باش بەت

تۇرغۇنجان ئەرشىدىن

569يوللانما
1مەستانە

بۇ يىل 2-پەسىلدە دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ سېتىلغان يانفون يەنىلا iPhone 7

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 18:12 4 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تېخنىكا قانىلى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بازار تەتقىقات شىركىتى Strategy Analytics ئېلان قىلغان دوكلاتتا دېيىلىشىچە، گەرچە سامسۇڭ Galaxy S8 خېلى زور داغدۇغا قوزغىغان بولسىمۇ، بىراق 2-پەسىلدە سېتىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغىنى يەنىلا iPhone 7 بولغان.

بۇ يىل 2-پەسىلدە iPhone 7نىڭ مال چىقىرىش مىقدارى 16 مىليون 900 مىڭ دانە بولۇپ، iPhone 7 Plusنىڭ بولسا 15 مىليون 100 دانىغا يەتكەن. بۇ ئىككى ئۈسكۈنە سېتىلىش مىقدارى رەت تەرتىپىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئورنىدا قىمىرلىماي ئولتۇرغان، ئۇلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا %5 ۋە %4لىك بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىگەن.

بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، Galaxy S8نىڭ 2-پەسىلدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 10 مىليون 200 مىڭ دانە (4-ئاينىڭ 21-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنغان) بولغان، ئېكرانى تېخىمۇ چوڭ بولغان +S8دىن 9 مىليون دانە سېتىلغان. شياۋمى خۇڭمى 4A يانفونى 4-ئورۇنغا تۇرغان بولۇپ، 2-پەسىلدىكى مال چىقىرىش مىقدارى 5 مىليون 500 مىڭ دانە بولغان. 

2-پەسىلدىكى يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ۋە بازار ئۈلۈشى


تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىنى شۇكى، 2-پەسىلدە دۇنيادىكى ئەقلىيفونلارنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى ئاشقان، بۇلتۇرقى 341 مىليون 500 مىڭ دانىدىن بۇ يىل 360 مىليون 400 مىڭ دانىغا ئۆرلىگەن.

ئالما بىلەن سامسۇڭنىڭ مال چىقىرىش مىقدارى كەسىپ ئىچىدىكى قىزىق نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، بۇلتۇر 9-ئايدا بازارغا چىققان iPhone 7 يېرىم يىل سېتىلغان بولسىمۇ مال چىقىرىش مىقدارى يەنىلا ئازلاپ قالمىغان، ئالمىنىڭ تەسىر كۈچىنى ھەقىقەتەن سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. كېيىنكى ئايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك رىقابەت باشلىنىدۇ، سامسۇڭ يېڭى كوزۇر مەھسۇلات Note 8نى ئېلان قىلىدۇ، ئالما يېڭىدىن ئۈچ خىل مەھسۇلاتنى بازارغا چىقىرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئون يىللىق خاتىرە ئەھمىيىتىگە ئىگە iPhone 8گە پۈتۈنلەي يېڭى لايىھە قوللىنىلماقچى، بىراق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىكى چەكلىمىلىك تۈپەيلى، بۇ مەھسۇلاتنىڭ باھاسى 1000 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا بۇ رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك ئېرىشىشى تەسكە توختايدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 064371 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ئەمدى Iphone 7s 。 Iphone7s plus 。دىگندەكلەرنى چىقىرىدۇ دىمەكچى

  • tajdar1 ئاي ئىلگىرى

    مۇشۇ ئالمىنىڭ كاللىسىدا بىرئاز سۈيى بارمىكىن دەيمەن، مەيەدە iphoni 7 iphoni 7plus بىرىنچى ئىككىنچى بولدى دەيدۇ،
    9 -ئايدا ئالما 8 يەنەiphoni 7 iphoni 7plus نى بازارغا سالمىز دەيدۇ، بۇ iphoni 7 لەر بىلەن ئۇ iphoni 7

  • مۇساپىر1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما ھامان ئالمىدە، ئالما مەڭگۈ ھەممىدىن ئۈستۈن تورىدۇ

  • مېھمان1 ئاي ئىلگىرى

    ئالما تېلىفۇننىڭ سېتىلىشى بىرىنجى ھە بەك قالتىس مەن ئالما 6+ئىشلىتىۋاتىمەن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号