باش بەت

ئەخمەتجان

3424يوللانما
62مەستانە

ئەنگلىيەدە مۈشۈك ئوغرىلىرىنىڭ سانى ئاۋۇپ قالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 16:07 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ياشلار تورى خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى مۈشۈك ئوغرىلاش دېلوسىنىڭ سانى %40 ئاشقان. ساقچى تارماقلىرىنىڭ خاتىرىسىگە قارىغاندا، چولپانلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ساپ نەسىللىك باڭلادىش مۈشۈكى ۋە ئەنگلىيەدە كۆپ ئۇچرايدىغان قىسقا يۇڭلۇق مۈشۈكنىڭ ئوغرىلىنىش قېتىم سانى باشقا مۈشۈكلەرگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ يۇقىرىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا رۇسىيە كۆك مۈشۈكى ۋە سىئام مۈشۈكىكەن. ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە، ساپ نەسىللىك مۈشۈكلەرنىڭ باھاسى ناھايىتى قىممەتكەن. باڭلادىش مۈشۈكى، رۇسىيە كۆك مۈشۈكى، سىئام مۈشۈكى قاتارلىقلارنىڭ ئاسلىنىنىڭ باھاسى 3012 يۈەندىن ئاشىدىكەن، شۇڭ بۇ مۈشۈكلەرنىڭ ئوغرىلىنىش نىشانى بولۇپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالمىسىمۇ بولىدىكەن. مۈشۈكلەر ئوغرىلانغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا باشقا جايغا سېتىۋېتىلىدىكەن ياكى باشقا مۈشۈكلەر بىلەن جۈپلەشتۈرۈپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن.

مۈشۈك ئوغرىلاش دېلوسى ئەڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان جايلار ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندون، كېنت ۋىلايىتى ۋە غەربىي يورك ۋىلايىتىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئوغرىلانغان %18 مۈشۈكنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قايتۇرۇپ كېلىدىكەن. شۇ جايدىكى ھايۋانلار سۇغۇرتىسى شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى 261 مۈشۈك ئوغرىلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ساقچى ئىدارىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىلىپتۇ، بۇ سانى 2014-يىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 186 دانە ئاشقان بولۇپ، ئېشىش نىسبىتى %40 كە يېتىپتۇ. يەنە بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئوغرىلىنىپ باشقا يەرلەرگە سېتىۋېتىلگەن مۈشۈكلەرنىڭ سانى بۇ سانغا يەتمەسلىكى مۇمكىنكەن. ئۆتكەن 12 ئايدا، تەخمىنەن قورامىغا يەتكەن 360 مىڭ كىشى ئۆزىنىڭ مۈشۈكىنى ئوغرىلانغان بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلغان. ئىككى ساننىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇنچە زور پەرق بولۇشىدا مۇنداق ئىككى سەۋەب باركەن. بىرىنچىدىن، مۈشۈكنىڭ تۇرغان-كەتكەن جايىنى بىلگىلى بولمىغاچقا، بىر قىسىم كىشىلەر مۈشۈكىنى يوقاپ كەتتى دەپ ئويلاپ قالىدىكەن، ئوغرىلاندى دەپ ئويلىمايدىكەن؛ ئىككىنچىدىن، مۈشۈكىنى يوقىتىپ قويغان نۇرغۇن كىشىلەر ساقچىغا مەلۇم قىلمايدىكەن.

چەتئەلدە مۈشۈككە ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنغاچقا، ئۇلارنىڭ يوقاپ كېتىشى ياكى ئوغرىلىنىشى شۇ ئائىلە ئۈچۈن قاتتىق زەربە بولىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، مۈشۈكلەرنىڭ ئوغرىلىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، مۈشۈك ئوغرىلىرىغا بۇ مۈشۈكلەرنىڭ پىچىۋېتىلگەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىز قوغلىغۇچنىڭ ئېسىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەككەن. شۇنىڭدەك، كۆپ قىسىم كىشىلەرگە مۈشۈكى يوقاپ كەتكەن ياكى ئوغرىلىنىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مۈشۈكنىڭ ئوغرىلارغا «دۈشمەن» بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش لازىمكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号