باش بەت

zefer

626يوللانما
35مەستانە

بىر دانە iPhone 7گە قانچە پۇللۇق زاپچاس كېتىدۇ؟ ئالما قانچىلىك پايدا ئالىدۇ؟

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 19:45 14 ئىنكاس چۈشتى

بىر دانە iPhone 7نىڭ پۈتۈش تەننەرخىنى ھېسابلاپ چىقىش ئۈچۈن بىز CNN تاراتقۇسىنىڭ 128 گىگابايتلىق iPhone 7نىڭ زاپچاسلىرىنىڭ باھاسى ھەققىدىكى مۆلچەرىدىن پايدىلىنايلى.

ئېكران: 37 دوللار

باتارېيە: 4 دوللار

فوتو ئاپپارات مودېلى: 26 دوللار

ئاساسىي تاختا: 74 دوللار

كاناي: 11.5 دوللار

سىرتقى قېپى: 22 دوللار

باشقا زاپچاس: 5 دوللار

(ئەسكەرتىش: iPhoneدىكى باشقا زاپچاسلار كىچىك تىپتىكى سېنزور ۋە ئاساسىي بەلباغ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ قىممەت بولغىنى ئېكران بىلەن ئاساسىي تاختا.)

بىر قاتار ھېسابلاش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قاتتىق ماتېرىيال تەننەرخىنىڭ تەخمىنەن 292 دوللار ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق (تەخمىنەن 1948 يۈەن).

بىراق ئۇنىڭ سېتىلىش باھاسى 500 دوللار (دۆلىتىمىزدىكى سېتىلىش باھاسى 6188 يۈەن) بولدى.

بىراق بۇنداق ھېسابلاشقا ئەلۋەتتە توپتوغرا بولمايدۇ، يانفون قاتتىق دېتالىدىن سىرت بىر يانفوننىڭ پۈتۈشى يەنە پاتېنت ھەققى، سىرتقى كۆرۈنۈشنى لايىھەلەش، مەھسۇلاتنى قۇراشتۇرۇش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق نۇرغۇن خىراجەتلەرگە مۇھتاج بولىدۇ، نوقۇل قاتتىق دېتال تەننەرخىنى ھېسابلاشقا بولمايدۇ.

يانفوننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سېتىلىش باھاسىنىڭ بۇ ماركىنىڭ پايدىسى بىلەن زور مۇناسىۋىتى بار.

قاتتىق دېتال تەننەرخىنى ھەر خىل ماتېرىياللار تەشكىل قىلىدۇ، مىقدارى كۆپ بولغان شىركەتلەرنىڭ باھادا كېلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولىدۇ، باھاسى ئەرزان بولىدۇ، ئەكسىچە بولغاندا قىممەت توختاپ كېتىدۇ .

يانفون تەننەرخىنى يەنە بەزى قېلىپ ھەققى، يۇمشاق ماتېرىيال خىراجىتى، قۇراشتۇرۇش جەريانىدىكى خوراش ھەققى، كىرا ھەققى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەلۋەتتە يەنە لايىھەلەش، تەتقىقات خىراجىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

يىغىنچاقلىغاندا، يانفون قاتتىق دېتالىنىڭ پايدىسى بارغانسېرى تۆۋەنلىدى، ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەر تەننەرخنى قىسىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بازار ئىگىلىمەكتە.

مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان كەلگۈسىدە ھەر قايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ قاتتىق دېتال پايدىسى بارغانسىرى تۆۋەنلەپ، نۇرغۇنى قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتىگە تايىنىپ پۇل تاپىدۇ.

IHS تەكشۈرۈش ئورگىنىدىن كەلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە 32 گىگابايتلىق بىر دانە iPhone 7نىڭ ماتېرىيالىنىڭ تەننەرخى 224 دوللار بولۇپ، iPhone 6S بىلەن سېلىشتۇرغاندا %18 ئاشقان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 32 گىگابايتلىق بىر iPhone 7نىڭ ماتېرىيال تەننەرخى 224 دوللار (1499.4 يۈەن) ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىدىكى ئالماشتۇرۇش تەننەرخى (ئادەم كۈچى، ياساش خىراجىتى) 5 دوللار، بىر تەرەپ قىلغۇچ 26 دوللار ئىكەن؛

ئاساسي بەلباغ، قۇۋۋەت كۈچەيتكۈچ، رادىئو چاستوتا ئەسۋابى 33.9 دوللار، باتارېيە 2.5 دوللار،BT ، GNSS ، WLAN مودېلى 8 دوللار، كامېرا 199 دوللار، ئېكران 43 دوللار ئىكەن؛

ئېلېكتىر دېتاللىرى 16.7 دوللار، Glue Logic 1.3 دوللار، سېنزور باشقۇرۇش دېتالى 18.2 دوللار، ئىچكى ساقلىغۇچ 16.4 دوللار، توك مەنبەسى 7.2 دوللار، User Interface 14 دوللار، ئوراش-قاچىلاش قۇتىسى 11.8 دوللار ئىكەن.

چەتئەل تاراتقۇسى CNNمۇ iPhoneنىڭ باھاسىنى مۆلچەرلىگەن، 128 گىگابايتلىق بىر دانە iPhone 7نىڭ تەننەرخى تەخمىنەن 292 دوللار بولسا، ئاشۇ يانفوننىڭ ئامېرىكىدىكى سېتىلىش باھاسى 750 دوللار، بۇ تەننەرخىنىڭ يانفون باھاسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %39 ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يانفون قاتتىق دېتالىنىڭ تەننەرخى يانفون باھاسىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. نېمىلا دېگەن بىلەن يەنە ئەمگەك كۈچى، تەتقىق قىلىپ ياساش تەننەرخى، سىستېما تەتقىق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك تەننەرخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئايپەد پرو3 ئاي ئىلگىرى

    مىخانىڭ سېنى نىمىدە ئېغىزلاندۇرغان بولغىتتى . ھەقىچان دوختۇرخانىدىكى ئىككى خىل تىللىقلا ئېغىزلاندۇرغان بولىشى مقمكىن ، زادى چىدىماس نەسە سەن

  • ئىز3 ئاي ئىلگىرى

    ئالما بولمىغان بولسا قالغان تىلفۇنلار مۇ ياسالمىغان بولاتتى
    ھەممىسى ئالما تقلفۇندىن دوراپ ياسالغان

  • ئۇران پىچان3 ئاي ئىلگىرى

    باللا بىر نەرسىنىڭ باھاسىنى ئۆرلىتىۋىتىدىغان ئاساسىي ئامىل قۇشۇلما قىممەت

  • ئۇران پىچان3 ئاي ئىلگىرى

    دۇنيادا بىرىنچىسى يەنىلا ئالما چۈنكى خاسلىققا ئىگە ئەمەسمۇ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىر بىرىدىن پەرقى يۇق

  • پاۋىل كارچاگىن3 ئاي ئىلگىرى

    باتارىيەسى 27كوي ئىكەن ،30ھەرپ

  • نامسىز3 ئاي ئىلگىرى

    قۇرۇق دېتاللارنى بىر بىرى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن سېستىمىسى پۇلغا يارا

  • سېتېۋ جوبىس3 ئاي ئىلگىرى

    يارايدۇ مۇشۇنداق قىممەت ساتسا ئاندىن قەدرېگە يېتىدۇ ئالمىنىڭ ئالغۇچىلىكى با جۇمۇ

  • ئوخى3 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭلاچۇ ئوپپولاچۇ ئۇنىڭدىن ئەزران چىقىدىكەنگە بىكاغا بەەىدەك زادى

  • تاماخور3 ئاي ئىلگىرى

    سىز چىكىۋاتقان 10سوملۇق تاماكىمۇ 1كويلۇق پۈتۈن چىقىم بىلەن دۇكانغا كىرىدۇ ئەمەسمۇ . باھارلىق مەھسۇلاتلار شۇنداق .
    ئەگەر شۇنداق پايدا ئالمىسا تەتقىقاتچىلىغا بىردىغان يۇقىرى سوممۇلۇق مۇئاشى نەدىن كىلىدۇ . ئالمىلا ئەمەس ھەممە مەھسۇلات شۇنداق

  • مېخانىك3 ئاي ئىلگىرى

    سامسۇڭنىڭ ئېكرانىنىڭ پۇلىغا ئالما يەتتە كېلدىكەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号