باش بەت

مەستان

233يوللانما
1مەستانە

تويوتا ۋە ئىنتېل «ئادەمنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان» ئەقىللىق ئاپتوموبىل ياسىماقتا

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 17:00 1 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل ياساش باش شىركىتى بولغان تويوتا شىركىتى يېقىندا ئىنتېل قاتارلىق بىرنەچچە شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېڭى تىپتىكى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق» ئاپتوماتىك ھەيدىلىدىغان ئاپتوموبىلنى بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ چىقىش ئالدىدا ئىكەن.

ئاپتوماتىك ھەيدەش چوڭ سانلىق مەلۇمات بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي نامى بولسا Automotive Edge Computing Consortium ياكى قىسقىچە AECC بولۇپ، تويوتا، ئىنتېل، ئېرىكسون، ياپونىيە دېنسو ۋە NTT قاتارلىق بەش شىركەتتىن تەركىب تاپقان. بۇ بىرلەشمىنىڭ نىشانى سانلىق مەلۇماتلارنى ھەمبەھىرلەش، ئاپتوماتىك ھەيدەش ئاپتوموبىلىنىڭ «ئېكىئولوگىيەلىك سىستېمىسى»نى قۇرۇش، شۇنداقلا پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن.

تويوتا شىركىتى: «كەلگۈسىدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىللارغا بىئولوگىيەلىك سەزگۈچ ئورنىتىلىپ ئىنسانلارنىڭ ھېسىياتى ئانالىز قىلىنىدۇ، ئادەملەر بىلەن ئاپتوموبىل ئارىسىدا زىچ ئالاقە شەكىللەندۈرىدۇ. ئاپتوموبىل ئاستا-ئاستا ھەيدىگۈچىنىڭ ھەيدەش ئادىتى، كۈندىلىك ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ كۆڭلىڭىز ناھايىتى يېرىم بولسا، ئاپتوموبىل ئاپتوماتىك ھالدا ئاپتوموبىل ئۆتكۈزىۋېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ۋە سىزنى بىخەتەر ھالدا كۆزلىگەن جايغا يەتكۈزىدۇ» دېدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • غۇنچە1 ئاي ئىلگىرى

    ۋاھ بەك قالتىس بوپتۇ ھەي ھەي ھەي ھەي ھەي

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号