باش بەت

del103

3900يوللانما
19مەستانە

تەيۋەندە كەڭ كۆلەمدە توك توختىدى، iPhone ئىشلەش لىنىيەسى چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-16 23:55 1 ئىنكاس چۈشتى

ۋېيفېڭ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن تەيۋەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا توك توختايدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقالدى، جۈملىدىن تەيۋەننىڭ جاڭخۇا، لىنكۇ ۋە شىنجۇ قاتارلىق ناھىيە-شەھەرلىرى كەڭ كۆلەملىك توك توختاش ئۇقتۇرۇشى چىقاردى. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، تەيۋەندىكى 17 ناھىيە-شەھەرگە تەسىر كۆرسەتكەن تۆت سائەتكە سوزۇلغان بۇ كەڭ كۆلەملىك توك توختاش ھادىسىسى يېڭى iPhoneنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئالما شىركىتىگە مال تەمىنلەپ بېرىدىغان رىيۆگۇاڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركىتى، لىچېڭ تېخنىكا شىركىتى ۋە نەنماۋ تېخنىكا شىركىتى قاتارلىق بىر قانچە كارخانا ئىپادە بىلدۈرۈپ، تەيۋەندىكى بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك توك توختاشنىڭ قىسمەن ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى، ئەمما زاۋۇتنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە مال چىقىرىش ئىشلىرى ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى. ھازىر يۇقىرىقى ئۈچ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئەسلىگە كەلدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ مۇھىم ھەمكارلاشقۇچىسى، يېڭى ئەۋلاد iPhone دىكى A11 ئۆزەكچىسىنى مۇستەقىل تەمىنلەيدىغان تەيۋەن تەيجىدىيەن ئېلېكترونچىلىقى ئۆز كەسپىنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، iPhone نى قۇراشتۇرۇشقا مەسئۇل خېشو بىرلەشمە شىركىتىمۇ بۇ قېتىملىق توك توختاش ھادىسىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغانلىقىنى ئېيتتى.

KGI ئاكسىيەسىنىڭ تەھلىلچىسى گو مىڭچىنىڭ دېيىشىچە، iphone 8 دەسلەپكى مەزگللەردە ئىنتايىن چەكلىك مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن، 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا كەڭ كۆلەمدە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ھالىتىگە كىرىدىكەن. iphone 8 بىلەن iphone 7s ۋە iphone 7s plus قاتارلىقلار تەڭ بازارغا سېلىنىدىكەن، ئەمما دەسلەپكى مەزگىللىك ئىشلەپچىقىرىلىش مىقدارى چەكلىك بولىدىكەن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • قارقاش ئوغلى3 ئاي ئىلگىرى

    4 سائەت توك توختىغانغا قانچىلىك تەسىر كۆرسىتەتتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号