باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10301يوللانما
780مەستانە

مۈشۈكلەر نېمە ئۈچۈن تار يەرلەرگە كىرىۋېلىشقا ئامراق؟

مەنبە:خەلقئارا لىنىيە تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-08-17 21:10 14 ئىنكاس چۈشتى

خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەگەر سىز «مۈشۈكخۇمار» بولسىڭىز، ئۇنداقتا مۈشۈكنىڭ سىزگە ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقى ئۇنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بەدىنىگە ماس كەلمەيدىغان بوشلۇققا كىرىۋېلىشى بولسا كېرەك. مەسىلەن تېز يوللانما ساندۇقى، يۇيۇنۇش كۆلچىكى، ئەينەك ئىستاكان، پىسا قۇتىسى ھەتتا ئاياغ دېگەندەك...

مۈشۈكلەر بەئەينى «قانچىلىك بوشلۇق بولسا، مەنمۇ شۇنچىلىكلا» دېگەننى ئىسپاتلايدىغانلاردەكلا كۆرۈنىدۇ.

خوش، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن مۈشۈك ئائىلىسىدىكى جانلىقلارنىڭ كىچىك، تار بوشلۇققا قىستىلىپ كىرىش ئادىتى بار؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، گەرچە ئۇلار تار يەرگە قىستىلىشىپ كىرىۋالسا، بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلىدۇ-يۇ، يەنە نېمە ئۈچۈن توختىماستىن شۇنداق قىلىدۇ؟

ئالىملار ئاخىرى بۇنىڭ جاۋابىنى تاپتى: ئالدى بىلەن مۈشۈك ئائىلىسىدىكى جانلىقلار گۆشخور ھايۋانلار بولۇپ، قۇتىنىڭ ئىچىگە «شۇڭغۇپ» كىرىۋالسا، ئۆزلىرىنى سىرتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىدىغان «قالقان»غا ئېرىشكەندەك ھېس قىلىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھىم يىپىق بوشلۇق ئۇلارغا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى شۇنداقلا راھەت تۇيغۇ ئاتا قىلىدۇ.

يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، قۇتا مۈشۈك ئائىلىسىدىكى جانلىقلارنىڭ بېسىمىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئالىملار يەنە مۈشۈك تۈرىدىكى جانلىقلارنىڭ تار، كىچىك بوشلۇقتا تۈگۈلۈپ يېتىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلغاندا، يەنە ئۇلارنىڭ بەدەن ھارارىتىنى ساقلاشقا ياردىمى تېگىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىقلاپ چىقتى.

بىراق «مۈشۈكخۇمار»لارغا نىسبەتەن مەيلى نېمىلا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مۈشۈكنىڭ بۇ ئوماق ھەرىكىتى ئىنتايىن قىزىقارلىق بىلىنىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
  • 135******762 ئاي ئىلگىرى

    قىلمايدىغان قىلىقىمىز يوق دە بىز ئىنسانلارنىڭ

  • چىمەن3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۈشۈككە ئاجايىپ ئامراق ،ئەمما بىنا ئۆيدە باقسام قىيناپ قويغۇدەكمەن ،مۈشۈك دېگەن تالا تۈزگە چىقىپ ئۆيگە كىرىپ ياشىسا ئەركىن بولالايدۇ دەپ ئويلايمەن ،ئۆزۈمنى دەپلا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغسام بولمىغۇدەك ،لېكىن مۈشۈكنى كۆرسەملا قۇچاقلاپ ئەركىلىتيپ كېتىمەن ،ئىچىم بەك كۆيىدۇ

  • تامام3 ئاي ئىلگىرى

    ئاتتام ئانام بەك ئوماق مۈشۈكلىكەن بۇ

  • دېھقان3 ئاي ئىلگىرى

    مۈشۈككە ئامراق بولغان بىلەن مۈشۈك بېقىشنى بىلمەيدىغانلارمۇ باركەن ھە ، مۈشۈك دىگەن ئۆي ھايۋىنى ، شۇڭلاشقا تەبىئىتى پاكىز ، خالىغان يەرگە تەرەت قىلىپ قويمايدۇ ، لىكىن كىچىكىدىن قەپەزدە بېقىپ چوڭ بولغان ياكى تەرەت قىلىدىغانغا جاي ھازىرلاپ بەرمىگەن مۈشۈكلەر بولسا ئاندا ساندا ئۇيەر بۇيەرگە ھاجەت قىلىپ قۇيىدىغان ئادەت يىتىلدۈرۋالىدۇ ، ئەگەردە بىرە تال مۇۋاپىق داس ياكى باشقا نەرسە بۇلامدۇ ئىشقىلىپ ئىچىگە تۇپا توشقۇزۇپ قويساڭلا شۇ تۇپىغا ھاجەت قىلىپ ئۈزى كۈمىۋىتىدۇ ، شۇ تۇپا قاچىلانغان تەرەت قاچىسىنى ۋاختىدا تازىلاپ بەرسەڭلىلا بۇلىدۇ ، مىنىڭ ئۈيۈممۇ بىنادا ، مىنىڭمۇ مۈشۈكۈم با

  • باھار3 ئاي ئىلگىرى

    بىر تاشلىۋەتكەن مۈشۈكنى بېقىۋالغان ئىدىم قايسى كۈنى قارسام ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۈپ يۈزىنى يۇيۇپ كىتىپتۇ شۇنداق كۈلكىلىك ئىختىيارسىزىلا كۈلىۋەتتىم بەك ئوماق ئىشقىلىپ

  • دىلاش3 ئاي ئىلگىرى

    مىنىڭمۇ مۇشۇكۇم بىنا ئۆيدە كۇندۇرۇش ھاجەتسزكەن بىر قاپ توپا ئەكىرسىڭىز كۇندە شۇ ھاجەتخانىغا كىرىپ ئەدەپ قىلىدۇ ..

  • چالىقۇشى3 ئاي ئىلگىرى

    مەن چىشى مۈشۈككە ئامراق ، ئۇ مۈشۈك 3-4 نى ئاسلانلىسا ، كىچىك ئاسلانچاقلارغا مەن تېخمۇ ئامراق ، بەك ئۇماق

  • چالىقۇشى3 ئاي ئىلگىرى

    مراسلا بەك ئوماقكەن بۇ مۈشۈكلەر ، مىنىڭمۇ مۈشۈككە بەكلا ئىچىم كۆيىدۇ ، مۈشۈككە ئامراق ئادەملەر باغرى يۇمشاق بولامىش ، راس ئوخشايدۇ شۇنىڭغا قارىغاندا

  • خوتەن قىزى3 ئاي ئىلگىرى

    مەنمۇ مۈشۈككە بەك ئامراق،بىنا ئۆيدە بېقىشقا مۈشۈكنى كىچىكىدىن باشلاپ بېقىپ،تازىلىق ئۆيىگە كۆندۈرسىڭىز بۇلىدۇ،مىنىڭ ئۆيۈممۇ بىنا ئۆي،مۈشۈكۈم بار

  • ⚽كونۇپكا پالۋىنى:ھالاكەت ئارخىپى⚽3 ئاي ئىلگىرى

    ھېي………………………!!!!!!
    مۈشۈككە ئامراقلىقىمدىن چىشلىۋالغۇملا كېلىدۇ…………!!
    تاتلىقلىقىنى……………!!!!
    ئۆيۈمدە بەش-ئالتە مۈشۈك بولسىمۇ يەنىلە ئازدەك
    بېلىنىدۇ…………
    ھى………ھى……………ھى……………
    ھازىرمۇ مۈشۈكلىرىمنى قۇچاقلاپ ئولتۇرۇپ ئىنكاس يېزىۋاتىمەن مانا………!!!

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号