلىقى پۈتۈلمىگەندۇ. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇردى دىگەن تەغغدىردىمۇ ئادەمدە مۇستەقىل كۆز قاراشقا ئىگە ئىچكى سىزىم، ئوييلايدىغان تەپەككۇر بولىدىغاندۇ باشقا مىللەتتىكىلەرنىڭ تۇرميشىنى، ئۇلار ياشۋاتقان دۆلەتنىڭ ئەھۋالىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا قارغۇلارچە باھا بەرسەك، ناچار قاراشلانى ئۇلارغا يۈكلەپ قويساق قاملاشماس ئەگەردە ر استتىنلا ھىندىستاندا شۇنداق ئەھۋال مەۋجۈد دىگەن تەقدىردىمۇ كىنودىكى دادا قىزلىرىغا ئۆز يوللىنى ئۆزى تاللاشنى ئۆزى چوڭ بولغاندا تاللايدىغان ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكى كەسىپنى، تۇرمۇشنى تاللىشىغا، بىلىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم قىلسا ھەققىي ئۇلۇغ دادىنىڭ سىماسى نامايە بولاتتى، كىشىلەرنى تىخىمۇ قايىل قىلاتتى. يەنە مۇشۇ توردىكى بىر خەۋەردە ھىندىتاندىكى بىر رايوندا قىزلارنى ئوغۇللارغا ئوخشاش ياساندۇرغانلىقىى قىزلارنى خارلىغانلىق دىگەن ئەجىبا بۇ شۇنىڭ بىلەن ئوخشاپ قالمىدىمۇ. دىمەكچى بولغۇنۇم ئادەمنىڭ ئۆمۈرى چەكلىك شۇڭا ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن ئۆزى ئارزۇ قىلغان تۇرمۇشتا ياشاپ بىقىش ھوقۇقى ئستىكى بولىدۇ. شۇڭا ئادەم ئاتا- ئانىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ غايىسى ئۈچۈن ئەمەس بەك تاپتىن چىقپپ كەتمىگەن ئاساستا ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن كۆرەش قىلىش كىرەك خەنزۇچە كىنو تورىدىكى نۇرغۇن ئىنكاساردىمۇ بۇ نۇتقا تىلغا ئىلىغان، بۇھەقىقىي ۋەقە ئاساسىدىكى كىنو بولغاچقا ھەقىقىي ۋەقەنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ئامال يوقتۇ لىكىن مىڭ يەنىلا كۆزقارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ باققان مىنىڭچە قانداق كىنو فىلىمنى كۆرۈ ش بىر فىلىمنىڭ قانداق يەرلىرىنى ئامال بار كۆرمەسلىككە دىققەت قىلغان ئادەم ئۆزىنى مەنىۋىي جەھەتتىكى، يۈزەكى ھاياجانلىق كۆز قاراش، ئىجدىمايى ئەخلاق جەھەتتكى زىيانلاردىن ساقلاپ قالالايدۇ. مەنمۇ بۇ كىنونى بىرسىڭ تەۋسىيەسى بىلەن كۆرگەن ھىلىقىندەك كۆرۈ نۈشلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۆپىرەك يەرلىرىنى ئۆتكۈزۋەتىپ قاپيىمەن بەزى چۈشەنچىلىرىم خاتا بولۇپ قالغاندۇ تورداشلارنىڭ مەدەيىي ئەدەپلىك ھالدا تۈزۈتىشبى ئۈنىد قىلىمەن.

  • ئارزۇ2 ئاي ئىلگىرى

    ئىرادە نۇرداش سىزنى قوللايمەن ياخشى گەپ قىلدىڭىز

  • قۇملۇق2 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ بۇكىنونى بىر قىتىم كۆردۈم ئازىراق بىر قىسىم دىيالۇگلاشقان كۆرۈنۈشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ناچار كىنوكەن مىنىڭچە، نۇرغۇن يەرلىرى بەكلا ئادەمىنى بۇ كىنونى كۆرۈشتىن ئۇيۇلدۇرۇپ قويىدىكەن. يەنە تىخى بۇنىڭدا مەيلى قىز- مەيلى ئوغۇل بولسۇن پەرزەنتلەرنى ئاتا كەسىپىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇشتەك قاتمال ئىدىيە،كۆرسە بىئەپ بولدىغان كۆرۈنۈشلەر بار ئىكەن.

  • ئېرادە2 ئاي ئىلگىرى

    مىۋە دىگەن تورداش سىز قانچىنجى دەۋردە ياشاۋاتىسىز، تاغادا بىر تاغا نەرسىلەرنى يىزىپسىز ئادەمنىڭ كۆزىنى ئىسراپ قىلىپ، بۇ فىلىمدە قانداقمۇ دادا بالا ئولتۇرۇپ كۆسە بولمايدىغان كۆرۈنۈش بار، مۇشۇنداق تۇترۇقسىز داۋراڭنى جىق ساغىنىڭىزغا ، ئۆزىڭىز ئوغۇرلۇقچە ئادەم كۆرسە نۇمۇس قىلىدىغان كىنولارنى كۆرۈپ يۈرەمسىز تىخى كىم بىلىدۇ،سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش تۇترۇقسىز ئوبزورچىلارغا دەي، بۇ فىلىم پۈتۈن دۈنيادىكى ئاياللارغا تەربىيىۋى ئەھمىيتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان تىبىئىي چىققان بىر فىلىم بوسا كىرەك، ئاياللارمۇ تىرىشسا ئەرلەردىن قىلىشمايدىغانلغى سۆزلىنىپتۇ، بولۇپمۇ ھىندىستاندىكى ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان كىشىلەرگە قىلىىنغان بىر قىتىملىق ئىلمىي جەڭ بوپتۇ،مەن بەك ياقتۇردۇم، شۇڭا سىزگە دىمەكچى بولغۇنۇم جۆيلۈمەڭ

  • ئوتقاش2 ئاي ئىلگىرى

    روماندبن بىرنىلا يېزۋىتىپتۇققۇ مىۋە نۇرداش

  • baribir2 ئاي ئىلگىرى

    ئارىفە نۇرداش ئەسلى بۇ كىنونى سىزلا ئىشلىسىڭىز بوپتىكەن ،گېپىڭىز نىڭ ئۇرانىغا قارىغاندا سىز بۇ كىنونى ئىككى يىلدا ئەمەس ئىككى ئايدىلا پۈتتۈرۈپ بولىدىكەنسىز .
    خېجىل بولسىڭىز بولمامدۇ غەيۋەت قىلىشتىن ...

  • بىر گۈل3 ئاي ئىلگىرى

    مىۋە نۇرداش توغرا گەپ قىلدىڭىز ،يازغانلىرىڭىزنى قايتا قايتا ئوقۇدۇم شۇنداق ئۇنداق كىيىنىپ چېلىشىش بۇ كىينودىلا ئەمەس سالمانخاننىڭ سۇلتاندىمۇ چىقىدىغۇ يەنە كېلىپ بۇ كىينونىڭ ئۇنداق ناچار يەرلىرى پەقەت يوق دەپ ئويلايمەن شۇ كىيىنىشىدىن باشقا ، مەن ئوغۇللۇلۇرۇمغا گىتتانىڭ نەۋرە ئاكىسى بىلەن چېلىشقان يىرىنى تولا كۆرگۈزىمەن قارا ئۇ قىز بەكلا قالتىسكەن دەپ ، بەلكىم ئويلىغىنىمىز بىر يەردىن چىقمىغاندۇ مەن يەنىلا بۇ كىينونىڭ كىشىگە ناچار تەسىر بىرىدىغان يىرىنى كۆپ ھېس قىلالمىدىم ، بالىلارنىڭ ئۆز قىزىقىشىنى تاپالمىغان ئەھۋال ئاستىدا چۇقۇم ئاتا ئانىسى بىر ئىشلارغا ئازراق زورلىغاننىڭ زىينى يوق ، يەنە كېلىپ بۇ ئاچا سىڭىللارنىڭ بىرە قىزىقىشى چىقمايدىكەن ، باشتا دادىسى زورلىغاندەك قىلغان بىلەن كىيىن ساۋاقدىشىنىڭ سۆزى بىلەن ئۇلار ئۆزگىرىدىكەنغۇ .

  • مىۋە3 ئاي ئىلگىرى

    ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆزىگە يارىشا غايىسى،قىزىقىشى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە قىز - ئوغۇللارنىڭمۇ ئۆزىگە يارىشا پەرىقلىق ئالاھىدىلىكلىرى،ئۆزقگە خاس مەجبۇرىيەتلىرى ئايرىم ھوقۇقلىرى بولىدۇ. كىنودا بالا ۋاقتىدا توي قىلغان قىزنىڭ ناھايىتى ئازاپلانغانلىقى بايان قىلىنغان بۆلەك بار. بۇنىسى راست. ھىندىستاندا قىز - ئاياللارنى تۈۋەن كۆرۈش، ئۇلارنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق خورلاش قىلمىشلىرىنىڭ ئىغىر، ئەڭ مۇھىمى مەيلى قىز،مەيلى ئوغۇل بولسۇ بالا ۋاقتىدا توي قىلىش ئەۋىج ئالغان.بىراق بۇنۇڭلۇق بىلەن ئاتا- ئانىلارنىڭ ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆزى ئارزۇ قىلغان غايىسى بولىدىانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان غايىسىنى بالىىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا زورلىسا بولمايدۇ.كىنودىكى قىزلارغۇ «بىز چىلىشىشنى ياخشى كۆرىمىز» دىدى شۇنداقتىمۇ بىر دادا بولغۇچى قىزلىرىنىڭ ھەقىقى ئۆزى يەتمەكچى بولغان شەخسى غايىسىنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ ، قىزلىرنىڭ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا ياردەم قىلسا مىنىڭچە ھەقىقىي ئۇلۇغ دادا بولىدۇ. گ ئۇنىڭ ئۈستگە ئۇ ئاۋال كەلسۈسىدە ئوغلۇم بولسا ئۇ قالتىس بىر چىشچى بولۇپ دۇنيا چىنپىيولىقىغا ئىرىشەدەپ كۆپ ئارمان قىلغان ۋە بۇنىڭ ئۈچۈ قىلمىغان ئاماللىر قالمىغان. شۇڭا ئۇنىڭدا يەنىلا ئوغۇل بالىغا بولغان ئىنتىلىش كۈچلۈك، مىنىڭچە ئۇ شەخسىيەتسىز،خالىس نىيەتلىك بولۇپ چىلىشىشنى ئۆزىنىڭ ھەققى ئۆمۈرلۈك كەسپى قىلماچى بولغانلارنى سىستىمىلىق تەربىلەپ دۇنيا چىنپىيونى قىسا تىخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىدىستانمۇ بىر دۆلەت بولغاندىن كىيىن ھەر ساھەدىكى قابىل كىشىلەرگە ئىھتىياجلىق بولىدۇ. شۇڭا قىزلىرى ئۆزى ھەقىقىي ئارزۇلىغان خىزمتنى پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن ئىشلىسىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتكە تۆھپە قوشقان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ھىدىستاندا ئاياللارنى كەمسىتىش ھەر خىل ۋاستىلەر بىلەن ئۇلارنى خورلاش، ئۇلارنىڭ ھەرخىل ھوقۇقلىرىغا دەخلى يەتكۈزۈش، ئۇلارنىڭ جەميەتتىكى رولىغا سەل قاراش مەسىلىرى ئىغىر بولسىمۇ بۇنداق ئىجدىمايى مەسىلىلەر قايسى بىر دۆلەتتە يوق. قايسى بىر خەۋەردە ئامىرىكىلىق بىر لۆكچەكنىڭ بىر كىچىك قىزغا پەسكەشلىك قىلغانلىقى خەۋەر قىلىغان نىمىدىگەن ياۋۇزلۇق ھە. بۇلارغۇ كىيىن قانۇن تورغا چۈشتى.شۇڭا بىر دۆلەتنى ئۇنداق ساپاسىزلارچە ھايۋانىستان دەپ تىللىمايلى ئامال بار ساقچىلار ياخشى قوغدىمايدىغان دۆلەتلەرگە بارمايلى. ئەگەر ئۇيەرلەرگە بىرىپ قالساق ئۆزىمىزگە چىڭ بولايلى ،يەنە بىر تەرەپتىن ھىندىستاندىمۇ سەككىز يىلدىن بۇيان ماڭالمىغان قىزىنى ئىزچىل داۋالىتىپ، ئامالنڭ بارىچە ياخشى تەربىلەۋاتقان ھىندىستانلىق دادا ، ئايالىنىڭ باشقىلاردىن سۇ سۇراپ خورلۇق تارتقىنى ئۈچۈن سەككىز سائەت ئىغىر ئەمگەكلىك خىزمەت قىلغاندىن سىرت يەنە ئۆيىدە قاتتىق ئىسسىقتا تاش - شورلۇق يەردە قۇدۇق قازغان ھىندىستانىق ئەرلەر بارغۇ ھەممىنى ئۇنداق بىر تاياقتا ھەيدىمەيلى . ئالدىنقى بىر خەۋەردە دادىسىغا ياردەمىشىپ يەر ئاغدۇرغان قىزلارنى خورلىنىپتۇ دەپ ئىنكاس يازغانلار بار ئىكەن ئەجەبا دادىسىغا ياردەنلىشىپ ئەمگەك قىلسىمۇ خورلانغانلىق بولامدۇ. ئۇلارنىڭ دادىسىمۇ سايىداپ ياتماي ئەمگەك قىلىپتىغۇ.
    ئەسىلى گىپىمىزگە كەلسەك بۇقىزلار ئۆزنىڭ ھەقىقى غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشسپ ئۆزى ئارزۇ قىلغان قىز بالىدەك تۇرمۇشتا ياشاشنى تاللىسىمۇ ئىرادىسى چىڭ بولسىلا ئارزۇسىغا يىتەلەيتتى بۇنىڭغا دادىسىمۇ ياردەم قىلىشى كىرەكتى ئەلۋەتتە. يەنە كىنوغا دىققەت قىلىدىغان بولساق كىنودا ئوقۇتقۇچى بولغان ئاياللار، رىپىر بولغان ئاياللار دۆلەتلىككۇماندىدا مەشىق قىلىۋاتقان ئاياللاربار ئىكەنغۇ. شۇنچىۋالاشۇڭا بۇ ھىدىستاندا ئاياللارنىڭ ئورنىنىڭ ئۇنچىۋالا تۈۋەن ئەمەستۇ مىنىڭچە خىزمەت،جەميەتتىكى ۋە ئائىلىدىكى ئىشلارنى قىزىقىش دائىرىسى، ئەڭ مۇھىمى مۇھىملىق دەرەجىسى بوھىچە بىر تەرەپ قىلىشنى،ئۆزىنى قوغداشنى بىلسە، ئەتراپلىق تەربىيە ئالسا يەنە بىر تەرەپتىن ئاياللىق، قىزلىق نازاكىتىنى ساقلىسا،مۇشۇ نۇر تورىدىكى قايسىدۇر بىر ماقالىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتكىنىدەك ئايال كىشى ئائىلە ۋە جەميەتتىكى ئاياللىق تەبىتىگە، ئاياللق خۇلقىغا ماس مەجبۇرىيەتنى ئۈستگە ئالسا ئەركىشى ئۈستىگە ئىلىشا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئىلىۋىلىپ ئۇلارنى مەجبۇرىيەتىنى ئادا قىلىشىتىن ۋاز كەچتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ غورۇرىنى يەرگە ئۇرمىسا، جەميەت مۇقىم، تىنىچ بولسا ئاندىن ھەر قانداق بىرئەركىشىنىڭ، شۇنداقلا جەميەتنىڭ ھۆرمىتىگە بەخت - سائادەتكە ئىرىشەلەيدۇ دەپ بايان قىلىنغان. ل تولۇستۇي «ئەركىشىگە ئوخشىماقچى ئايال كىشىگە ئوخشىماقچى بولغان ئەرگە ئوخشاش تە تۈرلىكتەۇر دەپ تولمۇ توغرا ئىيتقان. مەيىلى قايسى مىللەتتىن بولسۇن يالانغاچ بىر ئەركىشىگە قاراش ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن چىلىش نۇمۇس ئەمەسمۇ؟ بۇ نەدىمۇ ئارام بەخىش كىنو بولسۇن مۇشۇ سەۋەپتىن ھاياسىز كۆ رۈنۈشلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تولا ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ خاتىرجەم كۆرگىلىمۇ بولمايدىكەن.بۇ ھايالىق ئاياللارنىڭ كۆرىشىگە قانداقمۇ ماس كەلسۇن، ئۇنى ئاز دەپ تىخى بالىلىرىنى كىنوخەنىغا ئاپىرىپ بىللە كۆرىدىغان ئاتا-ئانىلار، مۇھەببەتلىشىۋاتقان قىز-يىگىتلەر بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغانلارمۇ بارئىكەن .ھىچ بولمىسا بىر بىرىدىن خىجىل بولماي قاقدامۇ كۆرەر. يەنە كىنوغا دىققەت قىلىساق مەملىكەتلىك ۋە خەلىقئارالىق مۇسابىقىلەردە ئايال بىلەن ئايال مۇسابىقىگە چۈستىغۇبۇ نىمە ئۈچۈن. چۈنكى تەرەقىياتى يۇقىرى يەلەرئەر- ئاياللارنىڭ فىزولوگىيەلىك شۇنداقلا يەنە باشقا پەرىقلىرىگە ئەھمىيەت بىرىدۇ ۋە شۇنداقلا ھۆرمەت قىلىدۇ. مانا يۇقارقىدەك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇكىنونىڭ مىغىزىدىن شاكىلى كۆپ ئغىر كۆرمەي مەن يازغان ئىنكاسنى تەپسىى ئوقۇپ بىقىڭلار. قالغىنىغا ئۆزۈڭلار كىنونى تەپسىلى كۆرۈپ بىقىپ، دەڭسەپ بىقىپ بىر نەرسە دەرسىلەر. كەچۈرۈڭلار گەپلىرىم سەل تاقا - تۇقا بولۇپ قالدى كەچۈرۈڭلار. تەستىقلاپ قويارسىلەر.

  • دېل3 ئاي ئىلگىرى

    مەن سالمانخان ، شاھرۇھخان ، ئامىرخاننىڭ ئىشقىلىپ قايسىسىنىڭ كىنوسى ياخشى بولسا كورىۋىرىمەن ، ئامىىرخانغا مەستانە مەن دەپ شاھرۇخاننىڭ كىنوسىنى سوكۇپ يۇرمەيمەن ، مۇشۇنداق بىر ئارتىسقا ھەۋەس قىلدېم دەپ باشقا ئارتىسلارنىڭ كىنولىرىنې ئۇ بۇ دەپ يۇردىغانلارغا ھەيرانمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号