باش بەت

رۇشەن

2562يوللانما
68مەستانە

دىدى ۋە SoftBank گۇرۇھى Uberغا 12 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن

مەنبە:نۇقتا تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 10:33 0 ئىنكاس چۈشتى

Technode تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ 8-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Uber ھازىر تۆت مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەبلەغ سېلىش ئىشى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىملىق كۆلىمى 12 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان سودا ئاخىرىدا ئىككى نەپەر مۇدىرىيەت ئەزاسىنىڭ سوتتا تالاش-تارتىش قىلىشى سەۋەبىدىن توختاپ قالدى.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىملىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بەلكىم ياپونىيەنىڭ SoftBank گۇرۇھى ۋە جۇڭگونىڭ ۋېلىسپىت ھەمبەھر سەپەرگە چىقىش بويىچە ماگناتى دىدى شىركىتى، شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى شىركەتلىرىدىن Dragoneer مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى ۋە ئامېرىكا فان ئاتلانتىك ئوكيان مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى قاتارلىقلاردىن كېلىدىكەن، گولدمان ساكس گۇرۇھى ھازىر Uberنىڭ يوشۇرۇن سودىسى ئۈچۈن مەسلىھەت بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تېڭشۈن پاي كونترولىنىڭمۇ بۇ نۆۋەتلىك مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە قاتنىشىش مەقسىتى بار.

ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى مەبلەغ سېلىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نۆۋەتتىكى Uberنىڭ پايچىكلىرىنىڭ ئىلكىدىكى پاينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىكەن. بۇنىڭغا سېلىنىدىغان مەبلەغ 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىكەن، كونكرېت سودا سوممىسى نۆۋەتتىكى پايچىكلارنىڭ ئارزۇسىغا باغلىق ئىكەن. بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، SoftBank گۇرۇھى Uberنىڭ  مۆلچەر قىممىتىنى 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن 45 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچىلىك دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن بىر قىسىم دەسلەپكى پايچىكلار Uberنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەپ قارايدۇ. يېڭى كۆپەيگەن مەبلەغ سېلىش كۆلىمى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 1.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ، سودا پۈتكەندىن كېيىن SoftBank گۇرۇھى بىر قىسىم مۇدىرىيەت ئورنىغا ئىگە بولىدۇ.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، Uberغا ئالاقىدار  سەتچىلىكلەر ئۈزۈلمىدى، ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى تىراۋىس كالانىكنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمانلاندى ھەمدە ئۇنىڭ شىركەت مۇدىرىيىتىدىن چېكىنىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدى. گەرچە تىراۋىس كالانىك CEOلۇق خىزمەت ئورنىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن شىركەت مۇدىرىيىتىدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىپ چىقمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يەنە Uberغا قايتىپ قېلىشى مۇمكىن.  يېڭى مەبلەغ سالغۇچى تەرەپ قوشۇلغاندىن كېيىن، بەلكىم Uberنىڭ شىركەت مۇدىرىيىتىنىڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى نەپەر ئەزاسىنى تەيىنلەش ھوقۇقى بار بولۇشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号