باش بەت

مەستان

233يوللانما
1مەستانە

ئېلون ماسك قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ئاق ساراي مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى تارقىتىۋېتىلدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 12:05 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ «ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن ئۈستۈن» نەزەرىيەسىگە تەنبىھ بەرگەن ئېلون ماسك ۋە تىراۋىس كالانىك قاتارلىق تېخنىكا پىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاق ساراينىڭ ئىككى مۇھىم مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى يېقىندا تارقىتىۋېتىلگەن، بۇ ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى بىلەن ئىستىراتېگىيە ۋە سىياسەت مۇنبىرى. ئىستىراتېگىيە ۋە سىياسەت مۇنبىرىنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ تاراتقۇلارغا دېيىشىچە، ئۇلار تارقىلىش ئارقىلىق چوڭ تەسىر ئېلىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن: «ئەمدى مۇھىم پىكىر نۇقتىسى بولمايدىغان بولدۇق، ھەممىسى ئاخىرلاشتى».

بۇنىڭغا قارىتا، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ھېساباتىدا بۇ ئىككى كومىتېتنىڭ تارقالغانلىق خەۋىرىنى ئۇقتۇردى. ئۇ: «ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى مەسلىھەتچىلەر ھەيئىتى ۋە ئىستىراتېگىيە ۋە سىياسەت مۇنبىرى ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلەتكەندىن كۆرە ئۇلارنى تارقىتىۋېتىشنى تاللىدىم. ھەممىڭلارغا رەھمەت!» دەپ يازدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى ھەيئەتنىڭ ئەزالىرى ھەر قايسى كەسىپتىن كەلگەنلەر بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا كىرىمنىي جىلغىسىدىن كەلگەن بىرنەچچە چوڭ كارخانىنىڭ كاتتىباشلىرى بار ئىكەن. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئېلون ماسك ۋە تىراۋىس كالانىكتىن باشقا، ئىنتېل، IBM، دېل قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى باشقۇرغۇچىلىرىمۇ بۇ ھەيئەتكە قاتناشقان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى ھەيئەت قۇرۇلغاندىن تارتىپلا كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىگە ئۇچراپ كەلگەن، ماسك بىلەن كالانىك ئىككى ئاي بۇرۇنلا ئايرىلىپ چىقىشنى ئويلىغان، لېكىن ھەقىقىي ئايرىلىش ئېقىمى مۇشۇ ھەپتىدىكى تىرامپنىڭ «ئاق تەنلىكلەر ھەممىدىن يۇقىرى» نەزەرىيىسىگە قارىتا ئېلان قىلغان پوزىتسىيەسى ئېنىق بولمىغان باياناتىدىن كېيىن باشلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىنتېلنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى برىين كىرزانىك دۈشەنبە كۈنىلا ھەيئەت ئەزالىقىدىن ئىستېپا بەردى ۋە «سىياسەت ئامېرىكا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىنى قايتا قۇرۇش ۋەزىپىسىنى چەتلەشتۈرىۋەتتى» دەپ كۆرسەتتى.

بۇ ئىككى ھەيئەتنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، تىرامپنىڭ تېخنىكا ساھەسىگە بولغان سىناق خاراكتېرلىك ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号