باش بەت

del103

3764يوللانما
9مەستانە

سامسۇڭ S8 يانفونى 2-پەسىلدىكى ئەڭ بازارلىق ئاندىرويد يانفونىغا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 12:18 6 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Strategy Analytics تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ 2-پەسىلدىكى يەر شارى ئەقلىيفون بازىرىدا ئۆزىنىڭ Galaxy S8 يانفونى ئەڭ كۆپ سېتىلغان ئاندىرويىد يانفونىغا ئايلانغانلىقىنى جاكارلىغان.

سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ 2-پەسىلدە يەر شارى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ %22.1نى ئىگىلەپ، 1-ئورۇنغا چىققان. بۇندىن باشقا، سامسۇڭنىڭ كونا رەقىبى ئالما شىركىتى %11.4لىك بازار ئۈلۈشىگە تايىنىپ سامسۇڭدىن قالسىلا 2-ئورۇندا تۇرغان. جۇڭگو كارخانىلىرىدىن خۇاۋېي، OPPO، شياۋمىلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %10.7، %8.2 ۋە %6.4لىك بازار ئۈلۈشى بىلەن 3-، 4-، 5-ئورۇنغا تىزىلغان.

Strategy Analytics نىڭ دېيىشىچە، 2-پەسىلدە يەر شارى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 360 مىليون دانىگە يەتكەن.

مەھسۇلات بويىچە تۈرگە ئايرىغاندا، سامسۇڭ Galaxy S8 ۋە S8 Plus يانفونلىرىنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 10 مىليون 200 مىڭ ۋە توققۇز مىليون دانىگە يەتكەن، شۇنداقلا 2-پەسىلدىكى يەر شارى ئەقلىيفون بازىرىنىڭ %2.8 ۋە %2.5ىنى تەشكىل قىلغان.

ئالما iPhone 7 ۋە 7 Plus يانفونلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 16 مىليون 900 مىڭ ۋە 15 مىليون 100 مىڭ دانە سېتىلغان، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ بازارغا ئەقلىيفونغا ئايلانغان. بۇ ئىككى خىل يانفون ئەقلىيفون بازىرىنىڭ %4.7 ۋە %4.2نى قاپلىغان.

شىياۋمىنىڭ خوڭمى 4A يانفونىنىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بولۇپ، تەخمىنەن بەش مىليون 500 مىڭ دانە سېتىلىپ، بازار ئۈلۈشى %1.5 بولغان.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئۆمەرجان1 ئاي ئىلگىرى

    ھەي بەك ئادەمنى ئاۋارە قىلدى سامسۇڭ+s8قا سۇ ئۆتۈپ ھازىر ساق بىر ئاي بولدى قولۇمدا يەنلا ئلىمىزئى يان تىلفۇنى ئوپو با بىر ئاي ساق ئشلەتكەن بولسام نىمىمۇ دە بولغۇيدۇم ئست نىمىشقىمۇ ئالغان بولغۇيدۇم بۇ سامسۇڭنى نەچچە يىل سامسۇڭ ئشلىتىپ بۇقىتىمقىدەك زىرىكمىگەن

  • 1 ئاي ئىلگىرى

    سىتىلماي بىسلىپ قالدى ، ئىكراندىن مەسلە چىقتى ، پاتىلاپ كەتتى ،
    ھەممىسى ئالمىنىڭ ئاخماس ئېلانى ،

  • ئەسمەتخان1 ئاي ئىلگىرى

    ئالاھىدىلىكىنى سۆزلىمەپتۇ ئالايمىكى دەۋاتسام

  • ساسكى1 ئاي ئىلگىرى

    شۇڭا خەۋەرلەرگە ھە دەپلا قويغۇلۇق
    بۇگۇنى ئۆلۇپتۇ دەيدۇ ئەتىسى ۋاي ئۆلمەپتۇ ساپساقكەن دەي دۇ ئۆگۇنى ۋاي ئۇنداق ئەمەسكەن ئۇنىڭ دادىسى ئۆلەپتىكەن ئەسلى دەيدۇ ئىش قىلىپ سەل ئادەمنىڭ بىر يەلىرىنى قوداڭشىتىدۇ

  • قادى لەغمەن1 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ ئالاي دىگەن باھاسىغا قارىسام ھەييييييييي مەبلەغ يىتىشمەيدىكەن شۇڭا s7edge دىن بىرنى ئالدىم نىمىشقا بالدۇراق ئالمىغاندىمەن شۇنداق ياخشى چىقتى

  • ئويلان1 ئاي ئىلگىرى

    ئۆتكەندە تىخى سىتىلماي بىسىلىپ قالدى دەۋاتا
    تتى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号