باش بەت

مەستان

228يوللانما
1مەستانە

قىممەتلىك سومكىلارنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىيالايدىغان سۈنئىي ئىدراك بارلىققا كەلدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 19:30 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

سۈنئىي ئىدراك نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايدۇ، مەسىلەن مۇرەككەپ ھېسابلاش، نەرسە ۋە ئاۋاز تونۇش، ماشىنا ئادەملەرنى ئۆز ئالدىغا خىزمەت قىلدۇرۇش، شۇنداقلا دۇنيا شاھمات چېمپىيونىنى يېڭىش قاتارلىقلار. كەلگۈسىدىكى ئىلغار سۈنئىي ئىدراك ھەتتا ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىدۇ ھەم ئۆگىنىش قىلالايدۇ، ھەرگىزمۇ ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بىلەن تەمىنلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرمايدۇ.

ھازىرغا قايتىپ كەلسەك، تەرەققىي قىلىۋاتقان سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ھەر قايسى ساھەلەردە ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ، مەسىلەن نيۇيورك ئۇنۋېرسىتېتى يېقىندا تەتقىق قىلىپ چىققان سۈنئىي ئىدراك سېستىمىسى ۋە مىكروسكوپ، مىكرو تەپسىلاتلارغا تايىنىپ تاۋارلارنىڭ راست-يالغانلىقىنى ئايرىيالايدۇ. بۇ يەردە دېيىلگەن راست-يالغاننى ئايرىش ھەرگىزمۇ راست-يالغان iPhoneنى ئايرىشقا ئوخشاش ئاددىي ئەمەس، بۇ قىممەتلىك سومكىنىڭ راست-يالغىنىنى ئايرىيالايدۇ.

ئادەتتە قىممەتلىك سومكىلارنىڭ تەقلىد قىلىپ ياساش تېخنىكىسى بەك يامان، مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىنىڭ خادىملىرىمۇ ھەر قېتىمدا ئېنىق ئايرىپ چىقالمايدۇ. لېكىن ئىلغار سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى سەپلەنگەن Entrupy مىكروسكوپى بۇنى قىلالايدۇ.

Entrupy قاراشتا تور تېلىكامېراسىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ، كۆك چىش ئارقىلىق ئەقلىيفونغا ئۇلىغىلى بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئەپنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىنلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئىشلىتىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي: مىكروسكوپنىڭ بېشىنى قىممەتلىك بۇيۇملارغا تەگكۈزۈپ بىر قانچە قېتىم سۈركەپ سىكانىرلايمىز، ئەقلىيفوندا راست-يالغانلىقى ئېنىقلىنىپ چىقىدۇ، توغرىلىق نىسبىتى %98.5كە يېتىدۇ، ئىشلىتىشكە ئاددىي ھەم قۇلايلىق.

Entrupyنىڭ قۇرغۇچىسى Ashlesh Sharmaنىڭ دېيىشىچە، بۇ بىر ماشىنىلىق تىل ئىشلىتىلگەن مىكروسكوپ بولۇپ، كۆپچىلىك كۆز بىلەن كۆرەلمەيدىغان مىكرو تەپسىلاتلارنى كۆرەلەيدىكەن، سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى بولسا بۇ تەپسىلاتلاردىن مىليونلىغان سانلىق مەلۇمات نۇقتىلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ، يولى، سېلىشتۇرما دەرىجىسى، تىكىچى، تېخنىكىسى ۋە ئۇپراشتىن كېيىنكى ھالىتىنى قاتارلىقلارغا تايىنىپ راست-يالغاننى ئايرىش رولىنى ئوينايدىكەن.

گەرچە ھازىر %100لىك توغرىلىق دەرىجىسىگە يەتمىگەن بولسىمۇ، لېكىن Entrupyنىڭ سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئىشلىتىش ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشى بولىدىكەن. ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇلغا سېلىشتۇرغاندا، بۇنىڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى بولسا، تاۋارلارغا بۇزغۇنچىلىق كەلتۈرمەيدۇ.

بىراق، Entrupy ئىستېمالچىلارغا سېتىلىدىغان شەخسىي ئېلىكترونلۇق بۇيۇم بولماستىن، بەلكى پارچە سېتىش ئورۇنلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، مۇلازىمەت قىلىش باھاسى ھەر ئايدا بەش قېتىم سىكانىرلاشقا 99 دوللار كېتىدىكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号