باش بەت

Silver

30يوللانما
2مەستانە

ئېلون ماسكنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز»ىنىڭ تەرەققىيات تارىخى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 00:04 1 ئىنكاس چۈشتى

2013-يىلى مەشھۇر كارخانىچى، تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋە ئامېرىكا ئالەم بوشلۇقىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش تېخنىكىسى شىركىتى SpaceX قاتارلىق ئىككى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك (Elon Musk) يەنە بىر دادىل تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى: ماگنىتلىق لەيلىمە كۈچ ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىزنى ۋاكوئۇملۇق كاپسۇلدا ماڭغۇزۇش ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز ساياھەت قىلىش» ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. بۇ خىل ئەڭ يېڭى قاتناش قورالى سىستېمىسى «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز» (Hyperloop) دەپ ئاتالدى. بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېلون ماسك مەزكۇر دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىزنىڭ تولۇپ-تاشقان يوشۇرۇن كۈچى ھەمدە ئۇنى سودا خاراكتېرلىك ئىشلىتىش جەريانىدا دۇچ كېلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى. نۆۋەتتە شەرۋىن پىشەۋار (Shervin Pishevar)نىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز بىر» (Hyperloop One) شىركىتى ۋە دىرك ئالبورن (Dirk Ahlborn)نىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز قاتنىشى تېخنىكىسى» (Hyperloop Transportation Technologies) شىركىتى قاتارلىق بۇ ئىككى شىركەت ئېلون ماسكنىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز ئۇقۇمىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئەڭ يېقىنلاشقان كارخانىلار بولۇپ قالدى.

ئېلون ماسك بۇ يىل 7-ئايدىكى بىر سۆزىدە ئۆزىنىڭمۇ مەزكۇر سىستېمىنى ياساۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئاللىقاچان «ھۆكۈمەتنىڭ ئاغزاكى تەستىقىنى ئېلىپ بولغان»لىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئەمما، ئەمەلىيەت شۇكى، ئېلون ماسك «ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق قاتناش» ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان كىشى ئەمەس. خۇددى io9 تاراتقۇسىنىڭ كۆرسىتىپ ئۆتكىنىدەك، دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز ئۇقۇمى بولسا 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىلا بارلىققا كەلگەن، ئاشۇ چاغدا ئىنسانلار دۇنيادىكى تۇنجى سۈنئىي ۋاكوئۇم تۇرۇبىسىنى ئىجاد قىلغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىنلا مەزكۇر يېڭى تېخنىكىنىڭ ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى ھەققىدە تەتقىقاتلار ۋە پەرەزلەر ئۈزۈلمەي بارلىققا كېلىشكە باشلىغان، ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندە لايىھەلىگۈچىلەر ئاندىن «يەر ئاستى تېز سۈرئەتلىك قاتناش سىستېمىسى» ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق تېخنىكا تاراتقۇسى BI يېقىندا ئېلون ماسكنىڭ بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز ئۇقۇمىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى قايتا ئەسلەپ ئۆتتى، بىزمۇ تۆۋەندە بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.


1799-يىلى كەشپىياتچى گېئورگې مېدھۇرست (George Medhurst) مۇنداق بىر ئىجادىي تەسەۋۋۇرنى تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويدى: ھاۋا ئېقىمىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق نەرسىلەرنى چۆيۈندىن ياسالغان تونېل ئىچىدە توشۇش. 1844-يىلى ئۇ مەزكۇر تەسەۋۋۇرىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە لوندون شەھىرىدە بىر پويىز ئىستانىسىسى قۇردى، ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 1847-يىلى ئۇ ئاندىن ھاۋا بېسىمىغا تايىنىپ ھەرىكەت كۈچى ھاسىل قىلىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا لوندون، پارىژ ۋە دۇبلىن قاتارلىق شەھەرلەردە ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۆمۈر يوللار ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە لوندوندىكى ھاۋا بېسىمى تىرانسىپورت سىستېمىسى شىركىتى ئەسلىدە يۈك تىرانسىپورتى ئۈچۈن قۇرۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ شىركەت يېتەرلىك زورايغاندىن كېيىن يولۇچىلار تىرانسىپورتى ساھەسىگىمۇ قەدەم قويالايدىغان ھالەتكە يەتتى. ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىملىق ھاۋا بېسىمى تىرانسىپورت سىستېمىسىدا يولۇچىلارنى توشۇش ئەمەلگە ئاشقان ئاشۇ كۈنى بۇ ئەھمىيەتلىك كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇككىڭھام سارىيىنىڭ كېنەزى ئۆزى بۇ پويىزغا ئولتۇردى. ئەينى چاغدا فىرانسىيەلىك مەشھۇر ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى ژىيۇل ۋېرن (Jules Verne)نىڭ «20-ئەسىردىكى پارىژ» ناملىق ئەسىرى نەشىردىن چىقتى، بۇ ئەسەردە يازغۇچى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن ۋە ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى دېڭىز ئاستى كاپسۇللۇق پويىزى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.


19-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، لوندوننىڭ جەنۇبىدىكى خىرۇستال ئوردا باغچىسىدا 92 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى بۇ باغچىنى كېسىپ ئۆتىدىغان «خىرۇستال ئوردا ھاۋا بېسىمى تۆمۈر يولى تىرانسىپورت سىستېمىسى» قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ سىستېمىدا دىئامېتىرى 6.7 مېتىر كېلىدىغان غايەت زور بىر شامالدۇرغۇچ مەزكۇر پويىزنى ئىتتىرىپ ماڭدۇراتتى. مېڭىش جەريانىدا شامالدۇرغۇچنىڭ چاقپەلەكلىرى تەتۈر ئايلىنىش ئارقىلىق، پويىزنى ھەر خىل يۆنىلىشلەرگە بۇرىيالايتتى.


1870-يىلىدىن 1873-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا «ساھىل ھاۋا كۈچى تىرانسىپورتى شىركىتى» (Beach Pneumatic Transit) نىيۇيورك شەھىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرى بولغان مانخاتتون رايونىدا تىجارەتكە كىرىشتى، ئۇ نىيۇيورك شەھىرىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مېترودىن ئىبارەت. بۇ سىستېمىنى ئالفىرېد ئەلىي بىيچ (Alfred Ely Beach) لايىھەلىگەن بولۇپ، مەزكۇر سىستېمىدا پەقەت بىرلا ۋاگون ۋە بىرلا بېكەت بار ئىدى، بۇ سىستېمىدا ھاۋانى پىرىسلاپ بېسىم ھاسىل قىلىش شەكلىدە ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىنىپ، بۇ ئارقىلىق پويىز ھەرىكەتلەندۈرۈلەتتى.


19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان چوڭ شەھەرلەردە ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق كاپسۇل شەكىللىك تۇرۇبىدا پوچتا يوللانمىلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى توشۇش سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتى، بۇ خىل سىستېما ھازىرمۇ بانكا، دوختۇرخانا ۋە زاۋۇت قاتارلىق بەزى ئورۇنلاردا ئىشلىتىلمەكتە. 20-ئەسىرتنىڭ 60-يىللىرىدىن باشلاپ ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى (NASA)مۇ ھاۋا بېسىمى تۇرۇبا تىرانسىپورت سىستېمىسىنى ئىشخانا ئىچىدىكى تېز سۈرئەتتە ئۇچۇر يەتكۈزۈش قورالى سۈپىتىدە ئىشلەتتى ۋە بۇنى تاكى 2011-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى. مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى ماكدونالد زەنجىرسىمان دۇكانلىرى مەزكۇر سىستېمىنى تېخى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە ھەتتا خېرىدارلارغا ھامبۇرگ بولكىسى ۋە ياڭيۇ قەلەمچىسى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئىشلەتكەن ئىدى.


1910-يىلى، ئامېرىكىلىق ئېنژىنېر، پىروفېسسور، فىزىكا ئالىمى ۋە كەشپىياتچى، شۇنداقلا سۇيۇق ئېنېرگىيەلىك راكېتانى كەشىپ قىلغۇچى روبېرت گوددارد (Robert Goddard) بىر خىل پويىزنى لايىھەلىدى، ئۇنىڭ بۇ پويىزى بوستوندىن نىيۇيوركقىچە بولغان 346 كىلومېتىر مۇساپىنى پەقەت 12 مىنۇتتىلا تاماملاپ بولاتتى. گەرچە بۇ پويىز پەقەت لايىھە سۈپىتىدە قەغەز يۈزىدىلا قېلىپ، ئەمەلىيەتكە ئايلىنالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پويىز ماگنىتلىق لەيلىمە مەيداندا ۋە ۋاكوئۇملۇق تونېل ئىچىدە لەيلەپ ماڭىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز ئۇقۇمىنىڭ تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىدى.


20-ئەسىر كىرگەندىن بۇيان ئالىملار ۋە ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى قاتناش سىستېمىسى ئاللىقاچان ئېلون ماسكنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز» ئۇقۇمىغا ناھايىتى يېقىنلاشقان ئىدى. مەسىلەن ئېيتساق، 1956-يىلى ئېلان قىلىنغان ئىلمىي فانتازىيەلىك ھېكايە «قوش يۇلتۇز»دا، ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى روبېرت ھېينلېين (Robert Heinlein) «ۋاكوئۇم تۇرۇبا» (vacutubes) دەيدىغان كاپسۇللۇق تونېلدا ماڭىدىغان ئالاھىدە تېز پويىز ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ دەسلىپىدە، ماسساچۇستېس تېخنولوگىيە ئىنىستىتۇتى (MIT)دىكى تەتقىقاتچى خادىملار بىر خىل ۋاكوئۇملۇق تۇرۇبا يولى شەكلىدىكى تونېلدا قاتنايدىغان پويىز تىرانسىپورت سىستېمىسىنى لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، مەزكۇر لايىھەدىكى پويىز نيۇيوكتىن بوستونغىچە بولغان 190 ئىنگىلىز مىلى (تەخمىنەن 306 كىلومېتىر) مۇساپىنى پەقەت 45 مىنۇتتىلا بېسىپ بولالايتتى. ئېلون ماسكنىڭ پىلانىغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان تەرىپى شۇكى، مەزكۇر لايىھەدىمۇ ماگنىتلىق رېلىس تەلەپ قىلىناتتى.


21-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قاتناش ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان ET3 شىركىتى بىر خىل ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ماگنىتلىق رېلىستا لەيلەپ ماڭىدىغان پويىز ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە لايىھەلىدى، بۇ لايىھەنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئاپتوموبىل چوڭلۇقىدىكى بىر پويىز ۋاگونى بوشلۇققا ئورنىتىلغان تۇرۇبا شەكلىدىكى كاپسۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا لەيلەپ ماڭاتتى.


2010-يىلى مەيدانغا كەلگەن Foodtubes تۈرىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان لايىھە ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر لايىھەدىكى قاتناش سىستېمىسىدا پويىز يولى تونېل شەكلىدە يەر ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىقى يېمەكلىكلەرنى توشۇشقا ئىشلىتىلگەن، بۇ مەزكۇر سىستېمىغا نېمە ئۈچۈن «تاماق تۇرۇبىسى» مەنىسىدە ئىسىم قويۇلغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىدى. مەزكۇر سىستېمىدا كونسېرۋا قىلىنغان يېمەكلىكلەر سائىتىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 96 كىلومېتىرلىق سۈرئەتتە توشۇلاتتى. ئەنگىلىيەدە 1.6 كىلومېتىر Foodtubes سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەككىز مىليون ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت كېتىدىغانلىقى ھېسابلاپ چىقىلغان، مەزكۇر سىستېما ھازىرغىچە پەقەت ئۇقۇم لايىھەسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ تۇرماقتا.


ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئېلون ماسك 57 بەتلىك بىر پارچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز» (Hyperloop) ئۇقۇمىنى رەسمىي ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ لايىھەسى بويىچە بولغاندا، ھىم ئېتىلگەن ھەر بىر ۋاگونغا 28 ئادەم سىغىدۇ، بۇ پويىزغا ئولتۇرۇپ نيۇيوركتىن ۋاشىنگىتونغا بېرىشقا پەقەتلا 29 مىنۇت كېتىدۇ، بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئارىلىقى بولسا تەخمىنەن 226 ئىنگىلىز مىلى (تەخمىنەن 364 كىلومېتىر).


ئېلون ماسكنىڭ بۇ ئاجايىب دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز ئۇقۇمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر قانچە شىركەت ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى بولغان «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز تىرانسىپورت تېخنىكىسى» (Hyperloop Transportation Technologies) نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدا سەككىز كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز سىناق يولىنى ياسىماقتا. بۇ قۇرۇلۇش تۈرى 2016-يىلى باشلانغان بولۇپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ نىشانى بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتىنى 1223 كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش.


2017-يىلى 7-ئايدا، «دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز بىر» (Hyperloop One) نامىدىكى يەنە بىر شىركەتمۇ ئامېرىكا نېۋادا ئىشتاتىدا ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلدى. مەزكۇر سىستېمىدا ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ پويىزنىڭ نۆۋەتتىكى سائەتلىك ئەڭ يۇقىرى تېزلىكى 112 كىلومېتىرغا يەتتى، بۇ شىركەتنىڭ نىشانى بولسا ئەڭ ئاخىرىدا بۇ تېزلىكنى 400 كىلومېتىر/سائەتكە يەتكۈزۈش.


بىر تۈركۈم جۇڭگو ئالىملىرى سۇ ئاستىدا ماڭىدىغان ۋە ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان بىر خىل دەرىجىدىن تاشقىرى پويىز ئۇقۇمىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. 2017-يىلى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى مەزكۇر دېڭىز ئاستى تۆمۈر يول سىستېمىسى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ سىستېمىدا پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرئىتى 1996 كىلومېتىرغا يېتىدىغان بولۇپ، ئېلون ماسكنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىزىدىن كۆپ تېز.


بۇ بىر قاتار ئۇقۇم ۋە لايىھەلەرنى يىغىپ كەلگەندە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئورتاق كۈچ چىقىرىپ تەتقىق قىلىش ئارقىسىدا قاتناش تىرانسىپورت ساھەسىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىۋېتىدىغان رەسمىي دەرىجىدىن تاشقىرى تېز پويىز سىستېمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە كۆپ ۋاقىت قالمىغان بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
  • شاپاق كاللا ، تاز گەدەن1 ئاي ئىلگىرى

    يەنەبىر مەزمۇندا بۇتۈرگە يەنە 100 يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ تۇغۇ ،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号