باش بەت

باسمىل

194يوللانما
9مەستانە

پولشادىكى قارا بوراندا نەچچە تۈمەن تۈپ دەرەخ ۋەيران بولدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 18:26 0 ئىنكاس چۈشتى

 يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

فىرانسىيە «فىگارو» گېزىتىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پولشادىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، يېقىندا چىققان قارا بوراندا نەچچە تۈمەن تۈپ دەرەخنىڭ ۋەيران بولۇپ، پولشا ئورمانچىلىقىغا تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىز زىيان سالغانلىقىنى ئېيتقان.

16-چېسلا، پولشا ئورمانچىلىق تارمىقىنىڭ مەسئۇلى كونراد تومازېۋسكى (Konrad Tomaszewski) پايتەخت ۋارشاۋادا تاراتقۇلارغا: «بۇ نۆۋەتلىك قارا بوراندا زىيانغا ئۇچرىغان ئورمان زاپىسى 8 مىليون 200 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، بۇ پولشادا بىر يىل كېسىلگەن ئورمان (38 مىليون كۇب مېتىر) نىڭ 41 قىسىمىغا تەڭ. مۆلچەرىمىزچە بۇ دەرەخلەرنى تازىلاش ۋە يېڭىدىن كۆچەت تىكىش ئۈچۈن 2 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ھايۋانلارغا، بولۇپمۇ قۇشلارغا ماكان راسلاش ئۈچۈن نەچچە ئون يىل كېتىشى مۇمكىن» دېگەن. تېلېۋىزوردا قويۇلغان ئايروپىلاندىن تارتقان سۈرەتلەردىن، بوراندا يىقىلغان دەرەخلەرنىڭ خۇددى كۆيۈپ تۈگىگەن سەرەڭگە تاللىرىدەك يېتىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن.

ئورمانچىلىق باياناتچىسى ئاننا مالىنوۋسكا (Anna Malinowska) مۇ: قارا بوران نەچچە سائەتتە ۋەيران قىلغان ئورمانلىقتا يېڭىدىن ھاياتلىق پەيدا قىلىپ، ئەسلىدىكى ھالىتىگە ئەكىلىش ئۈچۈن 80 يىلدىن 100 يىلغىچە ۋاقىت كېىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号