باش بەت

مەستان

245يوللانما
6مەستانە

ئامېرىكا تاراتقۇسى: ئېلون ماسكنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز تونېلى 100 يىلدا ئاران پۈتىدۇ

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 19:34 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمسى:

«قاتتىق دېتال دۇنياسىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى» دەپ نام ئالغان ماسك تۆت يىل بۇرۇن «دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز» (Hyperloop) ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، يېڭى قۇرۇلغان بىر قانچە شىركەت بۇ مەيدان سودىغا ئارقا-ئارقىدىن قوشۇلدى. لېكىن يېقىندىلا، ماسك توردا ماقالە ئېلان قىلىپ، بايراق ئاستىدىكى Boring شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق پىلاندا ئارقا كۈچ بولىدىغانلىقىنى، نيۇيورك بىلەن ۋاشىنگىتون ئارىسىدا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز لىنىيەسى قۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ماسكنىڭ كۈچلۈك تېخنىكا ئېمپىرىيەسىدىكى يېڭى يوشۇرۇن كۈچكە تولغان بازار بولۇپ قالارمۇ؟ كىشىلەر گۇمانلىنىشقا باشلىدى.

لېيفېڭ تورىنىڭ ئىگىلىشىچە، يېقىندا «بۈگۈنكى ئامېرىكا» (USA TODAY) تورى ماقالە ئېلان قىلىپ :«تېسلانىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك ئوتتۇرىغا قويغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز سۈرئەتلىك پويىز پىلانى ئۈچۈن تونېل قېزىشقا توغرا كېلىدۇ، ھازىرقى تېخنىكا ئاساسىدا تونېل قېزىشنىڭ تەننەرخى ناھايىتى يۇقىرى، ئىش پۈتتۈرۈش ۋاقتى بەلكىم 100 يىل ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

ۋاڭيى بۇ ھەقتە بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ماقالىدە: «تونېل قېزىش ماشىنىسىنى ياساش راكېتا ياساشتىن قېلىشمايدۇ. ھەتتا راكېتا قۇرۇلۇشى ئاددىيراق بولۇشى مۇمكىن» دېيلگەن.

بۇنىڭ سەۋەبى بولسا، راكېتا قۇرۇلمىسىنى ئاسان پەرەز قىلغىلى بولىدىغان ئاتموسفىرا قاتلىمى ۋە ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىلىدۇ. لېكىن تونېل قېزىشتا پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان تاغ جىنىسلىرىغا، تۇپراق، سۇ، بۇلغانمىلار ۋە سۈنئىي ماددىلارغا تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ماسك يەنە يېقىن ئەتراپتىكى قۇرۇلما ئاساسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن قانداق ساقلىنىش توغرىسىدا ئويلىنىشى كېرەك.

ئۇنىڭدىن باشقا، ماقالىدە ئانالىز قىلىنىپ: «ماسك يەنە تەننەرخ، قاتناش قاتارلىق نازارەت ئورۇنلىرىنىڭ تەستىق جاۋابىغا، تېخنىكا، ئارقا سەپ قاتارلىق كۆپ قاتلامدىكى قىيىن مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك» دېيىلدى.

ئېچىۋېتىلگەن ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، «Boring شىركىتى» 2016-يىلى يىل ئاخىرىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ماسك بۇ شىركەتكە تايىنىپ ئۆزگىچە بىرخىل قاتناشنى بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىنى ئىزدىگەن. كونكېرت ئېيتقاندا، Boring شىركىتى ۋېسكونسىن ئىشتاتىدىكى Super Excavators شىركىتىدىن دىئامېتىرى 14 ئىنگىلىزچىسى كېلىدىغان تونېل قېزىش ماشىنىسىنى سېتىۋالغان، بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ SpaceXنىڭ كالىفورنىيەگە جايلاشقان زاۋۇتى يېنىدا كاتوچكا تۆشۈكى قازغان.

نۆۋەتتە، Boring شىركىتى ئۇنىڭ پىلانىنى ئاشكارىلىمىدى. ئۇلار «بۈگۈنكى ئامېرىكا»نىڭ خەۋىرىگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. لېكىن ئۇنىڭ ئۇچرايدىغان مۇشەققىتى ھەممىمىزگە ئايان.

گەرچە گۇمانىي قاراشلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇرۇنقىدەك ئېلون ماسكقا ئىشىنىشنى تاللىدى. ئاندىرېس نوردبراند (Andreas Nordbrandt)نىڭ سۆزى بويىچە كەسىپلەر ئارىسىدا كەمتەر پوزىتسىيەدە بولۇش كېرەك، ماسكنىڭ ئىرادىسىنى بوش چاغلىغىلى بولمايدۇ، ئۇ گەرچە %100 توغرا بولمىسىمۇ لېكىن توغرا يونى تاللىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号